«ئۇيغۇرلارنىڭ خوڭكوڭنى قوللاش ھەرىكىتى» كۇچلۇك ئىجابى تەسر قوزغىدى.

دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئاكتىپ پائالىيەت قىلىۋاتقان بىر قسىم ئۇيغۇرلار «ئۇيغۇرلارنىڭ خوڭكوڭلۇقلارنى قوللاش ھەرىكتى »چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، خوڭكوڭلۇقلارنىڭ ئالتە ئايدىن بىرىقى ئۆز ئەركىنلىكى ئۈچۈن ختتاي ھاكمىيتىگە قارشى نامايشنى قوللاپ ئاۋاز بىلدۇردى

تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان،  ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى

 

ۋاشنگىتون، 2019-يىلى 25-نويابىر

 

دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئاكتىپ پائالىيەت قىلىۋاتقان بىر قسىم ئۇيغۇرلار «ئۇيغۇرلارنىڭ خوڭكوڭلۇقلارنى قوللاش ھەرىكتى »چاقىرىقىغا  ئاۋاز قوشۇپ، خوڭكوڭلۇقلارنىڭ ئالتە ئايدىن بىرىقى ئۆز ئەركىنلىكى ئۈچۈن ختتاي ھاكمىيتىگە قارشى نامايشنى قوللاپ ئاۋاز بىلدۇردى:«ئۇيغۇرلار خوڭكوڭلۇقلارنى قوللايدۇ.ختتاي ھاكىمىيتى ھەممىمىزنىڭ دۇشمىنى،بىز مۇرىنى-مۇرىگە تىرەپ ختتايغا قارشى بىرلىكسەپ قۇرۇشىمىز كىرەك».ئۇلارنىڭ قوللاش سادالىرى يۇز مىڭلىغان خوڭكوڭلۇقلار،تەيۋەنلىكلەر ۋە باشقىلارنى تەسرلەندۇرگەن بولۇپ،يوللانغان ۋىدىئولار ئاستىغا يۇزلىگەن ئىنكاسلار چۇشۇپ،ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ھەرىكىتىدىن مىننەتدار بولغانلىقىنى بىلدۇرگەن.

 

ئاۋاز قوشقۇچىلار: ئۆمەر قانات ،ئەركىن سىدىق ،قۇززات ئالتاي، مايسەم مۇتەللىپ، ئىلھام مەھمۇت ، بەختيار ئۆمەر ، تۇيغۇن ئ‍ابدۇەلى ، خالمۇرات ئۇيغۇر ، ئارسلان ھىدايەت، تۇمارسئالماس،ئىرادە كاشغەرى، تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان  قاتارلىقلاردىن ئىبارەتتۇر.

 

ئۆمەر قانات ئەپەندى سۆزىدە مۇنداق دىگەن:خوڭكوڭلۇقلار دۇچ كىلىۋاتقان مەسلە بىزگە ئۆزىمىز دۇچ كەلگەن مەسللەرنى ئەسلىتىدۇ،ساقچىلارنىڭ خوڭكوڭ ياشلىرىغا زوراۋانلىق قىلىشى-كىشنىڭ  غەزىپىنى قوزغايدۇ،دۇنيا بۇنىڭغا كۇچلۇك ھەرىكەت قوزغىشى كىرەك،ئۇيغۇرلار سلەر بىلەن بىرگە ۋە سلەرنى قوللايدۇ «

 

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى قۇززات ئالتاي مۇنداق دىگەن:زەھەر ھەرگىزمۇ ھەسەلگە ئۆزگەرمەيدۇ.ختتاي كوممۇنست پارتىيسى بىز كۆرەش قىلمىغۇچە بىزنىڭ ئ‍نسانى غورۇرىمىز ۋە ھوقۇقىمىزنى ھەرگىز ھۇرمەت قىلمايدۇ.ختتاي بىلىدىغان بىردىنبىر تىل -قارشىلىقتۇر!

 

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيتى رەئىسى ئىلھام مەھمۇت ئەپەندى:«ئۇيغۇر خەلقى-قورقماس،باتۇر،ئەركىنلىك ۋە دىموكراتىيە ئۈچۈن كۆرەش قىلىۋاتقان  قەيسەر خوڭكوڭ خەلقىگە چوڭقۇر ھۇرمەت بىلىدۇرىدۇ.

 

بىز مەڭگۇ ئېزىلگەن خەلق بىلەن بىرگە،بىز خوڭكوڭلۇقلار بىلەن ئوخشاش دۈشمەن -ختتاي كوممۇنستىك پارتىيسگە دۇچ كىلىۋاتىمىز.بىز بىرلەشسەك چوقۇم ئۇلارنى مەغلۇپ قىلالايمىز « ئۇنىڭ بۇ سۆزى ئەڭ كۆپ كۆرۇلگەن بولۇپ،ھازىرغىچە 37 مىڭ قېتىم كۆرۇلگەن.

 

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر بالىلىرىمۇ خوڭكوڭلۇقلارنى قوللىغان بولۇپ،ئۇلارنىڭ ئاۋازى مىڭلىغان خوڭكوڭلۇقلارنى تەسرلەندۇرگەن.

 

خوڭكوڭلۇقلار  ئالتە ئايدىن بىرى تەۋرەنمەي ئۆز ئەركىنلىكى ئۇچۇن كۆرەش قىلىۋاتىدۇ.ئۇلار  بۇگۇنگە قەدەر  ختتاي كوممۇنستىك پارتيسنىڭ كونتىرۇللۇقىغا قارشى ئەڭ كۇچلۇك قارشى تۇرالىغان بىردىنبىر كۇچ ھسابلىنىدۇ.خوڭكوڭلۇقلار بۇ مەزگىلدە خىزمەت،ئوقۇش ۋە نورمال تۇرمۇشنى تاشلاپ ،ئۆز ئەركىنلىكى ئۇچۇن قەتئى كۆرەش قىلدى.

 

نا مايىش جەريانىدا،ختتاي ساقچىلىرى مىڭلىغان ياشلارنى تۇتتى.

 

يارىلانغان ئۆلگەن خوڭكوڭ ياشلىرىمۇ كۆپ بولۇپ، نامايىشلىرىدا تۇرلۇك ئۇسۇللاردا ئۇيغۇرلارنى قوللاپ كىلىۋاتىدۇ.

 

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى ۋە «ختتايغا ئ‍شەنمە» پىروجەكتى باشلىغان بىر ھەرىكەت ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ دەۋاسنى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرى سۇرۇش مەقسەت قىلىنغان بولۇپ، دۇنياغا ، خوڭكوڭلۇقلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئادالەت ۋە ئەركىنلىك تەرەپتە ئىكەنلىكىنى بىلدۇرۇش بىلەن بىرگە،ئۇيغۇرلار دۇچ كىلىۋاتقان مەسللەرنىمۇ ئاڭلىتىشتىن ئىبارەتتۇر.

 

ئۇيغۇر پىروجەكىتلىرى فوندى رەئىسى،دوكتۇر ئەركىن سىدىق مۇنداق دىگەن:بىز شەرقى تۇركستاندىكى ئۇيغۇر خەلقى ختتاي كوممۇنست پارتىيسى ئ‍شغال قىلىۋالغان  يەتمىش يىلدىن بىرى،ئۇيغۇر مىللى كىملىكى ۋە مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قىلىش، ئۇچۇن كۆرەش قىلىۋاتىمىز.بىراق ھازىر بىز رەزىل ختتاي كوممۇنست پارتىيسنىڭ رەزىل سياستى ۋە رەزىل نىيتى سەۋەپلىك پۇتۇنلەي يوقىلىش كىرزىسگە دۇچ كىلىۋاتىمىز،نۆۋەتتە خوڭكوڭلۇقلارمۇ ئۆز ئەركىنلىكىنى،دىموكراتىيسنى ،ئاساسى ئ‍نسانى ھوقۇقىنى يوقتىش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە.بىز ئۇيغۇر خەلقى خوڭكوڭلۇقلارنىڭ ئادالەت ئۇچۇن،ئەركىنلىك،دىموكراتىيە ۋە ئ‍نسانى ھوقۇقىنى ساقلاپ قىلىش ئۇچۇن قىلغان كۆرەشلىرىنى قوللايدۇ.    

 

ھەر بىرەيلەن ئۆزگىچە نادىر سۆزلەر بىلەن ئاڭلىغۇچىلارغا تەسرلىك نۇتۇقلارنى تەقدىم قىلغان بولۇپ،ئۇيغۇر مىللى ھەرىكىتى تەشكىلاتى رەھبىرى رابييە قادىر خانىم مۇنداق دىگەن:ياخشمۇ سلەر خوڭكوڭلۇق دوسلار،مەن رابىيە قادىر،ئۇيغۇرلار سلەرنى قوللايدۇ،ختتاي كوممۇنتسك پارتىيسى بىزنىڭ دۇشمىنىمىز،بىز يېڭىمىز،ئۇلار مەغلۇپ بولىدۇ.ئۆزۇڭلارغا ئ‍شنىڭلار،ئادالەتكە ئ‍شنىڭلار،ياراتقۇچى مەدەتكار بولسۇن.

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

مەخپىيەتلىكلەر ئاشكارىلانغاندىن كىين ختتاي قانداق ئىنكاس قايتۇرماقتا؟(1)

دۈ نويابىر 25 , 2019
پۇتۇن تاراتقۇلار ختتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قامىغان مەخپى لاگىرلارنى قايناق مۇھاكىمە قىلىۋاتقان بىر پەيتتە،ختتاينىڭ زۇۋانى بولغان يەرشارى ۋاقىت گېزىتىنىڭ باش مۇھەرىرى خۇشى جىن مۇنداق دىدى:ختتاي شنجاڭدا ھەقىقى ئ‍نسانى ھوقۇق بولۇشنى خالايدۇ.ئۇ بولسمۇ كشلەرنىڭ تىچ-خاتىرجەم ھايات كەچۇرۇشدۇر

You May Like