«ئۇيغۇرلارنى دېپورت قىلما!» ناملىق سوسيال مېدىيا ھەرىكىتى باشلاندى

#StopDeportUyghurs

سالام مۇھاجىرەتتىكى بارلىق قېرىنداشلار، ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى بۈگۈن ئېلان قىلغان خەۋەردە، تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرمىدىكى 43 ئۇيغۇرنى خىتايغا دېپورت قىلىش ئالدىدا تۇرغانلىقى خەۋەر قىلىندى. ۋەزىيەت جىددىي، ئەھۋال ئېغىر، خەتەر كەسكىن!

بۇ ئەھۋالدا، بىز ئۈچ تۈرلۈك ئىشلارنى قىلالايمىز:

بىرىنچى – تەشكىلاتلىرىمىز ئارقىلىق ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئالاقە قىلىپ، بۇ ئۇيغۇرلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛ قانۇنىي ۋاسىتىلەرنى ئىشلىتىش.

ئىككىنچى – غايەت زور كۆلەمدە سوسيال مېدىيا ۋە ئاخبارات ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، تېخىمۇ كۆپ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشىگە چاقىرىش.

ئۈچىنچى – تايلاند ھۆكۈمىتىگە بىۋاستە چاقىرىق قىلىش: تايلاند ئەلچىخانىسىغا خەت، ئالاقە، تېلېفون، نامايىش، سوسيال مېدىيا ئارقىلىق بېسىم چۈشۈرۈش.

مەن بىلىدىغان بىر قىسىم غەربلىك ئىلمىي ئورگانلار ھەرىكەتكە ئۆتتى. ئادۋوكات تۇتۇپ، يول مېڭىۋاتىدۇ.

مەن تايلاند ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر مەھبۇسلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرمەسلىككە چاقىرىدىغان زور كۆلەملىك ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھەرىكىتى باشلاتتىم. قىسقا ۋە جىددىي مۇراجىئەت چىقاردىم. ھەممىڭلارنىڭ جىددىي ماسلىشىپ، قولۇڭلاردىن كېلىدىغان خىزمەتنى قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۇلار خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلسە، تۈرمە، قىيىن-قىستاق، ھەتتا ئۆلۈم جازاسى كېلىدىغانلىقى ئېنىق. ئۇلار بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىزدۇر.

مۇھاجىرەتتىكى بارلىق ئۇيغۇرلار نامىدىن ھەممىمىز تەڭ كۈچەيلى!

تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان، 11-يانۋار

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

You May Like