ئۇيغۇرىئان: 100 مىڭلىغان كىشلەرگە رەھمەت!

ئۇيغۇرىئان

مەن تۇققانلىرىم، قېزىم ،ئاپىسى، دوسلىرىمنىڭ ئازابىنى ھەر كۈنى يۈدۈپ يۈرىمەن، يىغلايمەن. ئەمما ھەر كۈنى قايغۇلىرىمنى ئورتاقلىششش-مەن ۋە باشقىلار ئۈچۈنمۇ ئازاپلىق. تۈنۈگۈن ئائىلەم (ئاپام ۋە ئىككى ئىنىم، 28 نەپەر تۇققانلىرىمنىڭ قامىلىشى ) دۇچ كەلگەن تۈرمە ۋە ئايرىلىش ئىلىپ كەلگەن روھى ئازاپلار ھەققىدىكى مەزكۇر يازمام 2 كۈنگە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، ئەكس(تېۋىتتر)دا 100مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق كۆرۈلۈپ تېۋتتردا ختاي تەشۋىقاتلىرىنى رەت قىلىدىغان مۇھىم بىر ھادىسگە ئايلاندى. بۇ 2018-يىلى باشلىغان«ختاي -ئۇيغۇر ئاخبارات ئۇرۇشى»ھەرىكىتىنڭ داۋامى.

ئۇيغۇر مەسلىسى ئاستا-ئاستا خەلقئارالىق ئالدىنقى كۈنتەرتىپتىن قىلىۋاتقان، چوڭ تاراتقۇلارمۇ ئېجتىمائى تاراتقۇلاردا ھەتتا « 10 مىڭ» ئوقۇرمەن تېپىشتا قىينىلىدىغان ھازىرقىدەك ۋاقىتتا، 100 مىڭ كىشنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە ئائىلەم دۇچ كىلىۋاتقان مەسلىنى قايتا ئەسلىشى، بىلىشى ۋە قوللىشى -مەن ئۈچۈن ئىچىمگە ئۆتۈپ كەتكەن جىنايەت تۇيغۇسى ئازاپنى ۋاقىتلىق يەڭگىللىتىىشى مۇمكىن. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن يۈزلىگەن دۇئالار ئۈچۈن رەھمەت.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

You May Like