ئۇيغۇر رادىئوسى «ھەپتىلىك خەۋەرلەر» پروگراممىسى(6-مارتتىن 13-مارتقىچە)

ئۇيغۇر رادىئوسى «ھەپتىلىك خەۋەرلەر» پروگراممىسى(6-مارتتىن 13-مارتقىچە)

  ئۇيغۇر رادىئوسى «ھەپتىلىك خەۋەرلەر» پروگراممىسى(6-مارتتىن 13-مارتقىچە)

بۇ ھەپتە ئىچىدە دۇنيا مىقياسىدا يۈز بەرگەن ئۇيغۇرلارغا ئائىت مۇھىم خەۋەرلەر تۆۋەندىكىچە:

نورۋېگىيە پارلامېنتىدا «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ماقۇللاش لايىھىسى» سۇنۇلدى

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك تىرىشچانلىقىدىن كېيىن، ئاخىرى نورۋېگىيە پارلامېنتىدا «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ماقۇللاش لايىھىسى» نورۋېگىيە يېشىللار پارتىيەسى، لىبېرال پارتىيە، خرىستىئان خەلق پارتىيەسى ۋە سوتسىيال لىبېرال پارتىيەلەر تەرىپىدىن 3-ئاينىڭ 8-كۈنى رەسمىي سۇنۇلدى. ئاۋازغا قويۇش بۇ قېتىمقى لايىھەدىن كېيىن ئايرىم بېكىتىلدى، شۇنداقلا بۇ كۈنى لاگېر شاھىتى سايراگۈل ساۋۇتباي خانىم پارلامېنتتا گۇۋاھلىقتىن ئۆتتى.

سېرىكجان بىلەشنىڭ تۋىتتېردا ھەمبەھىرلىگەن قىسقا يازمىسى نارازىلىقلارنى قوزغىدى

«قازاق ئىنسان ھەقلىرى»  گۇرۇپپىسى بىلەن پائالىيەت قىلىۋاتقان سېرىكجان بىلەش 2023-يىلى 9-مارت ئۆزىنىڭ تۋىتتېر سەھىپىسىدە ھەمبەھىرلىگەن قىسقا يازمىسىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىگەن : « ئىلى، ئالتاي ۋە تارباغاتاي چىڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان بولۇپ، ئەسلى قازاق خانلىقىغا تەۋە يەرلەردۇر. خىتاي ۋە روس كىلىشىمى (يەنى 1881-يىلدىكى سانكىت بىتىربۇرگ كىلىشىمى) بۇنىڭ تىپىك ئىسپاتى بولالايدۇ. بىراق بەزى كىشىلەر قازاقلارنىڭ شىنجاڭدىكى ھەقىقىي كىملىكىنى قەتئىي رەت قىلماقتا.»

سېرىكجاننىڭ بۇ قىسقا يازمىسىغا نىسبەتەن نارازىلىق ۋە  سوئال تەرىقىسىدە ئىنكاسلار قالدۇرۇلغان بولۇپ، ئاساسلىق مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە: يەنى سېرىكجاننىڭ ئېيتقىنى قايسى قازاق خانلىقى ئىكەنلىكى، قازاقلارنىڭ قاچان ئۇ رايونلاردا ئىگىلىك ھوقۇقى بولغانلىقى ۋە دەلىل كۆرسىتىش كېرەكلىكى توغرىسىدىكى سوئاللار… 

يەنە بىر ئىنكاستا مۇنداق دېيىلگەن: « ئۇيغۇرىستاننىڭ   تۇرپاننى مەركەز قىلغان ئىدىقۇت ئۇيغۇر دۆلىتى 550 يىل ھاكىمىيەت سۈرگەن بولۇپ ، غەربتە بۈگۈر، شىمالدا ئالتايدىن ئىلى ۋادىسى ۋە يەتتەسۇغىچە ،جەنۇبتا تەكلىماكان چۆلىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. بۇ رۇس، دۇنيا تارىخچىلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇرىستان دەپ ئاتالغان .

سېرىكجان بىلەشنىڭ قازاق ۋە ئۇيغۇر خەلقلىرى ئارىسىغا سېلىۋاتقان  ئىغۋاگەرچىلىكلىرى بىرنەچچە يىلدىن بېرى توختاۋسىز داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، بەزى قازاق زىيالىيلار ئارىسىدا «قازاقلارنىڭ ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ، قېرىنداش خەلقلەرنىڭ ئارىسىغا زىددىيەت سالماقچى بولغان كىشى» دېگەندەك قاراشلار مەۋجۇت. 

سەيت تۈمتۈرۈك ئەپەندى ئامېرىكىدا زىيارەتتە

سەيىت تۈمتۈرىك ئەپەندى ئامېرىكا زىيارىتىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى سابىق رەئىسى ھۆرمەتلىك رابىيە قادىر خانىم ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى ئەلفىدار ئىلتەبىر خانىملار، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا زىيارەتتە بۇلغان بولۇپ ، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قارشى ھەرىكەتلىرىدىن مەلۇمات بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللىغانلىقىغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرگەن .

ئابدۇللاھ قاراجىم ئۇيغۇرىستانى تۈركىيەدىكى ۋاقىتلىق تۇرۇپ تۇرۇلغان قايتۇرۇلۇش ئورنىدىن قويۇپ بېرىلگەن

مۇھاجىرەتتىكى جامائەتچىلىككە تونۇشلۇق دىنىي ئۆلىما ئابدۇللاھ قاراجىم ئۇيغۇرىستانى 2022-يىلى 12-ئايدا ئىستانبۇلدىكى ئۆيىدىن  سەۋەبسىز ھالدا تۈرك ژاندارما ساقچى ئەترىتى تەرىپىدىن  تۇتۇپ كېتىلگەن بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ يېقىنلىرىنى ۋە ئەل-جامائەتچىلىكنى ئېغىر ساراسىمىگە سالغان ئىدى.

 گۇمان بىلەن بىرمەزگىل توختىتىلىپ قايتۇرۇش ئورنىدا تۇتۇپ تۇرۇلغان ئابدۇللاھ قاراجىم بۇ يىل يەنى 2023-يىلى 9-مارت قويۇپ بېرىلگەن. ئۇنىڭ نېمە سەۋەبتىن تۇتۇپ تۇرۇلغانلىقى تېخىچە ئېنىق ئەمەس بولۇپ، ساقچى تەرەتتىن «جىنايىتى بېكىتىلمىگەن  گۇمانلىق كىشى» دەپ قارالغانلىقىدىن باشقا ھېچقانداق چۈشەندۈرۈش بەرمىگەن. 

تۈركىيە قەيسەرى شەھىرىدە يەنە يۈر بەرگەن يەر تەۋرەش ئاھالىلەرنى ساراسىمىگە سالماقتا. 

تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىدە 10-مارت جۈمە كۈنى سەھەر ۋاقتى 5:30 دا 4.8بال يەر تەۋرىگەن بولۇپ ،قەيسەرىدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر ئاھالىلىرى ئەندىشە  ئىچىدە قالغان.
يەر تەۋرىگەن ۋاقىتتا بەزى ئائىلىلەر ئۆيدىن سىرتقا چىقىپ كېتىشكەن.
كۆپىنچىسى ئىجارە ئۆيدە تۇرۇۋاتقان ئاھالىلەر ئېغىر تۇرمۇش بېسىمى ھەلەكچىلىكىدە كۈن كەچۈرۋاتقانلىقتىن، يەر تەۋرەش خەۋپى يوق بولغان باشقا شەھەر ياكى رايونلارغا كۆچۈپ كېتىشكە شارائىتى يار بەرمەيدىكەن.
ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە بىر قىسىم كىچىك بالا-چاقىلىق ئائىلىلەر، باشقا رايونغا كۆچۈپ كېتىش ئۈچۈن ئىستانبۇل ۋە باشقا يەرلەردىكى ئۇرۇق-تۇغقان، تونۇش-بىلىشلىرىگە مۇراجىئەت قىلىپ ياردەم سوراۋاتقان. 

پىلانلىغۇچى: تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىيان
تەييارلىغۇچى: ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى خەۋەرلەر بۆلۈمىدىن: ئۇيغۇر تۆرە
كىلەر ھەپتە كۆرۈشكۈچە ئامان بولۇڭلار!

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

خىتاي دائىرىلىرى بېيجىڭدىكى بىر ياپون پۇقراسىنى قولغا ئالغان

دۈ مارت 27 , 2023
خىتاي دائىرىلىرى بېيجىڭدىكى بىر ياپون پۇقراسىنى قولغا ئالغان

You May Like