ئۇيغۇر قىزى ئەلنىگار ئامرىكا خەۋىپسىزلىكى خىتاي بۆلۈمى دىرىكتورى بولدى

تىرامپ ھۆكۈمىتى بىر ئۇيغۇر ئاكادىمىكنى ئامرىكا ئاقساراي دۆلەت خەۋپسىزلىك كىڭىشىدە خىتاي بۆلۈمى دىرىكتورى قىلىشى ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتكە تەسىر كۆرسىتىدىغان سىموۋۇللۇق بىر قەدەم ھىسابلىنىدۇ.

تاشقى مۇناسىۋەت ژورنىلىدىن قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىندى

تەرجىمە قىلغۇچى: ئەردەم

2019-8-15

  تىرامپ ھۆكۈمىتى بىر  ئۇيغۇر ئاكادىمىكنى ئامرىكا ئاقساراي دۆلەت خەۋپسىزلىك كىڭىشىدە خىتاي بۆلۈمى دىرىكتورى قىلىشى ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتكە تەسىر كۆرسىتىدىغان سىموۋۇللۇق بىر قەدەم ھىسابلىنىدۇ. نۆۋەتتىكى ۋە سابىق ئامرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ«تاشقى مۇناسىۋەت»ژورنىلىمىزغا بىلدۈرۈشىچە، خارۋاد كىنىدىي ئىنىستىتۇتىنىڭ ئاكادىمىكى ھەمدە  نامدار ئۇيغۇر زىيالىيسى ۋە جورنالىسىت ئابلىكىم باقىنىڭ قىزى ئەلنىگار ئىلتەبىر تېخى يىقىندا ئاقسارايدا خىزمەت قىلىشقا تەيىنلەنگەن. ئەلنىگارنىڭ ۋەزىپىسى بولسا تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم خىزمەت نۇقتىسىدىن بىرى بولغان خىتايغا قارشى سىياسەت تۈزۈشكە ياردەملىشىشتۇر. بۇلار سودا، ھەربىي ۋە  كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەلنىگارنىڭ ئائىلىسى خىتاينىڭ غەربى شىمالىدىكى شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن، ئۇ جايدا خىتاي ئاساسلىق ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارىتا مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى يۈرگۈزىۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلەنمەكتە. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئاسىيا- تىنىچ ئوكيان بۆلۈمىنىڭ باشقۇرغۇچىسى فىرانسىسكو بېنكوزم ئەلنىگارنىڭ بۇ خىزمەتكە ئولتۇرۇشى ھەققىدە سۆز قىلىپ:«خىتاي ھۆكۈمەت خادىملىرى بىلەن بولغان سۆھبەتلەردە ئۈستەلنىڭ قارشى تەرىپىدە بىر ئۇيغۇرنىڭ ئولتۇرۇش ئىھتىماللىقى كىشىنى تولىمۇ ھاياجانغا سالىدۇ». ئەلنىگارنىڭ لىنكىدئىن  سەھىپىسىدە ئۇ 2015- يىلى مەرىيلەند ئۇنىۋىرسىتىدا خەلقئارا خەۋىپسىزلىك ۋە ئىقتىسادىي سىياسەتتە دوكتۇرلۇق ئىلىشتىن بۇرۇن، جورج ۋاشىنگىتون ئۇنىۋىرسىتى ۋە خارۋارد ئۇنىۋىرسىتى كىنىدىي ھۆكۈمەت ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇغانلىقى كۆرسىتىلگەن. ئەلنىگار بۇ توغرۇلۇق چۈشكەن ئىنكاسلارغا جاۋاب بەرمىگەن، دۆلەت خەۋپسىزلىك كىڭىشىمۇ ئىنكاس قايتۇرۇشنى رەت قىلغان. «گەرچە بىر ئۇيغۇر پۇشتىدىن بولغان شەخىسنىڭ كىڭەشتە خىزمەت ئۆتىشى كىڭەشنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە كۆزىتىش ئىقتىدارىدا مۇھىم رول ئوينىسىمۇ، ھۆكۈمەت ئۇيغۇرلارغا ياردىمى بولىدىغان سىياسەتلەرنى تۈزەمدۇ يوق بۇ ھەقىقىي سىناق ھىسابلىنىدۇ. بۇ خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى سوتقا تارتىش، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە جانلاندۇرۇش ياكى خىتاي ئەمەلدارلىرى تەرىپىدىن خورلانغان خەلقنى قوللاش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ». ئامرىكا دۆلەت ئىشلىرى بۆلۈمى ، مىدىيا ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ تەخمىن قىلىشىچە، يىقىنقى ئىككى يىل ئىچىدە خىتاي ھۆكۈمىتى 800 يۈز مىڭدىن 2 مىلىيونغا قەدەر ئۇيغۇر قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنى سولاپ قويغان. تۇتقۇن قىلىنغانلار سوت ئىچىلماستىنلا ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق، قىيناش ۋە باشقا خورلاشلارغا ئۇچرىغانلىقى دوكىلات قىلىنغان. خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە مۇسۇلمانلار قاتتىق باستۇرۇلىۋاتقان مەزكۇر رايوندا ئەسەبىيلىكككە قارشى تۇرۇش نامىدا كۆپلىگەن مەسچىتلەرنى چىقىۋەتكەن. ئامرىكا يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئەمەلدارلىرىدىن مايك پومپىيو، مايىك پەنىس قاتارلىقلار ئۇيغۇر مەسىلىسىگە يىقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كەلمەكتە. بىراق تىرامپ خىتاي سودا سۆھبىتىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى بىر چەتكە قايرىپ قويغان ئىدى. تىرامپنىڭ تۇنجى قىتىم ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئاشكار پىكىر بىلدۈرۈشى مەشھۇر ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ قىزى جەۋھەر ئىلھام ئاقسارايدا دىنىي باستۇرۇشقا ئۇچرىغانلار قاتارىدا سۆز قىلغاندا بولدى.   ئىزاھات: ماقالىدىكى ئاتالمىش « شىنجاڭ» ئاتالغۇسى بىردەك «شەرقىي تۈركىستان» دەپ تەرجىمە قىلىندى. مەنبە: https://foreignpolicy.com/2019/08/14/why-a-new-trump-appointee-could-be-the-latest-sticking-point-between-the-u-s-and-china-uighur-american-director-nsc/        

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

تۈركىيە خىتاي مۇناسىۋىتى ۋە كەلگۈسى (1)

جۈ ئاۋغۇست 16 , 2019
خىتاي - تۈركىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى رەسمى ھالدا 1971-يىلى باشلانغان ئىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ مۇناسىۋەتلەر ئەگرى-توقاي يوللارنى بېسىپ ئۆتتى. ئۆتكەن ئون يىل مابەينىدە قانداقلا بولمىسۇن ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدە بولۇپمۇ ئىقتىسادىي ،سىياسىي ۋە كۈلتۈر قاتارلىق جەھەتلەردە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشلەر بولدى.

You May Like