ئۇيغۇر مۇستەقىللىق جەڭچىسى-ئازات قاسم ۋاپات بولدى

تۇرسۇنجان،ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى,13-سىنتەبىر

مۇھاجىرەتتە ئۇزۇن يىللاردىن بىرى ،ئۇيغۇر مۇستەقىللىقى ھەققىدە ئىزدىنىپ كەلگەن يازغۇچى ئازات قاسم ئەپەندى 2023-يىلى 13-سىنتەبىر تۈركىيەدە كېسەل سەۋەبى بىلەن ۋاپات بولدى.

ئىگەللىشمىزچە، ئازات قاسم ۋەتەندە تۇغۇلغان، ئەدەبىيات ساھەسدە كۆزگە كۆرۈنگەن، ئوتتۇرا ئاسيادا بىر مەزگىل ياشىغان، ئۇيغۇر تارىخى، سياسى مەۋجۇتلۇقى ، مۇستەقىللىق ۋە قوراللىق كۆرەش ھەققىدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە تونۇلغان پائالىيەتچىلەرگە كۆپ قېتىم چاقىرىق قىلغان ئىكەن.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ۋە مەرھۇم بىلەن تونۇشقان، پىكىر ئالماشتۇرغانلار مۇنداق پىكىر بىلدۈردى: 

گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئابدۇرىھىم غىنى مۇنداق دىگەن:

  «بىز تارىختىن ئىبرەت ئېلشىمىز، تارىخىنى ئەينەك قىلىپ ئۆتمىشىمىزنى كۈرۈپ كەلگۈسىمىز ئۈچۈن قوللىنىشىمىز كېرەك. بىز تارىختىن ئىبارەت بۇ ئەينەك ئارقىلىق ئۈزىمىزنىڭ خاتالىقىمىزنى ھىس قىلالىغان ۋاقتىمىزدا تارىخى بىزگە ھەقىقەتنى ئېچىپ بىرىدۇ. ئەگەر تارىخنى ئۈتۈپ كەتكەن ئىش، تەكرارلاشنىڭ ھاجىتى يۇق دەپ تارىخقا پەرۋاسىز قارىغاندا بىز يەنە تارىختىكى خاتالىقلارنى تەكرارلايمىز.»

ئامېرىكىدا تۇرىدىغان نۇرى مۇسابايوۋ  فايس بۇكقا  مۇنداق يازغان:

«ئازات ئاكا بىلەن 2009- يىلى  ئامېرىكىدا كۆرۇشكەن، تونۇشقان ئىدۇق،  2012- يىلى توكيودا يەنە كورۇشۇتۇق، شۇندىن ئتىبارەن   بىر بىرىمىزنىڭ   ھۆرمىتىنى  قىلىشىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ كەلىۋاتقان  ئىدۇق.  ئازات ئاكام ئويلىغانلىرنى ۋە خىيالىغا كەلگەن پىكىر، پىلانلىرىنى ئورتاقلىشىپ كەلگەن ئىدى.

گەرچە ئىككىمىز دۇنيانىڭ ئىككى تەرىپىدە ياشاۋاتقان بولساقمۇ، كوڭۇللىرىمىز يەقىن ئىدى. موھىم مەسىلىلەرنى ھىچ تارتىنماي مۇزاكىرىلىشەتتۇق. چۇنكى دىلىمىز يەقىن ئىدى. نىشان، نىيەت، مەقسەت  بىر ئىدى.

ئازات ئاكام شەرقىي تۇركىستاننىڭ بىر قوراللىق ئۇرۇش بولماي مۇستەقىل بولمايدىغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۇچۇن كىچىك بولسىمۇ  بىر شەرقىي تۇركىستان ئارمىيەسىنى قۇرۇشنىڭ موھىملىقىنى  ئالدىن بىلگەن كىشىلەرنىڭ بىرى ئىدى. بۇنىڭ ئۇچۇن قولىدىن كەلىشىچە تىرىشقان ئىدى.

ئۆزى قىرغىزىستاندا بولسىمۇ، شەرقىي تۇركىستان ئارمىيەسى قۇرۇش ھەۋىسى بىلەن تۇركىيەگە كەلىپ، تۇركىيەدىكى پىداكار، جاسارەتلىك، قولىغا قورال ئەلىشنى خالايدىغان شەرقىي تۇركىستانلىق قەرىنداشلار بىلەن كۆپ قەتىم كۆرۇشكەن ئىدى، ھەتتا ئۇلار بىلەن  ئىستانبۇلدا بىرگە ياشىغان ئىدى.

شەرقىي تۇركىستان ئارمىيەسى قۇرۇپ، ۋەتەنگە قوراللىق كىرىش ئارزۇ ئىستەكلىرى بىلەن ھىندىستاننىڭ لاداق رايونىغا ئىككى قەتىم بارغان ئىدى.

ئازات ئاكا شەرقىي تۇركىستان ئارمىيەسى قۇرۇش ئارزۇسى ۋە پىلانى بىلەن قىرغىزىستان تۇركىيە -ھىندىستان ئارىلىقىدا توختىماي ھەركەت قىلىۋاتقان ئىدى. 3- قەتىم ھىندىستانغا بەرىش تەييارلىقىدا تۇرىۋاتقاندا، تۇيۇقسىز بىر كەسەلگە گىرىپتار بولۇپ، تەخى يەقىندا  بىشەكتىتىن ئىستانبۇلغا داۋالىنىشقا كەلگەن ئىدى.»

تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان مۇنداق دىدى: «مەرھۇم بىلەن مەن ئىككى قېتىم تىلفونلاشقان ئىدىم، ئىرادىسى كۈچلۈك ۋە كەسكىن، پىكرى ئېىنىق ئۇيغۇر مىللەتچىسى ئىدى.كەلگۈسى ھەققىدە  نۇرغۇن پىكىرلەرنى ئورتاقلاشقانىدۇق.مۇستەقىللىق ئاساسلىىق سۆھبەت تېمىمىز ئىدى.مەرھۇم مۇستەقىللىقىمىزگە ئەسقاتىدىغان دىپلوماتىك پائالىيەتنى كۈچەيتشمىزنى ئۈمىد قىلاتتى.نۇرغۇن پىكىرلىرىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرالماي، تېخى يۈز-تۇرانە ئۇچراشماي ئايرىلدۇق.»

uyghurtimesuyghur

One thought on “ئۇيغۇر مۇستەقىللىق جەڭچىسى-ئازات قاسم ۋاپات بولدى

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

پشقەدەم ئۇيغۇر جامائەت ئەربابى ۋە پائالىيەتچى ئەمرۇللا ئەفەندىگىل ئەپەندى ۋاپات بولدى.

چا سېنتەبىر 13 , 2023
تۈركىيەدىكى ئەڭ پشقەدەم ئۇيغۇر جامائەت ئەربابلىرىدىن بىرى، ئۇزۇندىن بىرى تۈركىيەدە ياشاپ، سياسى پائالىيەت ۋە جامائەت ئ‍شلىرى بىلەن شۇغۇللۇنۇپ كەلگەن ئۇيغۇر -ئەمرۇللا ئەفەندىگىل ئەپەندى `12-سىنتەبىر يۈرەك كېسلى بىلەن ئالەمدىن ئۆتتى. ئەمرۇللا ئەفەندىگىل ئەپەندى 1955-يىلى ئۇيغۇرستاننىڭ يەكەن ناھىيسدە تۇغۇلغان ، 1965-يىلى 10 يېشدا ئاۋال ئافغانستان ئاندىن تۈركيەگە كۆچۈپ كەلگەن.  مەرھۇم 1989-يىلى قەيسەرى […]
ئەمرۇللا ئەفەندىگىل

You May Like