ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەش قانۇنى ئىمزالانغاندىن كېيىنكى خىتاينىڭ ئىنكاسى قانداق بولدى؟

ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك قىلمىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» ئىمزالانغاندىن كېيىنكى خىتاينىڭ ئىنكاسى قانداق بولدى؟»

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى24-دېكابىر

23-دېكابىر ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىن « ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك قىلمىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» ئىمزا قويۇپ شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان ھەرقانداق مەھسۇلاتنىڭ ئامېرىكا بازارلىرىغا كىرىشىنى چەكلىدى. بۇ قانۇن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر ۋە دېموكراتچىلار پارتىيەسىدىن كەلگەن پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئورتاق ھالدا ئىمزالىغان ئامېرىكىنىڭ ھازىرغا كەلگۈچە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا چىقىرىلغان ئەڭ كۈچلۈك ئەمەلىي قانۇن لايىھىسى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. قانۇندا بەلگىلىنىشىچە، ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قىلمىشلىرىغا قاتناشقان شەخسلەرنىڭمۇ ئامېرىكىغا كىرىشى چەكلىنىدىكەن. شەرقىي تۈركىستاندىكى شىركەت، كارخانىلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن مۇناسىۋەتسىزلىك ئىسپاتىنى تاپشۇرغان ئاساستا ئاندىن مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكا بازارلىرىغا كىرىش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن.    

خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شەرقى تۈركىستاندىن چەتئەللەرگە ئەڭ كۆپ ئېكسپورت قىلىنىدىغان ئاساسلىق ئەشيالار بولسا: پاختا، پەمىدۇر ۋە قۇياش ئېنېرگىيە تاختىسىنىڭ خام ئەشياسى بولغان پولىسىلىكۇم بولۇپ، ئامېرىكا ئالدىنقى يىلدا خىتايدىن 9مىليارد دوللار قىممىتىدىكى پاختا سېتىۋالغان. ئامېرىكا بازارلىرىدىكى 20% كىيىم كېچەكلەردە شەرقىي تۈركىستاندىن كەلتۈرۈلگەن پاختىلار ئىشلىتىلگەن. 

مەزكۇر قانۇن پرېزىدېنت بايدىن تەرىپىدىن ئىمزالانغاندىن كېيىن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقى دەرھال بايانات بېرىپ ئامېرىكىنى ئەيىبلىگەن. 24- دېكابىر خىتاي سودا مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ ئامېرىكىنى ئىقتىسادى زومىگەرلىك قىلدى دەپ ئەيىبلىگەن شۇنداقلا ئامېرىكا تەرەپنىڭ سىياسىي ئويۇنلىرىنى يىغىشتۇرۇپ، بۇ قانۇننى دەرھال ئەمەلدىن قالدۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغان. شۇ كۈنىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جاۋ لىجىيەن مۇنداق دېگەن: « ئامېرىكا ئوتتۇرىغا چىقارغان ئاتالمىش «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك قانۇنى» ئەمەلىيەتتە مەقسەتلىك ھالدا شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا قارا سۈركىگەنلىك، بۇ خەلقئارا قانۇن شۇنداقلا خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردىكى ئەڭ ئاساسىي بولغان قائىدە پرىنسىپلارغا ھۆرمەت قىلمىغانلىق، خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشقانلىق، خىتاي تەرەپ ئامېرىكىنىڭ بۇ قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ ۋە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ.» ئۇ يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىن باياشات ياشاۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ، مەجبۇرىي ئەمگەك قىلمىشلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن تىنىۋالغان.

مەزكۇر قانۇن ئىمزالىنىپ ئىككىنچى كۈنى يەنى 24-دېكابىر، ئامېرىكىنىڭ خىتايدىكى سېتىش دۇكانلىرىدىن «ۋولمارت» ۋە «سامىس كۇلۇب» قاتارلىقلار دۇكانلىرىدىن شەرقى تۈركىستاندىن كەلتۈرۈلگەن بارلىق مەھسۇلاتلارنى سېتىش جاھازىلىرىدىن چېكىندۈرگەن. خىتايدىكى تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە جۈمە كۈنى كىشىلەر «سامىس كۇلۇب» نىڭ تور بېتىدە «شىنجاڭ» دېگەن سۆزلۈكنى كىرگۈزۈپ نەرسە ئىزدىگەندە نەتىجىسى:«كەچۈرۈڭ، بۇ مەھسۇلاتنى تاپالمىدۇق» دەپ چىققان، يەنە بىر تاللا بازىرى «ۋولمارت» تىمۇ ئەھۋال ئوخشاش بولغان. بۇ ئەھۋال خىتاي پۇقرالىرى ئارىسىدا نارازىلىق قوزغىغان، ۋە تورلاردا ئامېرىكا ماللىرىنى بايقۇت قىلىش سادالىرى كۈچىيىشكە باشلىغان. بۇ ئەھۋالغا قارىتا بۇ ئىككى شىركەت بايانات بېرىپ، «شىنجاڭ»دىن كېلىدىغان مەھسۇلاتلارنىڭ يۇقۇم مەزگىلىدىكى چەكلىمىلەر سەۋەبلىك يېتىپ كەلمەيۋاتقانلىقىنى،  شۇڭا بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ھازىرچە يوق ئىكەنلىكىنى ئەمما كېيىن تولۇقلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئۇنىڭدىن باشقا ئامېرىكىنىڭ داڭلىق كومپيۇتېر تېخنىكا شىركىتى «ئىنتىل» مۇ بۇ ھەپتە بايانات بېرىپ ئامېرىكىنىڭ قانۇنىغا ئاساسەن ھەرقانداق مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىقى بولغان تەمىنلەش مەنبەسىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەتمەيدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئەمما ئۇزاق ئۆتمەي خىتاي پۇقرالىرى ئارىسىدا «ئىنتىل» غا قارشى ئەكس سادالىرى كۈچەيگەنلىكى سەۋەبىدىن چارشەنبە كۈنى بايانات بېرىپ خىتاي پۇقرالىرىدىن كەچۈرۈم سورىغان.

پرېزىدېنت بايدىن بۇ قانۇنغا ئىمزا قويۇپ تېخى يولغا قويۇلماي تۇرۇپلا ئامېرىكىنىڭ خىتايدىكى شىركەتلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن مەھسۇلاتلارنى چېكىندۈرۈشى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە سودا مىنىستىرلىقىنى قاتتىق بىئارام قىلغان.

يۈسۈپجان تەييارلىغان

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

چېن چۇەنگو ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇپ ئورنىغا ما شىڭرۇي تەيىنلەنگەن

شە دېكابىر 25 , 2021
چېن چۇەنگو ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇپ ئورنىغا ما شىڭرۇي تەيىنلەنگەن

You May Like