ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى«ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى »بىلەن «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى نامزاتىغا كۆرسەتتى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى«ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى »بىلەن «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى نامزاتىغا كۆرسەتتى

 
 
تۇرسۇنجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 4-فېۋرال

نيۇ-يورك پوچتىسى خەۋىرى:

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى ئەزالىرىدىن توم سۇئازى ۋە كىرىستوف سمىسلار نوبېل تىنچلىق كومىتېتىغا خەت يېزىپ مۇنداق دېگەن :  «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ۋە ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى ئۆزىنىڭ خىزمەتلىرى ئارقىلىق خەلقلەر ئارىسىدا مېھىر مۇھەببەتنى كۈچەيتىپ، خىتاي كومپارتىيەسى تەرىپىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىگە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىقلارنىڭ ھەق  ھوقۇقىنى ھىمايە قىلىش ئارقىلىق تىنچلىق ۋە ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداشتا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان. ئۇلارنىڭ ئېلىپ بارغان بارلىق ھەرىكەتلىرىنى ئېتىراپ قىلىش ۋە ھىمايە قىلىش تارىخى ئەھمىيەتكە ئىگە».

مەزكۇر خەۋەر ئېلان قىلىنغان ئۇزۇن باياناتتا بۇ ئىككى تەشكىلاتنىڭ يىللاردىن بىرى قىلغان خىزمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىرگە بېجىڭدا ئولىمپىك تەنتەنىسى قىلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىگە كۈچلۈك سىگنال بېرىش تەلەپ قىلىنغان .

خەتتە يەنە مۇنداق دېيىلگەن :« ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان قىرغىنچىلىق ۋە ئازابلار ھامان تۈگەيدۇ، خەلقئارا جەمئىيەت بۇ جىنايەتلەرنى سادىر قىلغۇچىلاردىن چوقۇم ھېساب ئالىدۇ. بۇ ئىككى تەشكىلاتنىڭ دۇنياغا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى تونۇتۇش ھەققىدىكى تىرىشچانلىقى كېيىنكى ۋاقىتلاردا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تراگېدىيەلەرنىڭ مەيلى قەيەردە، مەيلى كىم تەرىپىدىن يۈرگۈزۈلگەن بولسۇن، چوقۇم ھېسابسىز قالمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.»

نوبېل تىنچلىق  مۇكاپاتى دۇنيادىكى تىنچلىق ۋە ئىنسان ھەقلىرىگە تۆھپە قوشقانلارغا بېرىلىدىغان ئەڭ چوڭ مۇكاپات بولۇپ، ئىلگىرى دالاي لاما ئېرىشكەن، ئۇيغۇرلاردىن رابىيە قادىر ۋە ئىلھام توختى كۆپ قېتىم نامزاتلىققا تەۋسىيە قىلىنغان. 

بۇ مۇكاپات يىل ئاخىرىدا، يەنى 10-دېكابىر كۈنى تارقىتىلىدۇ.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

تىك ياشاپ، تىك كېتىش

شە فېۋرال 5 , 2022
5 ‏-فېۋرال خاتىرە كۈنى مۇناسىۋتى بىلەن شېھىد پەرھات موللاخۇن ھەققىدە ئەسلىمە

You May Like