«ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش، جازالاش قانۇن لايىھەسى» نى تونۇشتۇرۇش ئاخبارات ئىلان قىلىش يېغىنى ئىچىلدى.

ئۇيغۇر ئاگنىتلىقى، 4-ئاۋغۇست

تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان

2-ئاۋغۇست كۈنى ۋاشنگىتون شەھىرىگە جايلاشقان  ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ يېغىن  زالىدا، «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش، جازالاش قانۇن لايىھەسى»ناملىق قانۇن لايىھەسنى تونۇشتۇرۇش ئاخبارات ئىلان قىلىش يېغىنى ئىچىلدى.

مەزكۇر قانۇن لايىھەسنى دان سۇلىۋان دان سۇلىۋان ۋە دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى كىرىس سىمىس تونۇشتۇرغان بولۇپ، يېغىنغا ئۇلارنىڭ ۋەكىللىرى،  ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادىمىيەسىنىڭ ۋەكىللىرى قاتنىشپ، مەزكۇر قانۇن لايىھەسنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن ۋە قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە جازالاش جاۋابكارلىقى قانۇنى تۆۋەندىكىلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ:

  • ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنىدىكى مەۋجۇت جازالار ئاساسىدا ، مەجبۇرىي ئورگان ئېلىش، مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش، بالىلارنى ئائىلىسىدىن مەجبۇرىي ئايرىش قاتارلىق جىنايەتلەرنى جازالاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
  • مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش ۋە نوپۇس كونترول قىلىش قىلمىشلىرىغا ئارىلاشقان چەتئەللىكلەرگە مەجبۇرىي ۋىزا چەكلىمىسى يولغا قويىدۇ.
  • ئۇيغۇر ۋە شىمالىي كورېيە مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چتېشلىقى سەۋەبلىك مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئورۇنلىرىدا خىتاي دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىش ۋە سېتىشنى چەكلەيدۇ.
  • خىتايدىن سىرتتا ياشاۋاتقان قاماق ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئۇيغۇر ۋە قازاق قۇتۇلغۇچىلارغا تېببىي ۋە پسىخولوگىيەلىك مۇلازىمەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قوللاشنى يولغا قويىدۇ.
  • كىملىكى تەھدىت ئاستىدا قالغان ئېتنىك ۋە دىنىي ئازسانلىقلار ئۈچۈن مەدەنىيەت ۋە تىل ساقلاشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
  • ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ياكى قەبىھ جىنايەتلەرگە چېتىشلىق شركەتلەردىن مال سېتىۋېلىشىنى چەكلەيدۇ.
  • ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلىدىغان خىتاي تەشۋىقاتى ۋە يالغان ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلايدۇ ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرىدۇ.
  • كەلگۈسىدىكى خەلقئارا ياكى دۆلەت ئىچىدىكى جىنايىي دەۋالاردا ئىشلىتىش ئۈچۈن قەبىھ جىنايەتلەرنى تەكشۈرۈش ۋە ھۆججەتلەشتۈرۈشنى قوللايدۇ.
  • ئۇيغۇر ۋە شىمالىي كورېيە مەجبۇرىي ئەمگىكىگە مۇناسىۋىتى بولغانلىقى سەۋەبىدىن مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئورۇنلىرىدا خىتاي دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىش ۋە سېتىشنى چەكلەيدۇ.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

بىرىتانىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا  خىتاي ئۈچۈن نازۇك تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئالىملار پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىماقتا

دۈ ئاۋغۇست 4 , 2025
مۇھاپىزەتچى خەۋىرى، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى تەرجىمىسى، 4-ئاۋغۇست بىرىتانىيەدىكى خىتاي تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئالىملار  ۋە ئوقۇغۇچىلىرى مالىيە مەنبەسىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن پاراكەندىچىلىك، كۆزىتىش ۋە ئۆز-ئۆزىنى نازارەت بېسىمىغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، بۇ بىر ئاشكارا بولۇشنى مەقسەت قىلغان ئۇنېۋىرستىتىلاردىكى ئاشكارا بولۇش ئۈستىدە ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش نەتىجىسدە ئاشكارىلانغان. UK-China Transparency تەشكىلاتىنىڭ بايقاشلىرى ھۆكۈمەتنىڭ يېڭى تۈزۈمى […]
بېرىتانىيە ئۇنېۋرستىتلىرى

You May Like