ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 25-ئاۋغۇست
توكيودىن ئەنۋەرجان ئۇيغۇر تەييارلىدى.
ئۇزۇندىن بىرى دىپلوماتىك تىرشچانلىقلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارالىق دوسلىرىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ھۆرلۈك مۇنبىرى بۇ قېتىم ئاسيا دۆلەتلىرىدە بىر يۈرۈش پائالىيەتلەرنى ئىلىپ بارغان.
«ئۇيغۇر ھۆرلۈك مۇنبىرى»نىڭ قۇرغۇچىسى ئۈمىد ئاگاھىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر تەشكىلات 24-ئاۋغۇست كورىيەدىكى بىر قسم پشقەدەم ۋە ياش سياسەتچىلەر ۋە ئاكتىۋىسلارنىڭ قوللىشى بىلەن كورىيەدە تارمىقىنى قۇرغان.
كورىيە يىللاردىن بىرى، ختاي بىلەن مۆتىدىل مۇناسۋەتنى ساقلاپ كەلگەن بولۇپ، ختاينىڭ غەزەپلەندۈرىدىغان ھەرىكەتلەردىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلگەن. بۇ قېتىملىق ئۇرۇنۇش-بەلكىم ئۇيغۇر-كورىيە مۇناسۋەتلىرىدە يېڭى تارىخى سەھىپە يارىتىشى مۇمكىن