ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسدە «ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى»قايتا قوزغاتتى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى ئۇنېۋرسال بۆلۈمى تەييارلىدى

16-ئاپرىل كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسدە، ۋاشنگىتوندىكى

«ئۇيغۇر ھەرىكىتى»تەشكىلاتىنىڭ يتەكچىلىكىنىڭ ساھىپخانلىقىدا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسدە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىدىن تەشكىل تاپقان «ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى»ياكى (Uyghur Caucus)قۇرۇلغان.

مەزكۇر گۇرۇپپىغا مەجلىس ئەزالىرىدىن توم سۇئازى ۋە كىرستوف سمىس قاتارلىقلار ئەزا بولۇپ، ئۇلار يىللاردىن بىرى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسدە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قانۇن چىقىرىش، ختايغا تەدبىر قوللىنىشتا ئاكتىپ كۈچ چېقىرىپ كەلگەن.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسدە تۈرلۈك خىزمەت گۇرۇپپىلىرى بولۇپ، شۇ خىل خىزمەت تۈرىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان كىشلەردىن تەشكىل تاپىدۇ.ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى تۇنجى قېتىم 2021-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ قېتىم ئۇيغۇر مەسلىسنى دۆلەت مەجلىسدە تېخىمۇ كۈچلۈك ئىلىپ بىرىش ئۈچۈن جانلىق قوزغىتىلغان.

پائالىيەتتە ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى قۇرغۇچىسى ۋە ئىجرائىيە دىرىكتورى روشەن ئابباس، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا، ئامېرىكا دىنى ئەركىنلىك كومېىتى كومسسارى نۇرى تۈركەل، ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ئىجرائىيە دىرىكتورى ئۆمەر قانات، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى ئەلفىدار ئىلتەبىر، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى ئىجرائىيە دىرىكتورى ئابلىكىم ئىدرس، ئۇيغۇر ئاكادىمىيەسى رەئىسى دوكتۇر رىشات ئابباس ، لاگىر شاھىتلىرىدىن مېھىرىگۈل تۇرسۇن، تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن، زۇمرەت داۋۇت، گۈلچېھرە ۋە ئۇيغۇر ئاممىسى قاتارلىقلار قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.

ئۇيغۇر گۇرۇپپسنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە قايتا قوزغىتلىشى-ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسدە ئۇيغۇر خىزمەتلىرىنىڭ كۈچىىدىغانلىقىدىن دىرەك بىرىدۇ ۋە شۇنداقلا مەزكۇر پائالىيەتنى تەشكىللىگۈچى تەشكىلات ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىغا تېخىمۇ كۆپ ئۈمىد ۋە كۆپرەك خىزمەت بېسمى يۈكلەيدۇ.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ئامېرىكا مالىيە منستىرى ختاي زىيارىتى تەنقىدكە دۇچ كەلمەكتە، روسيەگە ياردەم بىرىشتىن ئاگاھلاندۇردى

پە ئاپرېل 18 , 2024
ئارزۇگۇل، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 8-ئاپرىل ئامېرىكا مالىيە منستىرى جانېت يەللىن 4 كۈنلۈك ختايغا زىيارەت ئىلىپ بارغان بولۇپ، ئامېرىكا ۋە ختاي ئوتتۇرسىدىكى سودا ساھەسدىكى ئېختىلاپلار ھەققىدە مۇزاكىرە ئىلىپ بارغان. بۇلار ئىچىدە، ئامېرىكا شركەتلىرىنىڭ ختاي شركەتلىرى تەرىپىدىن دۇچ كەلگەن باراۋەر بولمىغان رىقابەت نەتىجىسدە كىلىپ چىققان ئ‍ېقتسادى زىيانلارنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئاساسى ئورۇندا تۇرىدۇ. ختاي […]
ئامېرىكا ختاينى ئاگاھلاندۇردى

You May Like