ئامېرىكا ئاۋازى ۋە تېخنىكا تور بەتلىرى ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى (ئۇيغۇر تايمىز) خىتاينىڭ تور ھۇجۇمىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى. ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە خىتاي شىركەتلىرى ئۈستىدىن شىكايەت سۇندى

ئامېرىكا ئاۋازى ۋە تېخنىكا تور بەتلىرى ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى (ئۇيغۇر تايمىز) خىتاينىڭ تور ھۇجۇمىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى. ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە خىتاي شىركەتلىرى ئۈستىدىن شىكايەت سۇندى

 ئامېرىكا ئاۋازى ۋە تېخنىكا تور بەتلىرى ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى (ئۇيغۇر تايمىز) خىتاينىڭ تور ھۇجۇمىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى. ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە خىتاي شىركەتلىرى ئۈستىدىن شىكايەت سۇندى

تۇرسۇنجان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 14-فېۋرال

خىتاي ھۆكۈمىتى پۈتۈن دۇنيادىكى ئەڭ زور خاككىرلار قوشۇنى، مالىيە مەنبەسى ۋە جىنايەتچىلەر گۇرۇھىغا ئىگە. ئۇيغۇر تايمىزنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتايدا بىر مىليوندىن ئارتۇق خاككىرلار قوشۇنى بولۇپ، ئۇلار مەخسۇس خىتايغا قارشى ئورگان ۋە شەخسلەرنىڭ ئۇچۇرىنى ئىگىلەيدۇ ياكى ھۇجۇم قىلىدۇ.

ئامېرىكا ئاۋازى يېقىندا ئامېرىكىنىڭ ۋول سچرىت، نيۇ-يورك پوچتىسى قاتارلىق چوڭ تاراتقۇلار بىلەن بىر قاتاردا خىتاينىڭ خاككىر ھۇجۇملىرىغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى قاتارىدا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭمۇ بارلىقىنى خەۋەر قىلغان. مەزكۇر خەۋەردە، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى قۇرغۇچىسى تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان ئەپەندىنىڭ مۇنۇ سۆزلىرى بېرىلگەن :« ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى قۇرۇلغاندىن بىرى ئىزچىل خىتاينىڭ تور ھۇجۇملىرىغا ئۇچراپ كېلىۋاتىدۇ. يېقىندا بۇ ھۇجۇملار تېخىمۇ ئېغىرلاشتى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر تايمىزنىڭ ئىنگلىزچە ۋە خىتايچە قانىلى باش بېكىتى ئاساسى ھۇجۇم ئوبيېكتى بولماقتا. بۇ ھۇجۇملارنىڭ خاراكتېرى دوس ھۆججەت ھۇجۇمى، ساختا ئادرېسقا يوللاش ھۇجۇمى، ئېمەيىل مۇلازىمېتىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋە تور بېكەت كودىغا ھۇجۇم قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئامېرىكا ئاۋازى خەۋىرى ئۇلانمىسى:

https://www.voanews.com/a/china-suspected-of-cyberattacks-targeting-us-organizations/6434762.html

2019-يىلى سېنتەبىردە ئامېرىكىنىڭ بىر تور بىخەتەرلىك شىركىتى، گۇگىل شىركىتى، تەك ران شىركىتى ۋە كومپيۇتېر ژۇرنىلى : «پى سى ماگىزىن» ئۇيغۇر تايمىزنىڭ 3 تور بېكىتىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى خەۋەر قىلغاندىن كىيىن، ئامېرىكىنىڭ چوڭ مېيىدا شىركەتلىرى بۇنى ئاساسى تېما قىلىپ خەۋەر قىلغانىدى. 
مەزكۇر خەۋەر ئۇلانمىسى:

شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر تايمىزنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسى غايەت زور دەرىجىدە ئۆرلەپ، ئەسلىدىكى ئاي بىلەن باشلانغان كونا ئىنگلىزچە بېتى زىيارەت مىقدارى مۇلازىمېتىر كۆتۈرۈش ئىقتىدارىدىن ئېشىپ كەتكەنىدى.

ئۇيغۇر تايمىز تېخنىكا ئەترىتى مەسلىھەت ئارقىلىق يېڭى تور بېكەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، 2021-يىلى يىل بېشىدا بىخەتەر ۋە تىز بولغان سىستېما يارىتىپ چىقتى. ئۇيغۇر تايمىز تېخنىكا مەسئۇلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ئەزەلدىن ھۇجۇمنى توختاتقىنى يوق،داۋاملىق كۈچەيتمەكتە، ئۇيغۇر تايمىزمۇ بۇنىڭغا مۇۋاپىق ھالدا سىستېما بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتمەكتە.

خىتاي ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى ۋە قۇرغۇچىسى تاھىر ئىمىننى ئىزچىل قارىلاپ كەلمەكتە.

يەر شارى ۋاقىت گېزىتى 2021-يىلى ئېلان قىلغان قارىلاش ئوبزورىدا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنى ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيە قوللىغان تاراتقۇ،تاھىر ئىمىن ئامېرىكا جاسۇسى دەپ بىلجىرلىغان.

بۇ ھەقتىكى خەۋەر ئۇلانمىسى:

https://www.uyghurtimes.com/posts/c1a16b97-cbca-4f49-9639-47ccb2a3da20/chinese-media-attempts-to-defame-uyghur-times

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە نۆۋەتتىكى مۇدىرى تاھىر ئىمىن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى خىتاينىڭ ئالاقىدار ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتا ئامېرىكا بىخەتەرلىك تارماقلىرىنىڭ ياردىمىگە موھتاج ، شۇنداقلا مەزكۇر تور ھۇجۇملىرىنى ئىلىپ بېرىشقا تېخنىكىلىق ياكى لەۋھە نامى بەرگەن خىتاي شىركەتلىرى ئۈستىدىن رەسمىي شىكايەت قىلىش قەدىمىنى تىزلىتىش مۇھىم بولۇپ، دەسلەپكى شىكايەت ھۆججىتى تەييارلانغان. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى:« ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى ھەققانىي كۈرەشلىرى ۋە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئاۋازى بولۇش خىزمىتى سەۋەبلىك داۋاملىق خىتاينىڭ تۈرلۈك ھۇجۇم نىشانى بولىدىغانلىقى ئېنىق، بىز بۇنىڭغا قارشى ھەر قايسى جەھەتتە داۋاملىق تەييار تۇرىمىز.»

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

قىسقا خەۋەر:ھىندىستان بىخەتەرلىك سەۋەبىدىن 54 دانە خىتاي ئەپلىرىنى چەكلىدى

دۈ فېۋرال 14 , 2022
قىسقا خەۋەر:ھىندىستان بىخەتەرلىك سەۋەبىدىن 54 دانە خىتاي ئەپلىرىنى چەكلىدى

You May Like