ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى تور پروگراممىسىغا رىياسەتچى قوبۇل قىلىنىدۇ

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى تور پروگراممىسىغا رىياسەتچى قوبۇل قىلىنىدۇ.

 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى تور پروگراممىسىغا رىياسەتچى قوبۇل قىلىنىدۇ.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى تور پروگراممىسى ئۈچۈن رىياسەتچى قوبۇل قىلىنىدۇ.
مەزمۇن دائىرىسى:  سىياسەتكە دائىر مۇلاھىزە  ۋە سۆھبەت پروگراممىسى.
ۋاقىت دائىرىسى: ھەپتىدە بىر سان.
سەرپ قىلىدىغان ۋاقتى: ھەپتىدە ئۈچ سائەت ئەتراپىدا.
خىزمەت خاراكتېرى: پىدائىيلىق تىپىدىكى خىزمەت بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى خادىملىرى ۋە نەچچە مىڭلىغان ئۇيغۇر سۆيەر كىشىلەرگە ئوخشاش، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاۋازى بولۇش ئۈچۈن ھەقسىز پىدائىي بولىدۇ.
شەرتى:
1- ۋەتەنپەرۋەر بولۇشى،  ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى بۇرچى دەپ بىلىشى لازىم.
2-ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدا ئۆلچەملىك،  ئېنىق ۋە  راۋان ئالاقە ئېلىپ بارالايدىغان بولۇشى ، تاراتقۇ ۋە ئاخبارات ئارقىلىق خىزمەت قىلىشنى ياقتۇرىدىغان بولۇشى كېرەك.
3-مەدەنىيەت سەۋىيەسى: 
مۇئەييەن كەسپى ساھەدە تەربىيە كۆرگەن بولۇشى، ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت ساپاسىغا ئىگە بولۇشى، رىياسەتچىلىك ۋە ئاخباراتچىلىق كەسپىدە تەربىيەلىنىشنى خالايدىغان بولۇشى كېرەك.
4-كىشىلەر ۋە ھادىسىلەرنى ئەتراپلىق كۆزىتەلەيدىغان، باھا ۋە ھۆكۈم چىقىرىشقا ئالدىراقسانلىق قىلمايدىغان، ۋاقىت ئېڭى ياخشى بولغان، ئالاقە سەنئىتىگە ماھىر بولغان بولۇشى كېرەك.
5-خاراكتېر ۋە ھەرىكەت ئۆلچىمى:  تەمكىن، ئوچۇق چىراي،  سەمىمىي،  كىشىلەرگە ئادىل مۇئامىلە قىلالايدىغان، ئوخشىمىغان پىكىرلەرگە يول قويالايدىغان بولۇشى كېرەك.
6-جىنسى،  يېشى، دۆلەت تەۋەلىكى چەكلەنمەيدۇ.
7-چىرايى ۋە تەقى -تۇرقىغا شەرت قويۇلمايدۇ، ئەمما چېھرى، ئاۋاز تونى ۋە بەدەن ھەرىكىتىدە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى نامايان بولۇشى كېرەك. كىيىنىش خاراكتېرىگە ھېچقانداق شەرت قويۇلمايدۇ. ئۆزى خالىغان كىيىمنى كىيسە بولىدۇ،ئەمما رەتلىك ۋە پاكىز كىيىنىدىغان بولۇشى كېرەك.
قىزىققۇچىلار ئۈچۈن 
قىسقىچە تەرجىمىھالىڭىزنى ئەۋەتىش ئادرېسى :info@uyghurtimes.com

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

فىرانسىيەگە قاراشلىق ئارال يېڭى كالېدونىيە خەلقى مۇستەقىللىققا قارشى% 96 بېلەت تاشلىدى، فىرانسىيەنىڭ باشقۇرۇشىدا قېلىشنى تاللىدى

دۈ دېكابىر 13 , 2021
فىرانسىيەگە قاراشلىق ئارال يېڭى كالېدونىيە خەلقى مۇستەقىللىققا قارشى% 96 بېلەت تاشلىدى، فىرانسىيەنىڭ باشقۇرۇشىدا قېلىشنى تاللىدى

You May Like