ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى روھى

بىر قەدىمى، بىر مەدەنىي، بىر ئ‍نسانى خەلق يوقىتىلىۋاتىدۇ.
ئۇلارنىڭ ئاۋازى بوغۇلغان.

دۇنيا بىزنى ئاسان ئۇنتۇپ قالىدۇ،
دۇنيا بىزنى ھەمىشە ئۇنتۇپ قالغاندا،

ئۇيغۇرلارنىڭ دىققىتى ئۆزىدىن ئاسان چېچىلىدۇ،
ئۇيغۇرلارنىڭ دىققىتى ئۆزىدىن چېچىلغاندا،

نۇرغۇن كىشلەر ئۆز غېمىدە، نان ۋە ئويۇن كويىدا يۈرىدۇ،
شۇلار ئۆز غېمىدە بولۇپ، ئۇيغۇر خەلقىنى ئۇنۇتقاندا،

نۇرغۇن كىشلەر باشقىلارغا زەربە بېرىشكە، غەيۋەتكە خۇشتار،
بەزىلەر رەسىملەرنى، بەزىلەر يېغىنلارنى چوڭ ئ‍ش دەپ قارايدۇ.
بەزىلەر ئۆز-ئۆزىگە سۆزلەشنى يېڭىلىق دەپ قارايدۇ.
بەزىلەر ئالقىش، مەدھىيە، كۈچ توپلاشنى خىزمەت دەپ قارايدۇ.

دۇنيا ئۇنۇتسۇن، بىز ئۇنتۇمايمىز،
دىققىتىنى چاچىدىغانلار چاچسۇن، بىز چاچمايمىز.
ئوينايدىغانلار ئوينىسۇن، بىز ساقلايمىز.
جىدىلىمىز يوق..خۇددى لاگىردىكىلەرگە ئوخشاش.

قۇرلار، ھېكايىلەر، ئاۋازلار، سمالار، ئازابلار، ئۈمىدلەر، كۈرەشلەر..
يېڭى ئەۋلادلار-بىزنىڭ خىزمىتىمىز…
بىز ئۇنتۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەشنى داۋام قىلىمىز.


بىز -بىز يوقاتقانلارنى ئەسلەيمىز.
بىز ئۇيغۇرلار ئ‍ۈچۈن سۆزلەشنى داۋام قىلىمىز…
بىز يېڭى پارلاق ئەتە ئۈچۈن توۋلايمىز.

بەزىدە كۈچسز، بەزىدە ياڭراق،

 بەزىدە خور،  بەزىدە يەك

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

تۈركىيە مىللەت ۋەكىلى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا سۈكۈتتە تۇرۇشنى تەنقىد قىلدى

پە ئىيۇن 13 , 2024
تۈركىيە تاشقى ئ‍شلار مىنستىرى خاقان فىداننىڭ ئۇيغۇرستان زىيارىتى دۇنيادا ئوخشمىغان ئىنكاسلارنى قوزغىماقتا. گەرچە خاقان فىدان ئۈرۈمچى ۋە قەشقەر زىيارىتىدە، ئۇيغۇرلار بىلەن يۈزەكى سالاملىشپ،پاراڭلاشقان بولسمۇ، ئەمما ختاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە ھىچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىگەن. ئەكسچە ختاينىڭ تەشۋىقاتىغا ئۇيغۇن ھالدا، يېنىكلىك بىلەن ختاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش، خىتاي بىلەن تېرورىزىمغا قارشى تۇرۇش مەسللىرىدە ختايغا […]
خاقان فىدان،سەلجۇق ئ‍ۆز داغ

You May Like