ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى گىرمانچە، فىرانسۇزچە،ئىسپانچە،ختايچە،گوللاندچە، روسچە قاناللىرىغا پىدائى قوبۇل قىلىمىز!

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2017-يىلى يىل ئاخىرىدا قۇرۇلۇپ،2019-يىلى تېزىمغا ئالدۇرۇلغاندىن ھازىرغىچە،8 خىلدىن ئارتۇق خەلقئارالىق تىللاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيتىنى يەتكۈزۈپ كەلگەن بولۇپ،


ئاۋازسز خەلقىمىزنىڭ ئاۋازى بولۇڭ

 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2017-يىلى يىل ئاخىرىدا قۇرۇلۇپ،2019-يىلى تېزىمغا ئالدۇرۇلغاندىن ھازىرغىچە،8 خىلدىن ئارتۇق خەلقئارالىق تىللاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيتىنى يەتكۈزۈپ كەلگەن بولۇپ، ختاي-ئۇيغۇر ئاخبارات ئۇرۇشدا مۇھىم رول ئويناپ كەلدى.نەچچە مىڭلىغان ماقالە-خەۋەر، ئوبزور، ۋىدىئو ئىشلەپ تارقىتىپ، دۇنيانىڭ ئۇيغۇرنى چۇشنىشتە «كۆزنەك»، ئۇيغۇرنىڭ دۇنياغا ختاپ قىلىشدا مۇستەقىل «سادا» بولۇپ كەلدى.غايىسى ئېنىق بولغان ،كەسپى ئۆلچەملەر، قائىدە-تۈزۈملەر تۇرغۇزۇلغان ئورۇنغا ئايلاندى سەمېمىيتى،تالانتى،پىداكارلىقى بىلەن ئۇيغۇر ئۇچۇن خىزمەت قىلىشنى دىلىغا پۇككەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ياش زىيالىيلارنىڭ ئۇن-تۈنسز كۇچ قوشىدىغان سەھنىسگە ئايلاندى.
بىزنىڭ سېپىمىزدە سزگە مۇئاش ياكى تەمىنات بولماسلىقى، شۆھرەت ياكي ھوقۇق بولماسلىقى مۇمكىن ئەمما سز ئىزلىگەن كوللىكتىپ روھى، مېھرى- مۇھەببەتلىك خىزمەتداشلار، ئاخباراتچىلىق، خەلقئارا سياسەت ،تارىخ،تىل ۋە جەمىيەتشۇناسلىققا دائىر ئۇچۇر ۋە بىلىملەر بىلەن ئۇچرىرىشش پۇرستى بار.

 

سزنىڭ ئۆزىڭىز ئۆگەنگەن تىلنى ئىشلىتىپ، مىللىتىڭىز ئۇچۇن تۆھپە قوشقىڭىز بولسا، ئۆزىڭىز تۇرىۋاتقان دۆلەت خەلقلىرىنى تېخىمۇ ئويغاتقىڭىز بولسا دەرھال بىزنى ئىزدەڭ.بىز سزگە سەھنە يارىتىمىز.
شەرتىمىز:
1-ئۇيغۇر ئۇچۇن سەمىمى خىزمەت قىلىشى ئىرادىسى بولۇشى،
2-ئۇيغۇر تىلىدىن باشقا مەلۇم تىلنى ياخشى ئىگەللىگەن بولۇشى،ئەدەبى يېزىقچىلىق ۋە تەرجىمە ساۋاتلىرى بولۇشى
3-ياكى تېخنىكا،تارقىتىش،ئىجتىمائى تاراتقۇ ۋاستىلىرىنى باشقۇرۇش،لايىھەلەش،تور بېكەت قۇرۇش،ئادەم تەشكىللەش ئىقتىدارى بولۇشى،
3-ھەپتىدە كەم بولغاندا،ئىككى سائەت ۋاقىت چىقىرالايدىغان بولۇشى
4-ئۆزلۇكىدىن ئۆگىنىش،ئۆزىنى تەرەققى قىلىش روھى كۇچلۇك،باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشش روھى بار بولۇشى كىرەك.

 

iuyghur@hotmail.comئالاقە ئېمەيىل ئادرسى:

 

ھۇرمەت بىلەن تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان
2020-يىلى 28-فېۋرال

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

قاراقاشتىن 316 نەپەر ياش خىتايغا ئېلىپ كېلىندى

جۈ فېۋرال 28 , 2020
« 2-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتىن كېيىن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھىيەسىدىن كەلگەن 100 دىن ئارتۇق ئىشلەمچى خادىم نەننىڭ ۋۇشۈ خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدىن چىقتى. ئۇلار ئاپتوبۇسقا ئالمىشىپ، بۇ قېتىمقى سەپىرىنىڭ مەنزىلى بولغان گۇاڭشى چىنجۇ جۈنشېڭ پەن-تېخنىكا (چىنجۇ) چەكلىك شىركىتىگە ئاتلاندى. ئۇلار كارخانىنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن يۇرتىدىن ئايرىلدى. بۇ، گۇاڭشىنىڭ تۇنجى قېتىم ئايروپىلاننى ھۆددىگە ئېلىپ گۇاڭشىغا بارغان، كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە قاتناشقان گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ سىرتىدىن كەلگەن ئىشچى

You May Like