ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى:بىر قسم ۋىدىئولار ھەققىدە ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىدىن بىلدۈرگۈ

يېقىندا نۇرغۇن چەتئەل تاراتقۇلىرى، نوپۇزلۇق شەخسلەر ۋە ئۇيغۇرشۇناسلار بىر قېسم ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائى تاراتقۇلاردا «ئۇيغۇر»دەپ تارقىتىۋاتقان نۇرغۇن مەزمۇنلارنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلار بىلەن مۇناسۋەتسز ئىكەنلىكىنى كۆرستىپ، ۋىدىئو تارقاتقاندا ئەستايىدىل بولۇشمىزنى جىددى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ.

2020-8-10

 

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى

 

يېقىندا نۇرغۇن چەتئەل تاراتقۇلىرى، نوپۇزلۇق شەخسلەر ۋە ئۇيغۇرشۇناسلار بىر قېسم ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائى تاراتقۇلاردا «ئۇيغۇر»دەپ تارقىتىۋاتقان نۇرغۇن مەزمۇنلارنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلار بىلەن مۇناسۋەتسز ئىكەنلىكىنى كۆرستىپ، ۋىدىئو تارقاتقاندا ئەستايىدىل بولۇشمىزنى جىددى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ.
بىر قسم دوسلارنىڭ ئالدىغا ئۇچرىغان ۋىدىئولارنى ھىچقانداق تەكشۈرمەي، ئىنىقلىماي تۇرۇپلا تارقىتىۋاتقانلىقى، نەتىجىدە نۇرغۇن ۋىدىئولارنىڭ « ئۇيغۇرلار »بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقى ئوتتۇرىغا چىقماقتا. ختتاينىڭ بۇنى باھانە -دەلىل قىلىپ، خەلقئارادا ئۇيغۇرلار ئۇچۇن سۆزلەۋاتقان نۇرغۇن تاراتقۇلارنىڭ «يالغانچى » ۋە «ئويدۇرمىچى »ئىكەنلىكىنى داۋراڭ سىلىۋاتقانلىقىنى كۆرىۋاتىمىز.

 

نۆۋەتتە ئۇيغۇر مەسلىسى خەلقئارادا داۋاملىق مۇھىم كۈنتەرتىپىلىك مەسلىلەرنىڭ بىرى بولسمۇ، ئامېرىكا ۋە ياۋروپادا خەلقنى ئالدىيالمىغان خىتتاي ئوتتۇرا شەرق، ئافرىقا، جەنۇبى ئاسيا ۋە ئافرىقىدا ئۇيغۇرلارنى داۋاملىق تىرورچى ، يالغانچى ۋە ئۆزىنى ئۇيغۇرلارغا ياخشلىق قىلىۋاتقان ھالەتتە تەشۋىق قىلماقتا.

 

بۇ سەۋەبتىن دوستلارنىڭ سەزگۈر بولۇشنى ، ئىنىقلانمىغان ۋىدىئولارنى «ئۇيغۇر» دەپ تارقاتماسلىقىنى سورايمىز. ئۇيغۇر مەسىلىسى يالغان پاكىتقا مۇھتاج ئەمەس، يەتكۈچە ئاساسمىز باردۇر! ئەگەر ئويدۇرما ۋىدىئو تارقاتسڭىز بەلكىم ختايغا ياردەم قىلىپ، ئۇيغۇر ئۈچۈن زىيانكەشلىك قىلىۋاتقان بولۇشڭىز مۇمكىن. ئاۋال تەكشۇرۇڭ، ئېنىقلاڭ، سۈرۈشتۈرۈڭ!

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

قارا تىزىمىلىكتىكى كىشىلەر ۋە ئۇلارنىڭ پاجىئەلىك قىسمىتى

پە ئاۋغۇست 13 , 2020
2020 - يىلى ئىيۇل ئېيىنىڭ بېشىدا ئۈرۈمچى تاشقى سودا بازىرى چېگرا رايون پورتىدا شىركەت ئاچىدىغان بىر ئۆزبېكىستانلىق ياش زار –زوردا مىڭبىر مۇشەققەت بىلەن ئۈرۈمچىدىن يۇرتى فەرغانە ۋادىسىغا قايتتى.

You May Like