ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى: «ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان» ھەققىدىكى ئەيىپلەشلەر ھەققىدە بايانات

يېقىندا تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە تۇرۇشلۇق، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئىسىملىك شەخس ھەققىدە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئەيىپلەشلەر ئوتتۇرىغا چىقتى ۋە زور غۇلغۇلا قوزغىدى.  تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەر پىكىر بايان قىلماقتا ۋە تاراتقۇلار خەۋەر قىلماقتا. جامائەت بۆلۈنمەكتە، كەلگۈسىمىزدىن ئۈمىدسىزلەنمەكتە.

ھەممەيلەنگە مەلۇم بولغاندەك 2023-يىلى سەلىم پاشادىكى ئوقۇ ئۇيغۇر مەكتىپىدىمۇ بىغۇبار ئۇيغۇر قىزلىرىغا پوخۇرلۇق قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەنىدى. بۇ مەسىلىنىڭ ۋاقتىدا ۋە كەسكىن بىر تەرەپ قىلىنماي، ئەكسىچە پوخورلۇق قىلغۇچىغا چاپان يېپىش، يەڭ ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىشقا ئۇرۇنۇش ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن بېسىم قىلىش ئەھۋاللىرى يۈز بەرگەنىدى. بۇ خىل ئەخلاقىي چىرىكلىكنىڭ ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىنماسلىقى، قاتتىق چارە كۆرۈلمەسلىكى بۇنداق ۋەقەلەرنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە تەكرارلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ ۋەجىدىن ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ۋە ئۇ باشلامچىلىق قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ تۈركىيە ۋە خەلقئارا سەھنىلەردە، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان (ئۇيغۇرىستان) خەلقى ۋە ھەرىكىتى ساھەسىدە تەسىرى مۇھىم دەپ قارىغانلىقىمىز ، بۇ ۋەقەنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ كېلىدىغان سەلبىي تەسىرىنىڭ زورلۇقىنى كۆرۈۋاتقانلىقىمىز شۇنداقلا پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، غەرەزلىك ھالدا، ئۇيغۇر داۋاسىغا، ئېتىقادچى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىززەت-ئابرۇيىغا، تەشكىلاتلارغا زىيان كەلتۈرۈش مەقسىتىدە ھەرىكەت قىلىۋاتقانلارنى كۆرىۋاتقانلىقىمىز ئۈچۈن بۇ باياناتنى ئىلان قىلىۋاتىمىز: 

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ھەققىدە ئوتتۇرىغا چىققان ئەيىپلەش تۆۋەندىكىچە:

ئەيىپلەش مەزمۇنى ناھايىتى جىددىي ۋە كەسكىن بولۇپ، *(ھىدايەتۇللا ئوغۇزخاننى ئۆز سېپىدىكى ئۇيغۇر ۋە مۇسۇلمان قېرىندىشى داۋۇت كاشغەرلى كورىيەدە ئىشلەمچى بولۇپ يۈرگەن مەزگىللەردە ئۇنىڭ ئايالى بىلەن « ئاشندارچىلىق  ۋە بۇزۇقچىلىق قىلغان» دەپ ئەيىپلەيدۇ. شۇنداقلا ھىدايەتۇللا ئوغۇزخاننىڭ ئۆزىنىڭ كۈچى ۋە نوپۇزىدىن پايدىلىنىپ، بۇ ئىشنى تۇنجۇقتۇرماقچى بولغانلىقى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا پارا بەرمەكچى بولغانلىقى، بۇ ئۇسۇل ئاقمىغاندا، ئۇنى «دائىش تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزاسى» دەپ دەپ تۈرمىگە سولايمىز دەپ تەھدىت سالغانلىقى ۋە ئەيىپلىگۈچىنى خىتاي جاسۇسى دەپ تۆھمەت قىلغانلىقى)*غا ئائىت مەزمۇنلار بار. بۇ ھەقتە كۆپلىگەن ۋىدېئو، يازما، باياناتلار، خەۋەرلەر ئېلان قىلىندى.

بىز ئومۇمىي بىرلىكسەپنىڭ بۇزۇلماسلىقى، ئاسان قولغا كەلمىگەن دىياسپورا جەمئىيىتىنىڭ پۈتۈنلەي يىمىرىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن،  تۆۋەندىكىچە تەكلىپ بېرىمىز:

1-مەزكۇر ۋەقەنى چوقۇم مۇستەقىل-ئۈچىنچى تەرەپ قانۇن ئاپپاراتلىرى ۋە تەكشۈرۈش مۇتەخەسسىسلىرى ئارقىلىق تەكشۈرۈش ۋە نەتىجىسىنى ئاممىغا ئېلان قىلىش، پاكىتنى يوشۇرۇش، جامائەتنى ئالداش ئۇسۇلىنى قوللانماسلىق لازىم. تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن، قانۇنىي تەدبىرلەرنى قوللىنىش لازىم.

2-زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى داۋۇت كاشغەرلىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش لازىم. ئۇنىڭغا سېلىنغان تەھدىت ۋە تۆھمەتلەر ھەققىدە قانۇنىي جاۋابكارلىق سۈرۈشتۈرۈلۈشى لازىم.

3-ئەگەر بۇ ۋەقەگە چېتىشلىق ئايال كۈچلۈك شەخسلەر تەرىپىدىن تەھدىت سېلىنغان بولسا، ئۇنىڭغا قانۇنىي ياردەم بېرىش لازىم.

4-ئەگەر ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ۋە بۇ ئايال خاتالىق سادىر قىلغۇچىلار خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلسا، ئۇلارغا تەۋبە قىلىش، گۇناھنى تونۇش، قايتا ساغلام يولغا مېڭىش پۇرسىتى بېرىش لازىم.ئۇلارنىڭ ھاياتىنى پۈتۈنلەي نابۇت قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم.

5-ئەگەر ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان  ۋە بۇ ئايال خاتا قىلمىغان بولسا، ئۆزىنى ئاقلاش پۇرسىتى بېرىش بېرىش لازىم.

6-
مۇستەقىل تەكشۈرۈش ۋە مەسىلىنىڭ ئايدىڭلىشىشى ئۈچۈن ھىدايەتۇللا ئوغۇزخاننىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشى داۋاغا، تەشكىلاتقا، خەلقىمىزگە ھەم شەخسكە پايدىلىقتۇر

7-بۇ ۋەقە ۋە ئەيىپلەش- ئۇنى سادىر قىلغۇچىغا قارىتىلىشى، تىغ ئۇچىنى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىگە قاراتماسلىق لازىم. تېخىمۇ مۇھىمى پۈتۈن داۋا سېپىدىكىلەر، ئۆلىمالارنى بۇزۇق تۆھمەت قىلماسلىق ۋە قارىلىماسلىق لازىم.

8-بۇ ۋەقەنى ئاساس قىلىپ، بىر دىنغا، مەلۇم دىن ۋە مەنسۇپلىرىغا (مۇسۇلمانلارغا ئومۇميۈزلۈك قارىلاش) ھۇجۇمى ئېلىپ بارماسلىق لازىم.

9-بۇ خىل ھادىسىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى تۈزۈش، ئىچكى بۇزۇقچىلىقنى توسۇش ئۈچۈن ئۆلىمالار بىرلىكى تەدبىر قوللىنىشى لازىم.

10-مۇھاجىرەت خەلقى بولسا، تەشكىلات رەھبەرلىرى ھەققىدە ئورۇنسىز، ئاساسسىز تۆھمەت قىلىشتىن ساقلىنىش بىلەن بىرگە، تەسىرى بار شەخسلەر ۋە ئاتالمىش چوڭلارنىڭ خاتالىقىنى  پاكىت بىلەن پاش قىلىشقىمۇ يول قويۇش لازىم، كىشىلەرنى قورقۇتۇش، تەھدىت سېلىش ۋاسىتىسىنى قوللانماسلىق لازىم.

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى باشقۇرۇش ھەيئىتى

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ئىرېلاندىيەدىكى ئۇيغۇر ۋە خوڭكوڭ جامائەتلىرى ھۆكۈمەتتىن مۇھىم تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

سە فېۋرال 18 , 2025
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 18-فېۋرال خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى دۇبلىندا ئىرېلاندىيە رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشىدىغان بولۇپ، بۇ پۇرسەتتە ئۇيغۇر ۋە خوڭكوڭلۇق پائالىيەتچىلەر ھۆكۈمەتتىن چەتئەلدىكى ئۇيغۇر ۋە خوڭكوڭلۇقلارغا قارىتىلغان باستۇرۇش مەسىلىسىنى كۆتۈرۈپ چىقىشنى تەلەپ قىلدى. ئىرېلاندىيە ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئۇيۇشمىسى ئىرېلاندىيە باش مىنىستىرى مايكېل مارتىن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن ئۇچرىشىش […]
Irish Uyghur Cultural Association

You May Like