ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە پارلىغان ئۈمىد نۇرى

ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە پارلىغان ئۈمىد نۇرى

 ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە پارلىغان ئۈمىد نۇرى 

ئوبزور 

گۈلشەن ئابدۇقادىر

ئۇيغۇرلار خىتاي تەرىپىدىن تىلى، دىنى، مەدەنىیىتى ئۆرۈپ ئادىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مىللىي كىملىكى دەپسەندە قىلىنىۋاتقان، خالىغانچەه تۈرمەه ۋە جازا لاگېرلىرىغا تاشلىنىۋاتقان خورلىنىۋاتقان، تارىختا قایتا تەكرارلىنىشى مۇمكىن ئەمەس دەپ قارالغان جازا لاگېرلىرى ئۇیغۇرلار ئۈچۈن خىتاي تەرىپىدىن قایتا ئېچىلغان بىر مىللەت بولسىمۇ، ئەمما خىتاي بۇ جىنایى جاۋاپكارلىقلىرىدىن ھەر ۋاقىت قېچىپلا قالماي، بەلكى یهنه ئۇیغۇرلارنىڭ شىنجاڭدا بەختلىك یياشاۋاتقانلىقىنى دۇنیاغا ساختاه ھالەتتە كۆز-كۆز قىلىپ كەلگەن ئىدى.
2017-يىلى خىتایدا جازا لاگېرلىرى ئېچىلىشتىن بۈگۈنگەه قەدەر بولغان ئالتە يىل جەریانىدا چەتئەللەردىكى ئۇیغۇرلار: «ئائىلەم قەیەردە» دەپ ناله قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىز دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن یاكى بىگۇناھ ھالدا تۈرمە ۋە جازا لاگېرلىرىغا تاشلانغان ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، یيېقىنلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىۋاتقان بولسىمۇ، بۇ ھەقتە ئېنىق بىر پاكىتقا ئېرىشەلمەي كېلىۋاتقان ئىدى.

دۇنیادا ئىنسانلارغا ئۈمىد نۇرى بېرىدىغان «ئۈمىد» كىشىلىرى ۋە ئۈمىد تەشكىلاتلىرى ، ئىنسانىیەتنىڭ یولىنى ئاچقۇچى مایاكتۇر. يېقىندا ئەنگىلىیەلىك جورنالىست، ئاندىرىان زەنس قاتارلىق ئۈمىد كىشىلىرى چارىسىزلىك ئىچىدە ئىڭراۋاتقان ئۇیغۇرلار ئۈچۈن ئۈمىد نۇرى بولدى. ئۇلار پاش قىلغان«شىنجاڭ ساقچى ئارخىپلىرى» ۋە يېقىندا ئېلان قىلغان 700 مىڭ كىشىلىك «شىنجاڭلىقلارنى ئىزدەش تورى» ئۇیغۇر قىرغىنچىلىغىغا روشەن پاكىت سۈپىتىدە دۇنیا جامائەتچىلىكى بىلەن یۈز كۆرۈشتى. «شىنجاڭ ساقچى ئارخىپلىرى» ۋە 700 مىڭ كىشىلىك «شىنجاڭلىقلارنى ئىزدەش» تورى، خىتاینىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ»دىكى ئۇیغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرگە قارىتا سىستېمىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارىتا پاكىت بولغانلىقى بىلەن ئۇیغۇر خەلقى ئۈچۈن ئىنتایىن قىممەتلىك ئارخىپلار، دۇنیادىكى ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن كەڭ كۆلەملىك ھالدا ئوتتۇرىغا قویۇلۇپ كېلىۋاتقان، ئۇیغۇرلارنىڭ كوللېكتىپ نەزەربەند ئاستىغا ئېلىنىۋاتقانلىغى، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى، ۋە قایتا تەربىیەلەش نامىدا جازا لاگېرلىرىغا تاشلىنىۋاتقانلىغىدىن ئىبارەت مەسىلىلەرنى پولاتتەك پاكىتلار بىلەن تەمىنلىگەنلىكى ئۈچۈن قىممەتلىك. بۇ ئارخىپلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنى جىنایى جاۋابكارلىققا تارتىشتا قىممەتلىك بىر دەلىل -ئىسپاتنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ قىممەتلىك پاكىتلار ئارقىلىق خىتاي جىنایى جاۋابكارلىقىدىن قېچىپ قۇتۇلالمایدۇ. 

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئامېرىكا بىر ھەپتىدە 4 دانە نامەلۇم ئۇچار جىسىمنى ئېتىپ چۈشۈردى، خىتاي ئامېرىكا ئاسمىنىدا خالىغانچە ئوينىماقتا

سە فېۋرال 14 , 2023
ئامېرىكا بىر ھەپتىدە 4 دانە نامەلۇم ئۇچار جىسىمنى ئېتىپ چۈشۈردى، خىتاي ئامېرىكا ئاسمىنىدا خالىغانچە ئوينىماقتا

You May Like