1990-يىلى دىكابىر ئايلىرى بولسا كېرەك، مېنىڭ ئاقسۇ چاغراق تۈرمىسىدىكى (ئۇ چاغلاردا ئاقسۇ ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەش ئورنى ياكى ئاقسۇ لوجوسو دىيىلەتتى ) چاغلىرىم ئىدى.
چاغراقتىكى ئەڭ ئاساسلىق ئەمگەك كۈچى بولغان 2-ئەترەت ئەزالىرى قاتارىدا سىرتتىن بىڭتۇەننىڭ قىزىلچا ئېتىزىدا قىزىلچا كولاپ قايتىپ تۇرساق، سېپىل ئىچىدىكى يېڭى كەلگەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرىدىغان بىرىنچى ئەترەت قوراسى ئالدىدا 10 نەچچە ئادەمنىڭ يۈك تاقلىرى بىلەن تىزىلىپ تۇرغانلىقىنى كۆردۇق.
ئاساسەن ئۇزۇن چاپان، سەرپۇش تۇماقلار بىلەن باشقىلاردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان كىشىلەر ئارىسىدا ياش ۋە چىرايلىقلىقى بىلەن ئالاھىدە بىلىنىپ تۇرغان بىر بوز كۆز ئاق پىشماق يىگىتنى كۆردۈم.
مەن بىرىنچى ئەترەتتىكى ۋاقتىمدا، يۇرتداشلىرىنىڭ تاپىلىشى بىلەن بىر ئېغىر ئەمگەكتىن قۇتۇلدۇرۇپ ساۋادسىزلار سىنىپىغا دەرس ئۆتۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان گايىت دۈيجاڭ:
— ھە قاراپ كەتتىڭغۇ؟ بارىن ۋەقەسىگە (ئەينى تىل بىلەن ئالدىم) چېتىلغان شېرىكلىرىڭكەن، نېرىراق تۇر،- دېدى.
بارىن ۋەقەسى ھەققىدە ھاياجانلىق ۋە ئېچىنىشلىق خەۋەرلەرنى چالا پۇچۇق ئاڭلىغان بولغاچقا، ئاخىرى چاغراق تۈرمىسىدىكى بىردىنبىر ئەكسىلئىنقىلابچى(شۇ چاغدا شۇنداق دىيىلەتتى) جىنايەتچى بولمايدىغان بولدۇم دىگەندەك بىر ئۇزۇن كۆرۈشمىگەن يۇرتدىشى ياكى تۇققىنىنى كۆرگەن ئادەمدەك ھاياجانلاندىم.
كامېرا، كومپۇتېر يوق چاغلار بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە لوجوسو، تۈرمىلەردەك سېپىلنى ئەسكەرلەر باقىدىغان جىنايى جازا ئورنى ئەمەس، قىسقا مۇددەتلىك كۈزەتچى ئەسكەر يوق مەمۇرى جازالاش ئورنى بولغاچقا تۈرمە شارائىتى ئۇ قەدەر قاتتىقمۇ ئەمەس ئىدى.
شۇنىڭدىن كېيىنكى نەچچە كۈنگىچە يېڭىدىن كەلگەنلەر ئەترىتىگە كىرىپ چىقىپ يۈرۈيدىغانلاردىن بوز كۆز ئاق پىشماق يىگىتنىڭ ئىسمىنىڭ ئىسمايىل ھاجىم ئىكەنلىكىنى، يېڭىساردىن بولۇپ قاغىلىقتا ئوقۇش جەريانىدا تەبلىغ ماھارىتى ۋە كۆزگە كۆرۈنگەن تەشكىلاتچىلىقى بىلەن زەيدىن يۈسۈپلەر قاتارىدا دەسلەپكى تەشكىللىگۈچىلەر ئارىسىدا بار بولسىمۇ، بارىن قوزغىلىڭى مۇددەتتىن بۇرۇن قوزغىلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالغاچقا قاتنىشالماي قالغانلىقىنى، خىتتاينىڭ تۈزۈك پاكىت تاپالماي بارىن ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك كۈشكۈرتۈش جىنايىتىنى سادىر قىلدى دەپ مۈجىمەل ھۆكۈمنامە بىلەن ئۈچ يىل كېسىلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدىم.
ئۇ چاغلاردا تۈرمە كادىرلىرى ئاساسەن ئۇيغۇرلار ئىدى. ئوقۇش يېشىدا بولغانلىقىم ئۈچۈن ئاخشىمى كەچ يېتىپ ئەتىگىنى ئەتىگەن تۇرۇپ ئۆگىنىش قىلىش تەلىپىمگە ئاساسەن، باشقا ئوپچە ياتاقلارنىڭ يېتىش قوپۇش سائىتىگە ئۇيغۇن بولمىغانلىقتىن، 2-ئەترەتتىكى شايارلىق تۈرمە كادىرلىرىنىڭ شارائىت يارىتىپ بېرىشى بىلەن، باشقۇرۇشقا بويسۇنمىغانلارنى سولايدىغان باستۇرۇق ئۆيىنىڭ يېنىدىكى چاغراق تۈرمىسىنىڭ تاشلاندۇق كۇتۇبخانىسىدا يالغۇز كارۋات قويۇپ يېتىش شارائىتىغا ئېرىشكەن چاغلىرىم ئىدى.
ئاتالمىش ئاقسۇ لوجوسو، مەدەنىيەت ئىنقىلابى دەۋرىدە «4-ماي كادىرلار مەكتىپى» نامىدا خاتالاشقان كادىرلارغا مەمۇرى جازا بېرىش ئورنى سۈپىتىدە قوللىنىلغان دېھقانچىلىق مەيدانى بولغاچقا كىتابلىرىمۇ ئاساسەن مەدەنىيەت ئىنقىلابى دەۋرىدىكى كىتابلار بولۇپ، سانى كۇتۇبخانا دەپ كەتكۈدەك ئۇنچە كۆپ بولمىسىمۇ، يېرىمىدىن جىقى سىياسىي ۋەزىيەت ۋە تارىخ، كومپارتىيە ۋە خەلقارا مۇناسىۋەتكە ئائىت ئاساسەن شۇ چاغدا كىتابخانىلاردا قالمىغان كىتابلار ئىدى.
بىر كۈنى بىر نەچچەيلەن ئەترەت ھويلىسىدا قوناقلارنى مەدىكىدىن ئايرىۋاتساق، تۈرمە كادىرلىرىدىن قاسىم دۈيجاڭ:
— ھە ما قوناق سوقۇۋاتقانلار ئىشىڭلارنى قويۇپ مەن بىلەن مېڭىڭلار، سىرتقا چىقىپ كېسەك قۇيىسىلەر، نەجمىدىن سەن ئوقۇغۇدەك كىتابتىن بىر نەچچىنى ئېلىۋالغىن، ئا يەردە ساڭا ئوخشاش كىتاب خالتىسىدىن بىرسى باركەن،- دېدى. سېپىل سىرتىغا چىقىشنىڭ خوشاللىقىدا ئۆزەم بېشىمغا قويۇۋېلىپ تەكرار ئوقۇيدىغان ئافرىقا قىتئەسى تونۇشتۇرۇلغان بىر كونا كىتابنى ئېلىپ يۈگۈرۈشۈپ سەپ بولۇپ، ئەترەت دەرۋازسىدىن تىزىملىتىپ سىرتقا چىقتۇق، كىتابنى ئىسمايىل ھاجى سوراتقان بولۇپ، ئىسمايىل ھاجىمنىڭ ناۋاي ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان تۈرمە كادىرلىرىنىڭ ئەترەتكە ئازراق بولسىمۇ كىرىم بولۇشى ۋە كادىر جىنايەتچىلەرنىڭ يىمەكلىك شارائىتىنى كۆپ خللاشتۇرۇش ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ تۈرمە باشقۇرۇش ئىشخانىلىرىنىڭ قارشىسىدىكى رىمونتخانىلار قاتارىدىن بىر ئۆينى ناۋايخانا قىلىپ ئاجراتقانلىقىنى، بىزنىڭ شۇ ناۋايخانا ئۈچۈن كېسەك قۇيۇشقا ئېلىپ چىقىلغانلىقىمىزنى بىلدۇق.
دەسلەپ مەن قۇيغان كېسەكلەرنىڭ چىرايلىقلىقىدىن ماختىلىپ، كېيىن بىر كۈندە 30 كېسەك قۇيغانلىقىم ئوتتۇرىغا چىقىپ سەن ئەمگەك قىلالمايدىغان ھورۇنكەنسەن دەپ ئەترەتكە كىرگۈزىۋېتىلگەن كومىدىيەدىن كېيىن، تۈرمە سىرتىدىكى ناۋايخانا ھەپتە قالمايلا پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. ئۇ چاغلاردا مەن چاغراق تۈرمىسىنىڭ گېزىتىگە خەۋەر يازىدىغان جىنايەتچىلەر قاتارىدا كۈندۈزلىرى ئەترەت سىرتىغا چىقالايدىغان بولغاچقا ناۋايخانىغا پات پات بېرىپ، خېمىر يۇغۇرىۋاتقان، نان ئېچىۋاتقان ياكى تونۇرغا نان يېقىۋاتقان ئىسمايىل ھاجىم بىلەن سائەتلەپ پاراڭلىشىپ كېتەتتىم.
مېنىڭ ئۇ چاغلاردىكى دىنى بىلىمىم تامامەن ئاتامدىن ئۆگەنگەن قائىدىلەر ئاساسىغا تۇرغۇزۇلغان بولۇپ، تەۋھىد ۋە تەۋەللا تەبەررانىڭ ئىماننىڭ ئۆلۈك تىرىكلىكىنى پەرقلەندۈرىدىغانلىقىدەك بىزنىڭ ئائىلە دوستىمىز ئۇبەيدۇللا مەرۇپ داموللامدىن ئاڭلىغانلىرىمىنى ھىسابقا قالمىغاندا، ئەنئەنىۋى ھەنەفى مەزھەب چۈشەنچىسىدە ئىدىم. تەۋھىدنىڭ دىندىكى ئورنى ۋە بۇ ھەقتە تەپەككۈر قىلىشنىڭ مەن يېڭىدىن ئۇچرىشىپ ھاياجانلىنىۋاتقان قەدىمقى يۇنان پەلسەپىلىرى ھەققىدىكى چەكلىك ماتېرىياللار ئارىسىدا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش جەريانىدا ، پۇرسەت بولسىلا ئىزدىشىپ پاراڭلىشىپ، بىر كۈن كۆرۈشمىسەك چىداشمايدىغان دەرىجىدە ئىجىل بولۇپ كەتتۇق. ئىسمايىل ھاجىم مېنىڭ دىنى چۈشەنچىلىرىمنىڭ ئۈزۈل كېسىل يېڭىلىنىشىغا سەۋەب بولدى.
ئوقۇغان كىتابلىرىمىز ۋە ئائىلە تەربىيەمىز پەرقلىق بولغانلىقتىن مەن كۆپرەك دۆلەتچىلىك، تارىخ ۋە ياۋروپانىڭ سىياسىي مۇۋەپپىقىيەتلىرى نۇقتىسىدا، ئىسمائىل ھاجىم بولسا ئۈممەتچىلىك ۋە دىنى نۇقتىدا پىكىر قىلاتتى. بىلىدىغانلىرىمىز بىر بىرىنى تولۇقلايتتى. گەرچە پىكىرلىرىمىز پەرقلىق بولسىمۇ، بارىن ۋەقەسىنىڭ ئالدى كەينىدىكى ئىشلار، قاغىلىقتىكى دىنى چۈشەنچىلەر بىلەن مەسچىتلەردە ئىماملىق قىلىۋاتقان ئاتالمىش سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ دىنى چۈشەنچىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئالەمشۇمۇل پەرقلەرنى ھىس قىلىپ ئەلبەتتە ئەڭ جەڭگىۋار ۋە خىتتايغا قارشى سەپكە ھەۋەس قىلىپ قالغان ئىدىم، ئۆگەنگەنلىرىم، ھىس قىلغانلىرىم ھەقىقەتەن ئاز بولمىغان ئىدى.
ئۇزۇن قالماي مەن مۇددىتىم توشۇپ تۈرمىدىن چىقتىم، مەن قويۇپ بېرىلگەن كۈنى ئىسمايىل ھاجىمنى يوقلاپ كەلگەن ئاقسۇ ۋاڭسەندە قۇرۇق مىۋە چىۋە ساتىدىغان تۇرسۇنجان ئىسىملىك تونۇشى بىلەن بىللە قايتىپ ياخشى مېھمان بولۇپ قايتتىم. ئىككى ئاي ئۆتكەندە بەزى ئۇششاق لازىمەتلىكلەرنى ئېلىپ ئىسمايىل ھاجىمنى يوقلاپ ناۋايخانىسىدا بىر كېچە قونۇپ شۇ چاغدىكى پىلانلىرىمىز ۋە ئىشلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردۇق.
ئىسمايىل ھاجىمنىڭ مۇددىتى توشقۇچە مەن قايتا تۈرمىگە كىرىپ كېتىپ قالدىم. 1997-يىلى تۈرمىدىن چىقسام ئىسمايىل ھاجىم چەتئەلگە چىقىپ كېتىپتۇ. 1998-يىلى ئافغانىستاندىن قايتىپ كەلگەن دوستىمىز ئوسمان ھىمىتتىن، ئىسمايىل ھاجىمنىڭ تاغدىكى ۋەتەنداشلار ئارىسىدا خىتتايدىن باشقا دۈشمىنىمىز يوق دەپ پەقەت خىتتايغىلا قارشى ئوق ئېتىش تەشەببۇسى مۇئەييەن بىر سەپنىڭ بېشى بولۇپ قالغانلىقىدىن خەۋەر تاپتىم. (ئوسمان ھىمىت شايار بازارلىق بولۇپ ساۋاقدىشىم بىلەن توي قىلغان ئىدى. ئافغانىستاندىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇ يەردە ئۆگەنگەن تەجرىبىلىرى بىلەن، خىتتاينى قورقىتىپ ۋەتەندىن قاچۇرۇش كەڭ كۆلەملىك قارشىلىق ھەركىتى قوزغاش نىيتىدە، ئۈرۈمچىدە زور مىقداردا پارتلاتقۇچ دورا ياساش ئۈچۈن تەييارلىق قىلۋاتقىنىدا خىتتاي ساقچىلىرىنىڭ قولىغا چۈشكەن، پارتلاتقۇچ دورا ماتېرىيالللىرىنى كېرەكلىك پۇللارنى نەدىن تاپقانلىقىنى سورىغاندا ئىئانە بەرگۈچىلەرنى ئاسراش ئۈچۈن بىن لادىن بەرگەن دىگەنگە ئىمزا قويغۇزۇلغاندىن كېيىن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىپ ئېتىلىپ كەتتى. ئوسمان ھىمىتنىڭ شېرىكى سۈپىتىدە 10 يىل كېسىلگەن نىياز قارىم، 2015-يىللىرى گۇاڭشىنىڭ يولى بىلەن مالايسىيە ئارقىلىق تۈركىيەگە كەلگەن، ھازىر ئەنگلىيەدە).
2004-يىلى تۈرمىدىن يېڭى چىققان تونۇشلىرىمدىن بىرى، ئىسمايىل ھاجىمنىڭ پاكىستان تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ خىتتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىپ ئۆزى بىلەن تۈرمىدە كامىرداش بولۇپ بىللە ياتقانلىقىنى، «ئىسمايىل ھاجىم بىلەن دائىم گېپىڭىزنى قىلىشقانتۇق. ئىسمايىل ھاجىم بەك گېپىڭىزنى قىلىپ «نەجمىدىن شۇ چاغدا كىچىك بولسىمۇ جىق نەرسىلەرنى بىلىدىكەنتۇق. جىق پاراڭلىشىدىغان پۇرسەتنى كەتتۈرىۋېتىپتىكەنمەن، ھازىرقى ئەقلىم بولسا قىيامەتلىك قېرىنداش بولۇپ قالاتتۇق، كۆرۈشۈپ قالسىڭىز سېغىنىپ سالام ئېيتقانلىقىمنى يەتكۈزۈپ قويۇڭ» دىگەنلىكىنى يەتكۈزدى.
2007-يىلى ئىسمايىل ھاجىمنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ ئىنتايىن پەرىشان بولدۇم. ئەينى چاغدىكى قەدىرلىيەلمىگەن تۈرمىداش زامانلىرىمىزغا ئۆكۈنۈپ، ئىسمايىل ھاجىم ۋە باشقا خىتاي تەرىپىدىن ئەڭ دەسلەپ نىشانغا ئېلىنغان، جاپا تارتقان قېرىنداشلىرىمىز بىلەن چاغراقتا ئۆتكەن كۈنلىرىمىزنى ئەسلەپ كۆزلىرىمگە ياش ئالدىم.
ھازىرغا قەدەر بارىن ھەققىدە گەپ سۆزلەر بولۇنسا ئىسمايىل ھاجىم ۋە باشقا كۈچلۈك ۋە ئىپلاس دۈشمەنگە دوچ كەلگەن بەختسىز مىللىتىمىزنىڭ پىداكار جەڭچىلىرى، شۇ چاغدىكى كۈنلەر ئېسىمگە كېلىدۇ. ئېشىپ قالغان ھاياتىمنىڭ پەقەت ۋە پەقەت مۇشۇ قىساس ئارقىلىقلا مەنا تاپىدىغانلىقىنى تەكرار تەكرار ھىس قىلىمەن.