تۈرمىدىكى ئىنىم ئادىل ۋە باشقا ئاتىلارنىڭ بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن.

ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان ھەر قايسى بايراملارنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مەنىسى باشقىچە. ھەر قېتىملىق يېڭى يىل، ئاياللار بايرىمى، ئاتىلار بايرىمى، مىننەتدارلىق بايرىمى، بالىلار بايرىمى… بولغاندا، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ۋەتەندە قالغان تۇققانلىرىنى بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن ياد ئېتىدۇ. يېنىدا بولمىغانلىقى ئۈچۈن ھەسرەتكە چۆمىدۇ.

مەرھۇم دادامنىڭ، ئۈچ پەرزەنتنىڭ دادىسى تۈرمىدىكى ئىنىم ئادىلنىڭ، سانسىزلىغان ئۇيغۇر دادىلارنىڭ دۇنيا «ئاتىلار بايرىمى»غا مۇبارەك بولسۇن.

بۈگۈن ئاتىلار بايرىمى – دۇنيا بويلاپ كىشىلەر ئۆزلىرىنى بېقىپ چوڭ قىلغان، مېھر بەرگەن ئاتىلىرىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىدۇ. كۆرۈشۈپ جەم بولىدۇ، ياكى تۆھپە ۋە سوۋغات ئەۋەتىدۇ… ئۇلارغا بولغان مېھرى ۋە مىننەتدارلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

مەن مىننەتدارلىق بىلدۇرۇشكە قەرزدار كىشى – ئاق كۆڭۈل ۋە مېھنەتكەش دادام 2016-يىلى بىزدىن ئايرىلغان بولۇپ، دۇنيادىكى بارلىق دادىلارنى ئۇنىڭغا ئوخشاش ئاق كۆڭۈل ۋە جاپاكەش دەپ تەسەۋۋۇر قىلىمەن.

بۇ كۈندە ئائىلىمىزدە مەن ئەسلەيدىغان ئاتا بولغانلار خىلى كۆپ. تۇققان ئىنىم ئادىل، تاغام ئابلەتخان، نەۋرە ئىنىم يۇسۇپ، غاپپار، ئالىمجان، ياسىنجان، ئەلىجان… ئانا تەرەپ تاغىلىرىم…

ئۇلارنىڭ ھازىرقى تەپسىلىي ئەھۋالىنى بىلمەيمەن. ئەمما ئىنىم ئادىل – مېنىڭ بىر تۇققان ئىنىم بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئايالى، ئاپام ۋە يەنە باشقا تۇققانلىرىم بىلەن بىر قاتاردا ئېغىر قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى بىلىمەن. باشقا تۇققانلارمۇ ئوخشاش تەقدىرگە دۇچار كەلدى دەپ ئاڭلىدىم.

ئىنىم ئادىل ئاق كۆڭۈل ۋە تىرىشچان ئىدى، ئۇنىڭ ئۈچ بالىسى بار ئىدى، بالىلىرىغا ئامراق ئىدى، ھەر كۈنى كەچتە ئىشتىن چۈشكەندە، بالىلىرىغا بىر نەرسە ئېلىپ كېلەتتى. بالىلىرى ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىپ، ۋىچىرلاپ ئولتۇرۇپ، ئوينايتتى.

ئادىل ۋە ئايالى 2017-يىلى تۇتۇلغاندا، ئۇنىڭ كىچىك ئۈچ بالىسى ئىگىسىز-چاقىسىز قالغان. بولۇۋاتقان ئىشلارغا ئاساسەن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلغان باشقا بالىلارغا ئوخشاش، ياتاقلىق مەكتەپكە ئېلىپ بېرىپ، قىزىل يېڭى ئەۋلات تەربىيىلەشكە ئەۋەتكەنلىكىنى قىياس قىلدىم. شۇ ۋەقەلەردىن 8 يىل ئۆتكەندىن كېيىنمۇ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلمەيمەن، ئۇلار قانداق تۇرىۋاتىدۇ. خوشاللىقى ياكى قايغۇ-ھەسرىتى، ھەممىسى نامەلۇم.

ۋەتەندە ياشىغان چاغدا، تۈرمىگە تاشلانغانلارنىڭ ئىسمىنى ئاشكارا تىلغا ئېلىپ، ئەسلەش قورقۇنچلۇق ئىش بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاۋارچىلىقىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن كىشىلەر بۇ ھەقتە ھېچنېمە دېمەيتتى.

تۈرمىدىكى ئۇكام ئادىل، نەۋرە تۇققانلىرىم، تاغىلىرىم مېنىڭ نەدە، قانداق ياشاۋاتقانلىقىمنى بىلمەيدۇ، ئەمما مەن ئۇلارنىڭ قاراڭغۇ ۋە قورقۇنچلۇق تۈرمىدە، ئازاب ۋە بېسىم، بەلكىم ئۈمىتسىزلىك ۋە ھەسرەت ئىچىدە ياشايدىغانلىقىنى بىلىمەن.

بەلكىم ئۇلار بىلەن ئورتاقلىشىم – بىللە ئۆتكۈزگەن كۈنلەرنى ئەسلەش ۋە سېغىنىش بولسا كېرەك.

ئۆتكەن 8 يىلدا، مەن ئۇلار ئۈچۈن بىر ئىش قىلىپ بېرەلىگىنىم يوق. ئۇلارنى ئۇنۇتماسلىق – ياد ئېتىش، ئۇلارنىڭ ئاددىي ھېكايىسىنى سۆزلەپ تۇرۇش، پات-پات ئۆزۈمنى نېمە ئۈچۈندۇر ئەيىپلەش – ئۇلار ئۈچۈن قىلالايدىغان ئەڭ ئاددىي ئىش بولۇپ قالدى.

ۋاقىت ئۆتكەنسېرى، ئۆزۈمگە «ئۇلارنىڭ ئارزۇسى – بىزنىڭ خوشال، ئەركىن ۋە ياراملىق كىشىلەردىن بولۇشىمىزدۇر» دەيدىغان بولدۇم. بەلكىم ئۇلار ئاتىلار كۈنىدە مېنىڭمۇ ياخشى دادا بولۇشۇم ۋە ياخشى پەرزەنتلەرنى چوڭ قىلىشىمنى ئارزۇ قىلىدىغاندۇ.

مەن ئۇكام ئادىلنىڭ ھەر بىر پەرزەنتىگە ئامراق بولغىنىمدەك، ئۇمۇ مېنىڭ قىزىم شەھرىبانۇغا ناھايىتى ئامراق ئىدى.

مەنمۇ بىر دادا بولۇش سۈپىتىم بىلەن «دادىلار بايرىمىڭ مۇبارەك بولسۇن» دېگەن سۆزنى ئاغزىدىن ئاڭلاشنى خالايدىغان كىشى – 8 يىلدىن بۇيان ئايرىۋىتىلگەن قىزىمدۇر. بۇ كۈندە ھەم قىزىمغا سالامەتلىك تىلەيمەن.

ئۇيغۇر دادىلار – بېغىشلاش، تىرىشچانلىق ۋە قەيسەرلىكنىڭ سىمۋولى بولغان ئۇيغۇر دادىلار سالامەت بولغاي.

مەن يىراقتا بولسا، ئەمما ئوي-خىياللىرىم، كۆڭلۈم شۇ تۇققانلىرىم، ئىنىم بىلەن بىللە.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

You May Like