تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئابدۇقادىر ياپچان ئۈچۈن توپلاندى

خەۋەر تەييارلىغۇچى: ئىقبال

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-02-12

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

خىتايغا قارشى كەسكىن مەيدانى ۋە ئۆتكۈر نۇتۇقلىرى بىلەن تونۇلغان جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان خىتاينىڭ ئاساسسىز تۆھمەتلىرى سەۋەپلىك 3 يىلغا يىقىن ۋاقىتتىن بىرى تۈركىيەدە نازارەت ئاستىدا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتاتتى.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ئابدۇقادىر ياپچان ھەققىدە مۇناسىۋەتلىك تۈركىيە رەھبەرلىرى ۋە خەلىقئارا كىشلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن ۋە باياناتلارنى بەرگەن بولسىمۇ، تۈركىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ دىپلوماتىك ۋە ئىقتىسادى بىسىمى تۈپەيلى ھىچقانداق ئىجابى ئىنكاس بىلدۈرمىدى.

يېقىندا «كۆچمەنلەر ھەقلىرى جەمىيىتى» ئىجتىمائىي تاراتقۇ ۋاستىلىرىدا ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ 12-فېۋرال ئىستانبۇل ئادالەت سارىيىدا سوتقا چىقىدىغانلىقىغا دائىر خەۋەر تارقاتتى. بۇنىڭغا ياندىشىپ شەرقى تۈركىستان تەشكىلات رەھبەرلىرىدىن «شەرقى تۈركىستان مىللى مەجلىسى» رەئىسى سېيىت تۈمتۈرۈك سىنلىق چاقىرىق قىلىپ ئابدۇقادىر ياپچاننى قوللاش يۈزىسىدىن تۈركيەدىكى شەرقى تۈركىستانلىقلارنى ئىستانبۇل ئادالەت سارىيى ئالدىغا توپلىشىشقا چاقىردى. ئۇندىن باشقا ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ قوللىغۇچىلىرى ۋە يېقىنلىرى ئىجتمائىي تاراتقۇ ۋاستىلىرىدا بۇ ھەقتە ھەمبەھىرلەشلەردە بولدى.

پۈتۈن بۇ چاقىرىقلارغا جاۋابەن بۈگۈن 12-فېۋرال ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار ئىستانبۇل ئادالەت سارىيى ئالدىغا يىغىلدى. قوللىرىدا شەرقى تۈركىستان ۋە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بايرىقىنى كۆتۈرۈۋالغان مىڭغا يىقىن كىشى ئابدۇقادىر ياپچانغا ئەركىنلىك دىگەن شۇئار يىزىلغان پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ قەلبىدىكى ئورنىنى  ۋە مۇھىم شەخىس ئىكەنلىكىنى ئەمەلى ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىسپاتلىدى.

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ سوتىغا 30 كىشى قاتناشتى

سە فېۋرال 12 , 2019
ئۈچ يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بېرى خىتاينىڭ بېسىمى بىلەن تۈركىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن نازارەت ئاستىدا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچانغا 12-فېۋرال ئىستانبۇل ئادالەت سارىيىدا سوت ئىچىلدى.

You May Like