تۈركىيەدىكى « مودېرن سەنئەت» ژۇرنىلىنىڭ 11 -12 ئايلىق سانى ئۇيغۇرلارغا ئالاھىدە سان قىلىپ چىقىرىلدى

تۈركىيەدىكى « مودېرن سەنئەت» ژۇرنىلىنىڭ 11-12 ئايلىق پەسىللىك سانى ئۇيغۇرلارغا ئالاھىدە سان قىلىپ چىقىرىلدى. بۇ ژۇرنال پۈتۈن تۈرك دۇنياسىغا تارقىتىلىدىغان بولۇپ ژۇرنالنىڭ مۇقاۋىسىغا لاگېر شېھىتى مېھراي ئەركىننىڭ رەسىمى ئىشلىتىلدى.

 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 23-ئۆكتەبىر

تۈركىيەدىكى « مودېرن سەنئەت» ژۇرنىلىنىڭ 11-12 ئايلىق پەسىللىك سانى ئۇيغۇرلارغا ئالاھىدە سان قىلىپ چىقىرىلدى. بۇ ژۇرنال پۈتۈن تۈرك دۇنياسىغا تارقىتىلىدىغان بولۇپ ژۇرنالنىڭ مۇقاۋىسىغا لاگېر شېھىتى مېھراي ئەركىننىڭ رەسىمى ئىشلىتىلدى. 

ژۇرنالنى روياپقا چىقىرىشتا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ئالاھىدە كۈچ چىقاردى. ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىدىن ئامىنە سەدەپ خانىم ۋە ھەبىبۇللا ئىزچى ئەپەندىم ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرىنى تۈركچە تەرجىمە قىلىش ۋە تەھرىرلىكىنى قىلىشتا ئالاھىدە كۈچ چىقاردى.

بۇ ھەقتە ھەبىبۇللا ئىزچى مۇنداق دەيدۇ:« بىر مىللەتنىڭ ئىچىدە ئىنسانلارنىڭ ئۆزىنى، ھېسسىياتىنى، دەردىنى ئىپادىلەش شەكلى پەرقلىق بولىدۇ. بولۇپمۇ بۇلارنىڭ ئىچىدە شائىرلارنىڭ ئۆزىنى ئىپادىلەش شەكلى تېخىمۇ پەرقلىق ۋە ئۆزگىچە بولىدۇ. ھازىرقىدەك شەرقى تۈركىستاندا ئۆزىمىزنىڭ ئانا تىلىمىز چەكلىنىۋاتقان ۋە ئۇيغۇر يېزىقىمىزدىكى نادىر ئەسەرلىرىمىز يوق قىلىنىۋاتقان، مىللىتىمىز پۈتۈن مىللەت سۈپىتىدە قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان، ئىرقى قىرغىنچىلىقىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىققان بىر ۋاقىتتا، مىللىي ئەنئەنە ۋە مىللىي مەدەنىيىتىمىزنى قوغداش، ساقلاپ قېلىش، تەرەققىي قىلدۇرۇش، دۇنيا جامائەتچىلىكىگە تونۇتۇش دىئاسپورادىكى زىيالىيلىرىمىزنىڭ، جۈملىدىن پۈتۈن خەلقىمىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچىدۇر. 

بىز بىرىنچىسى بۇ سەۋەب بىلەن ئۇيغۇر دىئاسپوراسىدىكى شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىنى تۈرك دۇنياسىغا تونۇتۇش، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇچراۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى تۈرك دۇنياسىغا شېئىرى تىللار بىلەن ئىپادىلەش، شېئىرىيەت ۋە ئەدەبىياتقا قىزىقىدىغان ئىنسانلارغا ئۇيغۇرلارنى ۋە خەلقىمىز دۇچ كەلگەن قىسمەتنى تونۇتۇشنى مەقسەت قىلىپ، بۇ قېتىم «مودېرن سەنئەت» ژۇرنىلى بىلەن ھەمكارلىشىپ بۇ ساننى روياپقا چىقاردۇق. بۇ ھەقتە ژۇرنال تەھرىراتىتىدىن ئارسلان ئەپەندىممۇ ئالاھىدە قوللىدى.

ئىككىنچىسى رەھمەتلىك سىڭلىمىز مېھراينىڭ پاجىئەسىنى تۈرك دۇنياسىغا ئاڭلىتىش، بۇ ئارقىلىق مىللىتىمىزنىڭ پاجىئەلىك تراگېدىيەلىرىنى ۋە دىئاسپورادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقى تۈركىستانغا قايتسا قانداق بىر تراگېدىيە بىلەن يۈزلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلدۇق.

ئۈچىنچىدىن، سىڭلىمىز مېھراينى ئەسلەش، ئۇنىڭ پاجىئەسىنى تۈرك دۇنياسىغا بىلدۈرۈش ۋە مېھراينىڭ نامىنىڭ تارىخ بېتىدە مەڭگۈ ساقلىنىشى ئۈچۈن، بۇ سان ژۇرنالنى ئۇيغۇرلارغا ئالاھىدە سان قىلىپ بېكىتىشىنى نەشرىيات بىلەن قايتا -قايتا پاراڭلىشىش ئارقىلىق، قايىل قىلىپ مۇقاۋىسىغا مېھراينىڭ رەسىمىنى كىرىشتۈرۈپ ئىشلەشنى تەۋسىيە قىلىپ بۇ ژۇرنالنى روياپقا چىقاردۇق. مۇقاۋىسىغا ئىشلىتىلگەن رەسىم داڭلىق بىر رەسسامنىڭ رەسىمى بولۇپ رەسىمنىڭ ئىسمى |«ئانا» . بۇ رەسىم 2010 -يىلى بىر رەسىم كۆرگەزمىسىدە 6000 دوللار باھا بىلەن سېتىۋېلىنغان رەسىم بولۇپ ئاتا- ئانىسى خىتاينىڭ بېسىمى ئاستىدا قالغاندا پەرزەنتلىك بۇرچىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ۋەتەنگە قايتىپ خىتاينىڭ قولىدا شېھىت بولغان مېھراينىڭ ئانا پىراقىدا يولغا چىقىپ ئانىسى ۋە ئائىلىسى بىلەن جەم بولالماي شېھىت بولغانلىقىغا سىمۋول قىلىپ بۇ رەسىم ئىشلىتىلدى.»

بۇ سان ژۇرنالدا يەنە دىئاسپورادىكى ئەزىز ئىسا ئەلكۈن، مەردان ئەخەتئېلى قاتارلىق شائىرلىرىمىزدىن باشقا تۇتقۇندىكى  ئەدىپلىرىمىزدىن پەرھات تۇرسۇن، چىمەنگۈل ئاۋۇت، ئادىل تۇنياز، غوجا مۇھەممەت، ساھىپ ئابدۇسالام قاتارلىق ئۇيغۇر ئەدىبلەرنىڭ شېئىرلىرىغىمۇ ئورۇن بېرىلدى.

بۇ سەۋەب بىلەن بىز ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى ۋە بارلىق ئۇيغۇر خەلقى نامىدىن «مودېرن سەنئەت» ژۇرنىلىغا ئالاھىدە رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز!

 

ئامىنە سەدەف تەييارلىغان

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

مۇبارەك مەسچىتى ئەقسانىڭ ئىمامى شەيخ ئىكرىما سەئىد سەبرى ماراكەش ھۆكۈمىتىگە چاقىرىق قىلدى

پە دېكابىر 23 , 2021
مۇبارەك مەسچىتى ئەقسانىڭ ئىمامى شەيخ ئىكرىما سەئىد سەبرى ماراكەش ھۆكۈمىتىگە چاقىرىق قىلدى

You May Like