تۈركىيەدىكى 100 ئادۇكات ب د ت غا ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا ئەرز سۇندى

سەدەف

2020-6-20

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى


يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئاسلىملاتسىيە ۋە قىرغىنچىلىق خەلىقئارا جەمىيەتتە ئۆزلۈكسىز باش تىما بۇلۇپ كەلدى. تۈركىيەنىڭ ئوخشىمىغان ئادۋۇكاتلىق جەمئىيەتلىرىگە ئەزا بولغان، ھەرقايسى ۋىلايەت شەھەرلەردىكى 100 ئادۇكات، ئادۇكات فارۇق كەلەشتىمۇرنىڭ يىتەكچىلىكىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى كۈنسىرى ئېشىۋاتقان زۇلۇم ۋە قىرغىنچىلىققا بولغان نارازىلىقىنى قانۇنىي ئۇسۇللار بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھۇقۇق ئورگىنىغا سۇندى.


زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلغان ئادۇكات فارۇق كەلەشتىمۇر بۇ ھەقتە مۇنداق دىدى. » شەرقىي تۈركىستان تۈرك ئىسلام دۇنياسىنىڭ ۋە شۇنداقلا ئىنسانىيەتنىڭ قانىغان يارىسىغا ئايلاندى. شەرقىي تۈركىستان بىزنىڭ يىلتىزىمىز، تارىخىمىز ۋە ئەجدادىمىز دۇر. شەرقىي تۈركىستاندا يىللاردىن بىرى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئاسلىملاتسىيە ۋە زۇلۇم يېقىنقى يىللاردا ناھايىتى يۇقىرى پەللىگە چىقتى. دەپسەندە قىلىنىۋاتقان كىشىلىك ھۇقۇق، ئۆزلۈكسىز يۈرگۈزىۋاتقان جىسمانىي ۋە روھى قىرغىنچىلىقلار ،ئىنسانلارنىڭ ھايات مامات مەسىلىسى بۇلۇپ قالدى. ئەڭ مۇھىمى بۇ پۈتۈن دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدا ئۇچۇق ئاشكارە ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. شۇئان بىز قانۇن ياقىلىغۇچىلار بۇلۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ مەسىلىدە نىمىش قىلالايمىز؟ قولىمىزدىن نىمە كىلىدۇ؟ دىگەننى كۆپ مۇزاكىرە قىلدۇق. بىز خىتاي كومىنىستك پارتىيەسىنىڭ قانۇن نىزاملىردىن بۇ مەسىلىنى ھەل قىلالايدىغىنىمىزغا ئىشەنمىدۇق. شۇڭا بىز خەلقئارالىق ئىنسان ھەقلىرى قۇنۇنلىرى بويىچە بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا تىرىشتۇق.


بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھۇقۇق كومتىتى، كىشلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىك كە قارشى نارازىلىق ئورنى بىكىتكەن ئىكەن. بۇ ئورۇننىڭ تەلىپىگە ئاساسلانغان قانۇنىي شەكىلدە ئەرز سۇنۇلسا بۇلىدۇ. بىز قانۇن سىپىدىكىلەر قېرىنداشلىرىمىزغا ئازراق بولسىمۇ، قېرىنداشلىق بۇرچىمىزنى ئادا قىلىش ۋە زۇلۇمغا ئۇچرىغانلارنىڭ يېنىدا بۇلۇش ئۈچۈن بۇ ئىمزالىق پائالىيەتنى باشلاتتۇق.»


«قانۇن ۋە چۈشەنچە» بىرلىكىنىڭ قۇرغۇچىسى ئادۇكات فارۇق كەلەشتىمۇر بۇ قېتىقى 100 ئادۇكاتنىڭ بىرلىكتە قول قۇيۇپ جەنۋەدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھۇقۇق كومتىتىغا سۇنۇلغان ئەرزنامىنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە چۈشەنچە بىرىپ مۇنداق دىدى.» خىتاينىڭ ئۇچۇق ئاشكارە ۋە دەلىل ئىسپاتلىق ھالدا خەلىقئارا كىشلىك ھەق ھۇقۇق قانۇنىڭ 14 ماداىسىدا قوغدىلىندىغان 7 تۈرلۈك كىشلىك ھۇقۇقنى دەپسەندە قىلغانلىقىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغانلىقىنى ، تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان بۇ كىشلىك ھۇقۇق دەپسەندىچىلىكلىرنىڭ ھەر بىرىنىڭ خەلىقئارا كىشلىك ھۇقۇق ،ئەركىنلىك نازارەتچىللىرنىڭ تەكشۈرۈپ، بىكىتكەن ئېنىق دەلىل ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ خەلىقئارا كىشلىك ھۇقۇق باياننامىسىدە قوغدىلىدىغان ئوخشىمىغان تۈردىكى بەش ماددىغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئۇچۇق ئاشكارە، دەلىل _ئىسپاتى بىلەن ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن ھالدا خەلىقئارا جەمئىيەتنىڭ تەكشۈرۈشلىرى بىلەن ئېنىقلانغانلىقىنى بىلدۈردى.


ئادۇكات كەلەشتىمۇر يەنە » بۇ مەسىلىدە خىتاي جۇمھۇرىيىتى ۋە خىتاي پارتىيەسىنىڭ بۇزغۇنچىلىقلىرنىڭ كۈپۈنچىسى ئۆزلىرىگە نىسپەتەن زىيانلىق. خىتاي كومنىستىك پارتىيەسى ئۆزىنىڭ قانۇنىي مەسئۇلىيتىنى ئادا قىلمايۋاتىدۇ. بۇ مەسىلىلەرنىمۇ داۋا تەلىپىمىزدە ئوتتۇرىغا قويدۇق. بۇ بۇزغۇنچىلىقلار ياۋرۇپا پارلامىنتىنىڭ ۋە ھەرقايسى كىشلىك ھۇقۇق قوغدىغۇچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىشەنچلىك ماتىرياللىرى بىلەن دەلىللەندى. ئۇيغۇرلارنىڭ باللىلىرغا ئۆزلىرى خالاپ ئىسىم قۇيالماسلىقتەك كىچىككىنە بىر ھۇقۇقىنىڭمۇ بولماسلىقى دىن ۋە ۋىجدانغا خىلاپ بىر بۇزغۇنچىلىق ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ئەڭ كىچىك نوقتىلارمۇ داۋا تەلىپىدە ئوتتۇرىغا قۇيۇلدى.» ئادۇكات فارۇق كەلەشتىمۇر ئاخىردا يەنە مۇنداق دىدى.» بىز بۇ داۋا تەلىپىمىزنى جەنۋەدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھۇقۇق كومتىتىغا سۇندۇق. بىز بۇنىڭ بىلەنلا توختاپ قالمايمىز ۋە بۇ دەۋانى ئىزچىل تەكشۈرۈپ، نازارەت قىلىپ تۇرىمىز. بىر گۇرۇپ ئادۋۇكاتلار جەنۋەگىچە بېرىپ بۇ مەسىلىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۈلىمىز. بىز ھازىر تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت شەھەرلەردىكى 100 ئادۇكات بىلەن بۇ پائالىيەتنى باشلىدۇق. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئادۋۇكاتلار ۋە قانۇن سېپىدىكىلەرنىمۇ بۇ پائالىيەتكە ئاۋاز قۇشۇشقا چاقىرىمىز ۋە ئۇلارنىڭمۇ بۇ خىل ئۇسۇلدا قانۇنىي يول بىلەن خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قىرغىنچىلىقلىرنى توختىتىشقا ھەرىكەت قىلىشىنى ئۈمىت قىلىمىز. «

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

دېڭىزلىدا خىتاي ماللىرىغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلدى

شە ئىيۇن 20 , 2020
6_18_كۈنى تۈركىيە ۋاقتى سائەت 11دە دېڭىزلى مۇخپىرلار جەمىيتىدە 50 كارخانىنىڭ خىتاي ماللىرىنى ئېمبارگو قىلغانلىقى ھەققىدىكى پائالىيەت ھەققىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلدى.

You May Like