تۈركىيە ختاي باشچلىقىدىكى «كېسەك»دۆلەتلەر ئېتتپاقىغا قوشۇلۇش ئۈچۈن رەسمى ئىلتىماس سۇندى

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى،2-سىنتەبىر

تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دۇنيا تەرتىۋىنى ئاغدۇرۇپ يېڭى تۈزۈم تەشكىللەشنى غايە قىلغان ختاي ۋە روسيە باشچىلىقىدىكى بىرىكىس Bricks -كېسەك دۆلەتلەر ئېتتپاقىغا ئەزا بولۇشقا قانۇنى شەكىلدە رەسمى دىپلوماتىك ئىلتىماس تاپشۇردى.

بىرىكىس يېقىنقى يىللاردا بىر يۈرۈش كۈچلۈك تۈزۈملەرنى يولغا قويماقتا بولۇپ، ئاشكارا ھالدا غەرپكە قارشى تۇرۇش، ئامېرىكىنى ئاجىزلاشتۇرۇش، دوللار ئورنىغا يېڭى پۇل بىرلىكى ئىشلىتىش، ختاي بىلەن سودىنى كۈچەيتىش ، ئوتتۇرا شەرق، ئافرىقا، لاتىن ئامېرىكىسدا ئامېرىكىنى چەتكە قېقىش ئەكسچە ختاي ۋە روسنىڭ تەسرىنى مۇقىملاشتۇرۇش قاتارلىق سياسى پىلانلارنى تەرغىپ قىلغان.

بىرىكىستە ختاي بىلەن چېقشالمايدىغان ھىندستان بولسمۇ، ئەمما ھىندستان ئېقتسادى مەنپەئەت ئۈچۈن ختاينىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

تۈركىيە پىرەزدىنتى ئەردوغان بىرىكىسكە قوشۇلۇشنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ، تۈركىيە غەرپ بىلەنمۇ شەرق بىلەنمۇ ياخشى ئۆتۈشى كىرەك-دىگەن

ختاينىڭ ھەر قانداق مۇناسۋەت ۋە ئالاقىنى ئۆز مەنپەئىتىگە ئىشلىتىدىغانلىقى مەلۇم.

تۈركىيەنىڭ قىلمىشلىرى خەلقئارادا كۈچلۈك تەنقىدلەرگە ئۇچراپ كەلمەكتە:

ئۇيغۇر مەسلىسىدە ئىككى يۈزلۈك بولۇشى، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەدە سەۋەبسز تۇتقۇن قىلىنىشى، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قانۇن لايىھەسنى ئۇدا رەت قىلىشى، ختاي بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى…قاتارلىقلار داۋاملىق مۇستەقىل ئاخباراتلار تەرتىۋىدىن ئورۇن ئىلىپ كەلمەكتە.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

«تىك توكنى چەكلەش ياكى ختايدىن چېكىنىش»قانۇن لايىھىسگە سوت ئىچىلىدۇ.

دۈ سېنتەبىر 16 , 2024
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 16-سنتەبىر دۈشەنبە كۈنى تىك توك (TikTok ) ئۆزىنىڭ خىتايلىق ئانا شىركىتى Bytedance دىن ئايرىلىشىنى تەلەپ قىلىدىغان ياكى ئامېرىكا دۆلەت مىقياسىدا چەكلىنىش خەۋپىگە دۇچ كېلىدىغان قانۇن لايىھەسىگە قارشى سوتتا ئۆزمەيدانىنى بايان قىلىدۇ. بۇ ۋەقە نېمە ئۈچۈن مۇھىم: تىك توك (TikTok ) ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدىن بىرى، Bytedance […]
تىك-توكنى چەكلەش

You May Like