تۈركىيە مىللەت ۋەكىلى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا سۈكۈتتە تۇرۇشنى تەنقىد قىلدى

تۈركىيە تاشقى ئ‍شلار مىنستىرى خاقان فىداننىڭ ئۇيغۇرستان زىيارىتى دۇنيادا ئوخشمىغان ئىنكاسلارنى قوزغىماقتا.

گەرچە خاقان فىدان ئۈرۈمچى ۋە قەشقەر زىيارىتىدە، ئۇيغۇرلار بىلەن يۈزەكى سالاملىشپ،پاراڭلاشقان بولسمۇ، ئەمما ختاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە ھىچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىگەن. ئەكسچە ختاينىڭ تەشۋىقاتىغا ئۇيغۇن ھالدا، يېنىكلىك بىلەن ختاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش، خىتاي بىلەن تېرورىزىمغا قارشى تۇرۇش مەسللىرىدە ختايغا پايدىلىق مۇھىت ياراتقان.

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى، سائادەت پارتىيسى گۇرۇپپا باشلىقى سەلجۇق ئۆزداغ 12-ئ‍يۇن تۈركىيە پارلامنىتىدا بۇ مەسلىنى ۋە تۈركىيەنىڭ يىللاردىن بىرى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سياستىدىكى ئىككى يۈزلىمىچى سياسەتلىرىنى تەنقىد قىلىپ سۆزلىدى.

ئۇ سۆزىدە، شەرقى تۈركستاندا يۈز بىرىۋاتقان قىرغىنچىلىقنىڭ جىددىيلىقىنى تەكىتلىگەن، ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنىڭ تۈركىيەگە كىرگۈزۈلمەسلىكىنى تەنقىد قىلغان. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن كۈچلۈك ھەرىكەت ئىلىپ بىرىلىۋاتقاندا، ئەردوغان ئاق پارتىيەسنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئ‍نسان ھەقلىرى توغىرسدىكى قارار لايىھەسنى قايتا-قايتا رەت قىلىشنى تەنقىد قىلىپ، سلەرنىڭ مەسلەڭلار زادى نىمە؟-دەپ سورىغان.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

21-ئەسىردىكى قۇللار-ئۇيغۇرلار

پە ئىيۇن 13 , 2024
تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان بىز ئەركىن ياشاۋاتقان مۇشۇ پەيتتە، نەچچە مىليون ئۇيغۇر ياش ئوغۇل-قىز-تارىخى كىنولاردىكى ئافرىقىدىن كۆچۈرۈلۈپ قۇل قىلىنغان قارا تەنلىكلەرگە ئوخشاش ئېغىر جىسمانى، روھى بېسىم ۋە خورلۇق ئىچىدە قۇل قىلىنماقتا. ئۇلار -سۆيگەن يارىدىن ئايرىلىدۇ، بالىلىرىدىن،  ئاتا-ئانىسىدىن،  ئېنە-سڭللىرىدىن، دوستلىرىدىن ئايرىلىپ،  ئىز باسماس چۆللۈكنىڭ ئوتتۇرىغا يېڭىدىن بىنا قىلىنغان قۇل شەھەرلەرگە مەڭگۈلۈك پالانغان. […]
21-ئەسردىكى قۇللار

You May Like