تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىگە ئالاقىدار باياناتى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرىگە قارىتىلغان ئېغىر ئىنسان ھەقلىرى تاجاۋۇزچىلىقى ۋە خەلق ناخشىچىسى ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ ۋاپاتى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋابى!

 ئۇيغۇر ئاگىېنتلىقى،2019-يىلى 9-فېۋرال، ۋاشىنگىتون

مەنبەسى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئورگان تور بېكىتى 

تۈركچىدىن ئۇيغۇر تىلىغا ئاغدۇرغۇچى :تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرىگە قارىتىلغان ئېغىر ئىنسان ھەقلىرى تاجاۋۇزچىلىقى ۋە خەلق ناخشىچىسى ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ ۋاپاتى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋابى!

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ ئاساسى ئىنسان ھەقلىرىگە تاجاۋۇز قىلىش ھەرىكەتلىرى بولۇپمۇ كېيىنكى ئىككى يىل ئىچىدە ئېغىرلاشقان ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۇنتەرتىۋىگە كىرگەن ئىدى.

بولۇپمۇ 2017-يىلى ئۆكتەبىر ئايلىرىدا، «پۈتۈن دىن ۋە ئېتىقادلارنىڭ خىتايلاشتۇرۇلۇشى» سياسىتىنىڭ رەسمى ئېلان قىلىنىشى ،ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ۋە رايوندىكى باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ ئېتنىك، دىنى ۋە كۈلتۈرەل كىملىكىلىرىنى تازىلاش نىشانى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان يېڭى بىر قەدەم بولغانىدى.

گۇناھسز قاماققا ئېلىنىشقا مەجبۇر قالغان بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ يىغىۋېلىش لاگىرلىرى ۋە قاماقخانىلاردا قىين-قىستاق ۋە سىياسىي كاللا يۇيۇشقا مەجبۇرلانغانلىقى ئەمدى بىر مەخپىيەت ئەمەس. لاگىرلاردا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ غايەت زور بېسىم ئاستىدا ئىكەنلىكى ئېنىقلانماقتا.

چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئەسىللىك قانداش ۋە ۋەتەنداشلىرىمىز بۇ رايوندىكى ئۇرۇق-تۇققانلىرىدىن خەۋەر ئالالمايۋاتىدۇ. مىڭلارچە بالىلار ئاتا-ئانىلىرىدىن ئايرىۋېتىلىپ يېىتم قالدۇرۇلماقتا.21-ئەسىردە يىغىۋېلىش لاگىرلىرىنىڭ قايتا ئوتتۇرىغا چىقىشى ۋە خىتاي دائىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرىگە قاراتقان سستېمىلىق ئاسسىمىلاتسىيە سىياسىتى ئىنسانلىق نامىغا قىلىنغان بۈيۈك بىر نومۇسسىزلىق مەنبەسىدۇر.

شىنجاڭ رايونىدا يۈز بىرىۋاتقان تراگىدىيەگە ئالاقىدار كۆز-قاراشلىرىمىزنى ھەر بىر سەۋىيىلىك ئۇچرىشىشلاردا خىتاي دائىرىلىرىگە يەتكۈزۈپ كەلدۇق.

 بۇنداق بىر ئەھۋالدا، بىر ناخشا سەۋەبىدىن 8 يىل قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان قىممەتلىك خەلق ناخشىچىسى ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ تۈرمىدە ئۆتكۈزىۋاتقان ئىككىنچى يىلدا ۋاپات بولغانلىق خەۋىرىدىن چوڭقۇر قايغۇ ئىچىدە خەۋەر تاپتۇق. بۇنداق تەرزدىكى ھادىسە تۈرك خەلقىنىڭ شىنجاڭ رايونىدىكى ئېغىر ئىنسان ھەققىگە تاجاۋۇز قىلىش تېمىسىدىكى ئىنكاسىنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكتە. بۇ ھەقلىق ئىنكاسنىڭ خىتاي دائىرلىرى تەرىپىدىن دىققەتكە ئېلىنىشىنى كۇتىمىز!

 ئابدۇرېھىم ھېيتقا ۋە تۈرك، مۇسۇلمان كىملىكىگە ئىگە چىقىش ئۈچۈن ھاياتىدىن ئايرىلغان بارلىق قانداشلىرىمىزغا رەھمەت تىلەش بىلەن ياد ئېتىمىز. بۇ ۋەھشىلىك سەۋەبىدىن خىتاي دائىرىلىرىنى ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ بارلىق ئىنسان ھەقلىرىگە ھۆرمەت قىلىشقا ۋە يىغىۋېلىش لاگىرلىرىنى تاقاشقا دەۋەت قىلىمىز.

خەلقئارا جامائەت ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىباتلىقىدا شىنجاڭ رايونىدا يۈز بىرىۋاتقان ئىنسانلىق تىراگېدىيەسىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۈچلۈك قەدەم ئېلىشقا چاقىرىمىز.

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.

 

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

ئابدۇرېھىم ھېيت ۋە مىللى روھ

شە فېۋرال 9 , 2019
سەنئەتكارلار ئىجتىمائىي جەمئىيەتنىڭ مۇھىم تەركىۋى قىسمى ۋە يېتەكچىسى.

You May Like