تۈركىيە فىنلاندىيەنىڭ ناتوغا كىرىشى ئۈچۈن يېشىل چىراغ ياقتى، ئەمما شىۋېتسىيەنىڭ ئىلتىماسىنى رەت قىلدى

تۈركىيە فىنلاندىيەنىڭ ناتوغا كىرىشى ئۈچۈن يېشىل چىراغ ياقتى، ئەمما شىۋېتسىيەنىڭ ئىلتىماسىنى رەت قىلدى

تۈركىيە فىنلاندىيەنىڭ ناتوغا كىرىشى ئۈچۈن يېشىل چىراغ ياقتى، ئەمما شىۋېتسىيەنىڭ ئىلتىماسىنى رەت قىلدى 

يۈسۈپجان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 3-ئاپرېل

ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خەلقئارا ھەربىي ئىتتىپاقلارغا قاتناشماي كەلگەن فىنلاندىيە بىلەن شىۋېتسىيە، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قوزغىغان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىدىن كېيىن  2022-يىلى 5-ئايدا بىرلىكتە «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى»غا ئەزا بولۇش تەلىپىنى سۇنغان، ئەمما مەزكۇر تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەت تۈركىيەنىڭ ئىزچىل قارشى تۇرۇشى بىلەن ئىلتىماس تەستىقلانمىغان ئىدى. 30-مارت تۈركىيەنىڭ ناتودا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى فىنلاندىيەنىڭ ئىلتىماسىغا قارىتا قوشۇلۇش بېلىتىنى تاشلىدى، شۇنىڭ بىلەن رۇسىيە بىلەن چېگرىلىنىدىغان شىمالىي ياۋروپا دۆلىتى فىنلاندىيەنىڭ ناتوغا كىرىش تۇنجى قەدىمى مۇۋەپپەقىيەتلىك بېسىلدى. ئەمما تۈركىيەنىڭ داۋاملىق قارشى بېلەت تاشلىشى بىلەن شىۋېتسىيەنىڭ ئىلتىماسى يەنە تەستىقلانمىدى.

«ئەلجەزىرە» تورىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، 27-مارت ئۆتكۈزۈلگەن بېلەت تاشلاشتا تۈركىيەنىڭ شىۋېتسىيەگە قارشى بېلەت تاشلىشىدىن سىرت ۋېنگىرىيەمۇ بېلەت تاشلاشنى كېچىكتۈرۈشنى ئىلتىماس قىلغان. ئۇنداقتا تۈركىيە نېمە ئۈچۈن شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشىغا قارشى تۇرىدۇ؟ بۇ توغرىسىدا «ئەلجەزىرە» خەۋىرىدە مۇنداق يېزىلىدۇ: بىرىنچىدىن، تۈركىيە شىۋېتسىيەنى تېررورچىلارنىڭ پاناھلىق ئۇۋىسى دەپ قارايدۇ، چۈنكى ئەنقەرەگە قارشى «كۇرد ئىشچىلار پارتىيەسى» ۋە سۈرىيە دېموكراتىيە ئارمىيەسىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى شىۋېتسىيەدە پاناھلانماقتا؛ ئىككىنچىدىن 2023-يىلى يىل بېشىدا سىتوكھولمدا يۈز بەرگەن «قۇرئان كەرىم»نى كۆيدۈرۈش ۋەقەسى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىدىكى دىئالوگنىڭ توختاپ قېلىشىغا سەۋەبچى بولغان.

تۈركىيە بىلەن شىۋېتسىيە ئىككى تەرەپ بۇ مەسىلە ھەققىدە بىرلىككە كېلەلمىگەن پەيتتە، ناتو باش كاتىپى يەنس ستولتېنبېرگ (Jens Stoltenberg) يېقىندا بايانات بېرىپ، بۇ يىل 7-ئايدا لىتۋانىيەدە ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان ناتو رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىش يىغىنىدا فىنلاندىيە بىلەن شىۋېتسىيەنىڭ بىرلىكتە ناتوغا ئەزا بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

فىنلاندىيە رەسمىي ھالدا ناتوغا ئەزا بولۇپ كىردى

سە ئاپرېل 4 , 2023
فىنلاندىيە رەسمىي ھالدا ناتوغا ئەزا بولۇپ كىردى

You May Like