تۈركىيە دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنى «مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى» 7 نەپەر خىتاي جاسۇسىنى تۇتقان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى ئ‍ۈچۈن توغراق تەييارلىغان، 13-ماي

9-ماي كۈنى، تۈركىيە دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنى «مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى»، ئىستانبۇل ئەدلىيە مەھكىمىسى، ئىستانبۇل ساقچى ئىدارىسى بىرلىكتە ھەركەت ئېلىپ بېرىپ، خىتاي پۇقراسى بولغان 7 نەپەر جاسۇسلۇق جىنايەت گۇماندارىنى تۇتقان.  

تۈركىيە مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى، ساقچى ، ئەدلىيە ۋە ژاندارما ماسلىشىپ ئېلىپ بارغان بۇ ھەرىكەتتە تۈركىيەنىڭ رەقەملىك بىخەتەرلىكىگەزور تەھدىد پەيدا قىلغان خىتاي جاسۇسلۇق تورىنى بىتچىت قىلغان. خىتاي پۇقرالىرىدىن تەشكىللەنگەن بۇ جاسۇسلۇق شايكىسى كارخانا ۋەتىجارەتچىلەرنىڭ نامىنى ئىشلىتىپ پۇقرالارنىڭ شەخسي ۋە مالىيەئۇچۇرلىرىنى توپلاش، نۇقتىلىق ھالدا تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى توپلاپ خىتاي مەركەزلىك بىر تېخنولوگىيە شىركىتى ئارقىلىق خىتايغا يەتكۈزۈش قاتارلىق جىنايەتلەرنى سادىر قىلغان بولۇپ، تۈركىيە ئىستىخبارات تەشكىلاتى تېخنىكىلىق نازارەت قىلىش ۋە نەق مەيداندىن نازارەت قىلىش نەتىجىسىدە بايقالغان بۇ تورنىڭ خىتايدىن مەخسۇس كەلتۈرۈلگەن ئۈسكۈنىلەر بىلەن ياسالغان ساختا سىگنال تارقىتىش پونكىتى ئارقىلىق مەشغۇلات قىلىۋاتقانلىقى بايقالغان.

تۈركىيەدە باشقىلارنىڭ نامىدا ئىجارىگە ئالغان ماشىنىلارنى ئىشلىتىپ ئىزمىر، بۇرسا، يالوۋا ۋە شۇنداقلا ئىستانبۇلدا ئوخشىمىغان شەكىلدە نۇرغۇن كىشلەرنى نىشانلىغان بۇ گۇماندارلار سوت تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان بولۇپ، ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتتە، مەخسۇس خىتايدىن كەلتۈرۈلگەن جاسۇسلۇق ئۈسكۈنىلىرى ۋە نۇرغۇن رەقەملىك ماتېرىياللار قولغا چۈشۈرۈلگەن.

بۇ جاسۇسلۇق شايكىسى تۈركىيەنىڭ نۇرغۇن شەھەرلىرىدە ئالدامچىلىق قىلغان بولۇپ، ساقچى تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە كىشىلەرگە بانكا، شىركەت ۋە باشقا ھەر خىل نامدا قىسقا ئۇچۇر ئەۋەتىپ ئالدامچىلىق بىلەن كىشىلەرنىڭ بانكا ھېساباتىنى قولغا چۈشۈرگەندىن كېيىن، قولغاچۈشۈرگەن سانلىق مەلۇماتلارنى ئىشلىتىپ خىتايدىن كەلگەن قوللىنىشچان پروگرامما ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ پۇلىنى قاقتى -سوقتى قىلغان، بۇجاسۇسلۇق تورىنىڭ تۈركىيەدىكى نېشانلىغان كىشىلەرنىڭ شەخسىي ۋەمالىيە ئۇچۇرلىرىنى خىتايدىكى مۇلازىمېتىرغا يۆتكىگەنلىكى ئاشكارىلانغان. 

تەكشۈرۈش جەريانىدا، بۇ جاسۇسلۇق شايكىسى ئىشلەتكەن تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىلەرنى ئىستانبۇلدا ئېلېكترونلۇق ماتېرىيال ساتىدىغان، خىتاينىڭ ھۈكۈمەت ئىگلىكىدىكى بىر شىركەتنىڭ تەمىنلەيدىغانلىقى بېكىتىلگەن بولۇپ، بۇ شىركەتتىكى مۇناسىۋەتلىك كىشىمۇ قولغا ئېلىنغان. بۇ شايكىنىڭ ئەزالىرى 2025-يىلى تۈركىيەگە كىرگەندە باشقىلارنىڭ نامىدا ئالغان تېلفون كارتىسىنى ئىشلەتكەن بولۇپ، بۇ ئارقىلىق كىملىكىنى يوشۇرۇشقا ئورۇنغان.  

نۆۋەتتە، بۇ جاسۇسلۇق شايكىسىنىڭ تاموژنا ۋە چېگرادىن ئۆتۈش خاتىرىلىرى ئارقىلىق ئۈسكۈنىلەرنىڭ دۆلەتكە قانداق ئېلىپ كېلىنگەنلىكىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، قولغاچۈشۈرۈلگەن ساختا سىگنال پونكىتى ئۈسكۈنىلىرى ۋە رەقەملىك ماتېرىياللار، گۇماندارلارنىڭ باشقا ئالاقىسى ۋە تۈركىيەدىكى قالدۇقلىرىنى تەكشۈرۈش يەنىلا كۆپ تەرەپلىمىلىك داۋام قىلىنىۋاتماقتا ئىكەن. 

تۈركىيە ئاخباراتلىرى ۋە سىياسىي ئانالىزچىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە؛ خىتاي يەر شارى جاسۇسلۇق تەھدىتىنى پەيدا قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ تېخنىكا جەھەتتىكى قەد كۆتۈرۈشى يەرشارىلاشقان جاسۇسلۇق تورىنى شەكىللەندۈرىدۇ، دەپ قارايدىكەن. خىتاي نۆۋەتتە، دۇنيا سەھنىسىدىكى ئىقتىسادىي ۋە تېخنىكا جاسۇسلۇقىدىكى ئاساسلىق رولچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 5 گ تېخنىكىسى، سۈنئىي ئىدراك ۋە يېرىم ئۆتكۈزگۈچ قاتارلىق ئىستراتېگىيىلىك ساھەلەردە ئۇچۇر توپلاش دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ ھەل قىلمىسا بولمايدىغان باش ئاغرىقى ۋە دۇنيا تېنچلىقىغا تەھدىت ئىكەن

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

پورتۇگالىيەنىڭ مادېرا شەھرىدە ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ «ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش» تېمىسىدىكى خەلقئارالىق يىغىنى چاقىرىلغان

سە ماي 13 , 2025
تەييارلىغۇچى : توغراق  مۇشۇ ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە پورتۇگالىيەنىڭ مادېرا شەھرىدە، «ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى» يەنى «ئۇ ن پ» نىڭ يىغىنى چاقىرىلغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ تېمىسى«ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش» بولغان. بۇ يىغىنغا، ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن «ۋاكالەتسىز مىللەتلەرتەشكىلاتى»نىڭ رەئىسلىك ھەيئەت ئەزاسىدىن بىرى بولغان دۇنيا ئۇيغۇرقۇرۇلتىيىدىن رەئىس تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن، سابىق رەئىس دولقۇن ئەيسا،مۇئاۋىن رەئىسى […]
پورتۇگالىيەنىڭ مادېرا شەھرىدە ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ «ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش» تېمىسىدىكىخەلقئارالىق يىغىنى چاقىرىلغان

You May Like