«تۈرك دۆلەتلەر تەشكىلاتى»نىڭ 10-قېتىملىق يېغىنى قازاقستان پايتەختى ئاستانەدە باشلاندى، «ئۇيغۇرلار»داۋاملىق ئۇنتۇلماقتا

ۇيغۇر ئاگېنىتلىقى ئۇيغۇرچە بۆلۈم تەييارلىدى، 3-نويابىر

(پاكىت ئەسكەرتىشى: مەزكۇر خەۋەرنىڭ ھىچقانداق دىن،مىللەت، ئىرق، مەزھەپ، جىنس ئۆچمەنلىكى بىلەن ئالاقىسى يوق)

«تۈرك دۆلەتلەر تەشكىلاتى»نىڭ 10-قېتىملىق يېغىنى قازاقستان پايتەختى ئاستانەدە ئېچىلدى. قازاقستان پىرەزدىنتى توقايىۋ يېغىنغا ساھىپخانلىق قىلدى.

قاتناشقۇچىلار قازاقستان، ئۆزبەكستان، قىرغىزىستان، تۈركىيە، ئازەربەيجان، تۈركمەنستان، ھونگىرىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پىرەزدىنتلىرى، تاشقى ئ‍شلار منىسترلىرى ۋە مۇھىم سودا ۋەكىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

خەلقئارا ۋەزىيەت مۇرەككەپلىشۋاتقان، ئوتتۇرا ئاسيادىكى تۈركى جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ مۇھىملىقى گەۋدىلىنىۋاتقان ئەمما ختاي-روسيە-غەرپ-ئوتتۇرا شەرق ئارسىدا ئۆز ئورنىنى بايقاشقا تىرىشۋاتقان بۇ جۇمھۇرىيەتلەر ئۆزلىرى دۇچ كىلىۋاتقان مەسللەرنى تىچ، باراۋەر ۋە ئۇزاق مەنپەئەتكە .ئۇيغۇن شەكىلدە بتەرەپ قىلىش ئۈچۈن كۆرۈشۈشلىرىنى تىز سۈرئەتتە كۆپەيتمەكتە.

مەزكۇر يېغىندا تۈركىيە پىرەزدىنتى رەجەپ تايىپ ئەردوغان پەلەستىن مەسلىسنى داۋاملىق كۈنتەرتىپكە كەلتۈرگەنلىكىنى سوسيال مېدىيا ئارقىلىق بايان قىلدى.

ئەردوغان مۇنداق دىدى:« پەلەستىندە دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدا، ئ‍نسانىيەت تارىخىدا بولۇپ باقمىغان بىر ئ‍نسانلىق تىراگىدىيەسى يۈز بەرمەكتە.»

تۈرك دۇنياسدىن ئازەربەيجاننىڭ ئەرمىنىيە بولغان ئۇرۇش ئارقىلىق ئۆز زېمىنلىرىنى قايتۇرۋىلىشى، ئازەربەيجان ئارقىلىق «شەرق-غەرپ ئوتتۇرا كارىدورى» قۇرۇلۇشى، شمالى قىبرس مەسلىسى قاتارلىقلار تىلغا ئىلىندى.

شمالى قىبرىس (سپرۇس)ھەققىدە ئەردوغان مۇنداق دىدى: بۈيۈك تۈرك دۇنياسنىڭ ئايرىلماس بىر قسمى بولغان قىبرس تۈركلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە ھەرىكەت ئىلىپ بىرىش ھەممىمىزنىڭ بۇرچىدۇر»

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

پىرېزىدېنت ماكرون قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە زىيارەتتە بولدى

شە نويابىر 4 , 2023
ئارمان ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 4-نويابىر خەلقئارا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۈئەل ماكرون بۇ ئاينىڭ بېشىدا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستانلاردا زىيارەتتە بولغان. «فىرانسىيە ئاگېنتلىقى»نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە يېزىلىشىچە، 1-نويابىر ماكرون قازاقىستان پايتەختى ئاستانىدە پىرېزىدېنت توقايېف بىلەن كۆرۈشۈشتە بولغاندىن كېيىن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىدىكى ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى، سودا ھەمكارلىقى قاتارلىق كۆپ […]

You May Like