تۇنجى قېتىملىق ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى ئانا تىلدا نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى ئىستانبولدا ئۆتكۈزۈلدى

2019 -يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنى ئىستانبولنىڭ سەفاكۆي رايونى ئۇيغۇر ئىلىم ۋە مەدەنىيەت تەتقىقات ۋەقپىسى مۇراسىم زالىدا تۇنجى قېتىملىق نەق مەيداندا ئانا تىلدا نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى.

خەۋەر تەييارلىغۇچى: نەفىسە

2019- يىلى 1- فېۋرال

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

2019 -يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنى ئىستانبولنىڭ سەفاكۆي رايونى ئۇيغۇر ئىلىم ۋە مەدەنىيەت تەتقىقات ۋەقپىسى مۇراسىم زالىدا تۇنجى قېتىملىق نەق مەيداندا ئانا تىلدا نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى.

  بۇ مۇسابىقىنى پىداكار زىيالىي قېرىنداشلىرىمىز ۋە ئىستانبول كىتابخۇمار ئانىلار گورۇپپىسى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر بالىىلىرىنىڭ ئانا تىل ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇش، ئانا تىلنى تېخىمۇ ياخشى ئۆگىنىشكە ئىلھاملاندۇرۇش، بالىلارغا ئاناتىلدا ئۆزىنى ئىپادىلەش سورۇنى ھازىرلاپ بىرىش، مۇھاجىرەتتىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنى ئانا تىلنى قوغداشقا چاقىرىش مەقسىتىدە تەشكىللىگەن بولۇپ، مۇسابىقە مىھرىبان ئانىلار گورۇپپىسى، مەرىپەتپەرۋەر تىجارەتچى، تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشىرىياتى، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزىي قاتارلىق ئورۇن ۋە شەخىسلەرنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن قوللىشى، تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى رايون ۋە شەھەرلىرىدىن كەلگەن 52 نەپەر ئۆسمۈرنىڭ قاتنىشىشى، يىراق-يېقىندىن كەلگەن 200 گە يېقىن كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن  ئىنتايىن جانلىق ۋە قىزغىن كەيپىياتتا ئېلىپ بېرىلدى.

  مۇسابىقە باشلىنىشتىن ئىلگىرى بۇ پائالىيەتنى تەشكىللىگۈچى زىيالىيلار ۋەكىلى مۇسابىقىنى ئۇيۇشتۇرۇش مەقسىتىنى قىسقىچە ئوتتۇرىغا قويدى ۋە مۇھاجىرەتتىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنى ئاللاھنىڭ نىئمىتى، بۈيۈك ئەجدادلار مىراسى، مىللەتنىڭ ئامانىتى بولغان بۇ ئانا تىلنى قوغداش مەجبۇرىيتىنى ئادا قىلىشقا چاقىردى. بولۇپمۇ ئانا تىلىمىز خىتاي تەرىپىدىن يوقىتىلىۋاتقان، ئۇيغۇر تىلى غىرىب بولغان بۈگۈنكى كۈندە مىللىي كىملىكىمىزنىڭ ئاساسلىق ئامىللىرىدىن بىرى بولغان  ئانا تىلنى قوغداشنىڭ ئىنتايىن زۆرۈرلىكىنى تەكىتلىدى، ئاخىرىدا ئاتا-ئانىلارنى بالىلارغا ئانا تىل ئۆگىتىشتە نوقۇل ساۋات چىقىرىش بىلەنلا توختاپ قالماستىن، بىر يۈرۈش تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكلىرىنىمۇ ئۆگىتىشكە چاقىردى.

  مۇسابىقىگە قاتناشقان كىچىك ماھىرلار ھېيىت-بايرامغا ھازىرلانغاندەك  مىللىيچە كىيىملىرىنى ئىنتايىن چىرايلىق، رەتلىك كيىپ كەلگەن بولۇپ، كۆرۈرمەنلەر ئۇلارنىڭ « ئانا تىلىمنى سۆيىمەن، ئامان بول ۋەتەن، مىڭ قېتىم تۇغۇلسام ئۇيغۇر بولىمەن، ۋەتىنىمنى سېىغىندىم، سىڭلىمنى سېغىندىم، توزان قەسىدىسى» قاتارلىق تېمىلاردىكى سەرخىل نۇتۇقلىرىدىن تەسىرلىنىپ گاھى ۋەتىنىنى، قېرىنداشلىرىنى ئەسلىسە، گاھى بالىلىقىنى ئەسلىشىپ كۆزلىرىگە ياش ئىلىشتى ۋە ئەجدادلىرىمىزنىڭ بۇ ئوماق بالىلىرىمىزدا ئەكىس ئەتكەن ئىلىم روھى ۋە جەڭگىۋارلىقىنى كۆرۈپ ئىنتايىن ھاياجانلاندى.

مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلارنىڭ ئېسىل نۇتۇقلىرىنى تىل-ئەدەبىيات كەسپىنىڭ دوكتۇر ئاسپىرانتلىرى ۋە ماگىستىرلىرىدىن تەشكىللەنگەن باھالىغۇچىلار گورۇپىسى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، ئادىل باھالاپ چىقتى.

  ئالتە ياشتىن 15 ياشقىچە بولغان بۇ كىچىك ماھىرلىرىمىزنىڭ بىر-بىرىدىن ئېسىل نۇتۇقلىرى ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ئانا تىل ئۆگىتىشكە نەقەدەر ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى كۆرسەتتى ۋە باشقىلارغا ئىلھام بولدى، بۇ بالىلار ۋە ئاتا-ئانىلىرى «بۇ تىلنىڭ ئىگىسى بار، بىز ئۇنى مەڭگۈ قوغدايمىز!» دىگەننى جاكارلىدى. مۇسابىقە ماھىرلىرىمىزنىڭ مۇكاپاتلىرىنى تارقىتىش ۋە نەتىجىلىرىنى تەبرىكلەش بىلەن غەلبىلىك ئاخىرلاشتى، كۆرۈرمەنلەر بالىلىرىمىزنىڭ ۋە ئۆزلىرىنىڭ بۇ پائالىيەتتىن زور مەنىۋىي كۈچ ئالغانلىقىنى، بۇنداق پائالىيەتلەرنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماي يەنە ئۆتكۈزۈلىشىنى بەكمۇ ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، پائالىيەت تەشكىللىگۈچى ۋە قوللىغۇچىلاردىن ناھايىتى مىننەتدار بولغانلىقىنى ئېيتىشتى.   

 

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقۇقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.

UT-Uyghur Reporter 18

Next Post

ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقىنىڭ بۈگۈنكى ھالىغا بىر نەزەر

جۈ فېۋرال 1 , 2019
2017- يىل 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئۇيغۇر تىلىنىڭ بارلىق باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇتۇش تىلى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىشى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.

You May Like