ترامپ: ئۇكرائىنا ئۇرۇشى خىتاي بىلەن روسسىيەنى بىرلەشتۈرۈپ قويدى

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 16-ئاۋغۇست

ترامپ پۇتىن بىلەن ئالياسكادا ئۇچراشقاندىن كېيىن، كونسېرۋاتىپلارنىڭ تېلېۋىزىيە قانىلى فوكس خەۋەرلىرى رىياسەتچىسى شون خانىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى:

«پرېزىدېنت پۇتىن بىلەن ياخشى مۇناسىۋىتىم بار ئىدى، ئۇلارنىڭ زېمىنى چوڭ، تەبىئىي بايلىقى، سېيرەك تۇپراق، نېفىت، گاز. دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ زېمىنغا ئىگە. بۇ ئۇرۇش ھەرگىز يۈز بەرمەسلىكى كېرەك ئىدى، نۇرغۇن ئۇرۇشلار ئەسلى يۈز بەرمەسلىكى كېرەك ئىدى، بۇ ئۇرۇش خىتاي بىلەن روسسىيەنى بىرلەشتۈردى، بۇ قەتئىي ياخشى ئەمەس، ئەگەر سىز تارىختىن ئازراقلا خەۋىرىڭىز بولسا، بۇنداق ئىشنىڭ يۈز بېرىشىگە يول قويماسلىقىڭىز كېرەك. چۈنكى ئۇلار ئاساسىي جەھەتتىن ئەڭ تەبىئىي دۈشمەنلەر ئىدى. روسسىيەنىڭ كەڭرى كەتكەن زېمىنى بار، خىتاينىڭ غايەت زور نوپۇسى بار. خىتاي روسسىيەنىڭ زېمىنىنى قولغا كەلتۈرۈشكە مۇھتاج، بىراق تولۇق ھاماقەتلىك سەۋەبىدىن ئۇلار ئىتتىپاقداش بولۇشقا مەجبۇرلاندى. ئەگەر مەن بولغان بولسام بۇ ئۇرۇش يۈز بەرمەيتتى.»

15-ئاۋغۇست كۈنى ئامېرىكىنىڭ ئالياسكا شتاتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ترامپ-پۇتىن ئۇچرىشىشىدا، ئامېرىكا ۋە روسسىيە باشلىقلىرى ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ھەققىدە تىنچلىق كېلىشىمى ھەققىدە سۆزلەشكەن بولۇپ، كونكرېت مەزمۇنى ئاشكارىلانمىغان، زېلېنسكىي دۈشەنبە كۈنى ئاق سارايدا ترامپ بىلەن بۇ ھەقتە سۆھبەت ئېلىپ بارىدىكەن.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

You May Like