توخۇلا دېگەن يۇرت نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە

19-ئەسىرنىڭ كىيىنكى يېرىمى ۋە 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا سىۋىن ھېدىن ( 1865-1951 ) ، سىتەيىن ( 1862-1930 ) ۋە پائول پىللىئوت ( 1945-1978 ) قاتارلىقلار ئىلگىرى ۋە ئاخىر تارىم ۋە جۇڭغار ۋادىلىرىدا كۆپ قېتىم ئارخىئولوگىيىلىك قىدىرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ ، زور مۇۋەپپىقىيەتلەرگە ئېرىشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، ئۆز دۆلەتلىرىگە قايىتقاندىن كىيىن قەدىمكى دەۋرلەردە بۇ رايوندا ياشىغان خەلقلەرنىڭ تارىخى ، مەدەنىيىتى ، جۇغراپىيىسى ، ئېتىقاد قىلغان دىنلىرى ، شۇنداقلا قوللانغان تىللىرىغا بېغىشلانغان يۇقىرى سەۋىيىلىك ، ھۈرمەتكە سازاۋەر ، كۆپلىگەن ئەسەرلەرنى يېزىپ چىقىپ ، ئىلىم ساھەسىدە زور شۆھرەت قازاندى .

 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-01-13

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

19-ئەسىرنىڭ كىيىنكى يېرىمى ۋە 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا سىۋىن ھېدىن ( 1865-1951 ) ، سىتەيىن ( 1862-1930 ) ۋە پائول پىللىئوت ( 1945-1978 ) قاتارلىقلار ئىلگىرى ۋە ئاخىر تارىم ۋە جۇڭغار ۋادىلىرىدا كۆپ قېتىم ئارخىئولوگىيىلىك قىدىرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ ، زور مۇۋەپپىقىيەتلەرگە ئېرىشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، ئۆز دۆلەتلىرىگە قايىتقاندىن كىيىن قەدىمكى دەۋرلەردە بۇ رايوندا ياشىغان خەلقلەرنىڭ تارىخى ، مەدەنىيىتى ، جۇغراپىيىسى ، ئېتىقاد قىلغان دىنلىرى ، شۇنداقلا قوللانغان تىللىرىغا بېغىشلانغان يۇقىرى سەۋىيىلىك ، ھۈرمەتكە سازاۋەر ، كۆپلىگەن ئەسەرلەرنى يېزىپ چىقىپ ، ئىلىم ساھەسىدە زور شۆھرەت قازاندى .

جۈملىدىن توخۇلا دېگەن يۇرت نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدىمۇ ئەڭ دەسلەپ ئارخىئولوگ سىۋىن ھېدىن ئۆزىنىڭ ئارخىئولوگىيىگە بېغىشلانغان مەخسۇس ئەسىرى -ئاسىيا باغرىغا ساياھەت -تە : خوتەن ئەتراپىدا توخۇلا دېگەن بىر يېزا بار ، بۇ توخارلاردىن قالغان ئىسىم -دەپ مەلۇمات بەرگەن .جۇڭگو ئالىمى ۋاڭ زۇڭۋىمۇ : دۇنخۇۋاڭ دېگەن ئىسىمنىڭ يەشمىسى -ناملىق ماقالىسىدە سىۋىن ھېدىننىڭ ئەسىرىدىن يۇقىرىقى قاراشنى نەقىل كەلتۈرۈپ ، بەلگىلىك مۇلاھىزىلەرنى ئېلىپ بارغان . ئەمما بۇ قاراشنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرەلمىگەن .

بۇنىڭ سەۋەبى ئۇ ماقالىسىدە ئاساسلىق قىلىپ : دۇنخۇاڭ دېگەن ئىسىمنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە توخارلارنىڭ جۇڭگو يازما مەنبەلىرىدە تىلغا ئېلىنغان قايسى مىللەت ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاش ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ جۇڭگودىكى پائالىيىتى ئۈستىدىلا مۇھاكىمە ئېلىپ بارغان ، ئەمما نەزىرىنى كەڭرەك دائىرىگە قويمىغان . توخۇلا-قاراقاش ناھىيىسىگە قاراشلىق بىر يېزىنىڭ نامى بولۇپ ، شەرقتە بۇ ناھىيىنىڭ جاھانباغ ، جەنۇبتا ئاقساراي ، كۇيا ، غەربتە ماڭلاي يېزىلىرى بىلەن ، شىمالدا قاراقاش بازىرى بىلەن چېگرىلىنىدۇ . بۇ يېزىدا ( 1996-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئىستاتىستىكا نەتىجىسى ) 11 مەمۇرىي كەنت ، 42 مەھەللە ، 15مىڭ 507 نوپۇس ، 15 مىڭ 704 مو تېرىلغۇ يەر بار .

توخۇلا -دېگەن بۇ يۇرت نامى بىلەن باغلىنىشلىق بولغان توخارلار توغرىسىدا ئەڭ دەسلەپ قالدۇرۇلغان ئىشەنچلىك خاتىرە مىلادىدىن ئىلگىرى ۋە مىلادىيە 1-ئەسىردە ياشىغان يۇنان تارىخشۇناسى سىترابون نىڭ -جۇغراپىيە -ناملىق ئەسىرىدۇر . بۇ ئەسەردە توخارلار ئىسكىت(ساك ) قەبىلىلىرىنىڭ بىرسى دەپ مەلۇمات بېرىلگەن . ئىسكىتلەر ، يەنى ساكلار ئەڭ دەسلەپ مەركىزىي ئاسىيا رايونلىرىدا پائالىيەت ئېلىپ بارغان بۇلۇپ ، كىيىنھازىرقى تارىم ۋە جۇڭغار ۋادىلىرىغا ،تارمەنىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ، ھىندىستان ۋە ئىران قاتارلىق جايلارغا كۆچۈپ بارغان . ھىندىستانغا كۈچۈپ بارغان قەبىلىلەر تەركىبىدىكى توخارلار تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 140 -يىلىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ئىسكەندەر زۇلقەرنەين ( ئالىكساندىر ماكىدونىسكى ) ئىستىلاسىنىڭ ئاخىرقى مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىرى بولغان گرېك-باكتىرىيە ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ ، مەشھۇر كۇشان ئىمپېرىيىسىنى قۇرغان . بۇ ئىمپېرىيىنىڭ توخارلار تەرىپىدىن قۇرۇپ چىقىلغانلىقى كۆپلىگەن تارىخشۇناسلار تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىندى . بۇددىزىم تارىخى تەتقىقاتچىسى لۈي جىن ئەپەندى ئۆزىنىڭ -ھىندىستان بۇددىزىمىنىڭ مەنبە-ئېقىملىرى -ناملىق كىتابىدا بۇددىزىمنى ياراتقان ساكيامونىنىڭ ( ساك خەلقىنىڭ دانىشمىنى ) دېگەن نام بىلەن شۆھرەتلەنگەنلىكىنى ، بۇددىزىمنى سەنئەتلەشتۈرۈشنى ۋە ماھايانا بۇددا مەزھىپىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغان مەشھۇر كۇشان پادىشاھى كانىشكا نىڭ خوتەنلىك ساك ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان .

توخارلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان كۇشان ئىمپېرىيىسى ئەڭ گۈللەنگەن دەۋىرلەردە يالغۇز ھىندىستاندا ھۆكۈم سۈرۈپ قالماستىن ، بەلكى تەڭرىتاغلىرىنىڭ جەنۇبىغىمۇ ئۆز تەسىرىنى كۆرسەتكەن . سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىمى ب . ئا . لىتۋىنىسكىيىنىڭ پىكرىچە – ئەڭ دەسلەپكى توخار ئېتنىك دولقۇنى شۇنچىلىك چوڭ بولغانكى ، مۇشۇ دولقۇندا كەلگەن قەدىمكى توخارلار شىنجاڭنىڭ ھەممە يېرىگە دېگۈدەك يېيىلغان . بۇنىڭدىن ئەينى ۋاقىتتىكى كۇشان ئىمپېرىيىسىنىڭ بىر قىسمى بولغان خوتەندە توخارلاردىن خېلى كۆپ خەلقنىڭ ياشىغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ . كۇشان ئىمپېرىيىسىنىڭ تەڭرىتاغلىرىنىڭ جەنۇبىدىكى سىياسىي تەسىرى ھونلار تەرىپىدىن سىقىپ چىقىرىلغاندىن كىيىن ، بۇ رايوندىمۇ توخارلار تەدرېجى ھالدا تۈركلىشىشكە باشلىغان . ئالىم مەھمۇد كاشغەرىيمۇ -تۈركىي تىللار دىۋانى دا خوتەن تىلىدا ھىندى تىلىنىڭ تەسىرى بار ، ئىككى تىل بىلىدىغان ۋە شەھەرلىكلەر ئارىلىشىپ قالغان كىشىلەرنىڭ تىلىدا بۇزۇقلۇق بار . چەتئەللىكلەر بىلەن ئارىلىشىدىغان ۋە شەھەرلىكلەر بىلەن بېرىش-كېلىش قىلىدىغان خوتەن ، تۈبۈت خەلقلىرى ۋە تاڭغۇتلارنىڭ بەزىلىرىمۇ شۇنداق . بۇلار تۈركلەر ئېلىگە كېيىنرەك كەلگەن . تۈبۈتلەرنىڭ ئايرىم تىلى بار . شۇنىڭدەك خوتەنلىكلەرنىڭمۇ ئايرىم تىلى ۋە ئايرىم يېزىقى بار . بۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى تۈركىي تىلدا چىرايلىق سۆزلىيەلمەيدۇ ….دەپ يېزىش ئارقىلىق خوتەن رايونىنىڭ كېيىنچىرەك تۈركلەشكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان .

توخار-دېگەن بۇ مىللەت (قوۋم ) نامىنىڭ خوتەن رايونىدىكى ساكلار ، يەنى توخارلار تۈركلەرگە ئاسسىملىياتسىيە بۇلۇشقا باشلىغان دەسلەپكى مەزگىللەردە ( تەخمىنەن 5-ئەسىرلەردە ) كونكرېت بىرەر جايغا قارىتىلغان نام سۈپىتىدە كەلمەي يەنىلا قوۋمنىڭ ( توخارلارنىڭ ) نامىنى بىلدۈرۈپ كەلگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بۇلىدۇ . پەقەت تۈركلىشىش بىر قەدەر تولۇق تاماملانغاندىن كىيىنلا ، ئەينى ۋاقىتتا توخارلار كۆپراق ئولتۇراقلاشقان ياكى تولۇق تۈركلىشىپ ( ئۇيغۇرلىشىپ ) كىتەلمىگەن توخارلار ئولتۇراقلاشقان كونكرېت بىرەر جايغا قارىتىلىپ ھەم يۇرت نامىنى ، ھەم شۇ جايدىكى خەلق نامىنى بىلدۈرۈشكە باشلىغانلىقى مەلۇم . ھازىر ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەتقىقات نەتىجىلىرى ھەتتا -تەكلىماكان -دېگەن بۇ نامنىڭمۇ توخارلار ماكانى دېگەن مەنىدە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىماقتا . خوتەن رايونىدا توخارلار دېگەن ئىسىم ئەڭ ئاخىرقى توخارلار ئۇيغۇرلارغا تەلتۆكۈس ئاسسىملىياتىسىيە بۇلۇپ كەتكەندىن كىيىن ، كونكرېت بىرەر قوۋمنى كۆرسىتىشتىن قېلىپ ، يۇرت نامىدىلا ساقلىنىپ قالغان . ئۇ ئۇيغۇر جانلىق تىلىنىڭ ئادىتى بۇيىچە تەلەپپۇزدا -ر – تاۋۇشىنىڭ چۈشۈپ قېلىشى بىلەن توخارلا -توخالا غا ئۆزگەرگەن . ئاندىن لەۋلەشمىگەن سوزۇق تاۋۇش -ئا- نىڭ نۇتۇقتا ماسلىشالماي -ئۇ-غا ئاجىزلىشىشى سەۋەبىدىن بۈگۈنكىدەك -توخۇلا – دېگەن ھالەتكە كەلگەن .

ئىزاھات : 1) ۋاڭ زۇڭۋىي -دۇنخۇاڭ دېگەن ئىسىمنىڭ يەشمىسى (شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى 1987-يىللىق 4-سان ، 163-164-بەتلەر ) 2) قاراقاشنى چۈشىنەيلى -78-بەت (1997-يىل خوتەن مەمۇرىي مەھكىمە قەدىمكى ئەسەرلەر ئىشخانىسى ، قاراقاش ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسى تۈزۈپ باستۇرغان ) 3) يۈي تىيەنخېڭ ( خانېدا تورۇ ) :-غەربىي يۇرت مەدەنىيەت تارىخى -شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1985-يىل 7-ئاي 1-نەشىرى 35-بەت . 4) ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن – ئۇيغۇر مۇقام خەزىنىسى -دە كەلتۈرۈلگەن نەقىل . شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىتى نەشرىياتى 1997-يىل 4-ئاي 1-نەشىرى ،41-بەت . 5) ب . ئا . لىتۋىنىسكىي : غەربىي يۇرت ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تارىخى تەقدىرى ، شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تارىخى -مەدەنىي باغلىنىشلار موسكۋا 1984-يىلى 6) مەھمۇد كاشغەرىي : تۈركى تىللاردىۋانى 1-توم ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1980-يىل 8-ئاي 1-نەشىرى ،10-،39-،40-بەتلەر . 7) پالتاخۇن ئەۋلاخۇن ، گۈلنار ئىسمايىل : تەكلىماكان نامىنىڭ ئېتمولوگىيىسى ھەققىدە قايتا ئىزدىنىش -شىنجاڭ ئۇۋىرسىتىتى ئىلمىي ژۇرنىلى -2000-يىللىق 4-سان 57-بەت

مەنبەسى:قاراقاش مەدەنىيەت تەزكىرىسى ( شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2005-يىل 1-ئاي 1-نەشىرى )

مەمتىمىن قۇربان ، ئېزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن تۈزگەن

مەنبە

ئۇيغۇر بىز تورىدىن كۆچۈرۈپ كېلىندى

 

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

ئامېرىكا تەتقىقات ئورگىنى: دوۋ يىن (تىك توك ) جاسۇسلۇق دىتالى بولۇپ، خىتاي ھۆكىمىتىنىڭ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئۇچۇرىنى ساقلاش ھوقۇقى بار

يە يانۋار 13 , 2019
چوڭ قۇرۇقلۇق مېدياسى ئامېرىكا پېتىرسون خەلقئارا ئىقتىساد تەتقىقات ئىنىستىتوتىنىڭ ماقالىسىنى نەقىل قىلغان بولۇپ، ماقالىدە خىتاينىڭ يانفون ئەپ دېتالى دوۋ يىن ئاللىبۇرۇن غەربكە بىخەتەرلىك تەھدىتى ئېلىپ كەلدى دېيىلگەن.

You May Like