تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان
كوررېكتور: مەنزىل
2019-يىلى 6-ماي، دۈشەنبە، ئاتلانتىس شەھرى
ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن نيۇيوركتا تۇرىدىغان تۆت نەپەر يەھۇدى ياش تەشكىللىگەن «ئۇيغۇر يىغىلىشى» تەشكىلاتىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ھەرىكىتى 3-ماي جۈمە كۈنى ۋاشنگىتوندىكى بۈيۈك ھىيات مېھمانسارىيى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ ھەرىكەت ئاساسلىقى ئامېرىكا پايتەخت پۇقرالىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان تونۇشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە ئۇلارنى ھۆكۈمەتتىن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خىتاينى جازالاشنى تەلەپ قىلىشقا ئىمزا توپلايدۇ.
تۆت ياش -نيۇيوركتىن كۈنلۈك خىزمىتىنى تاشلاپ، تاڭ سەھەردە يولغا چىقىپ، قاتناش كىراسىنى ئۆزى چىقىرىپ، تاماق پۇلىنى ئۆزى كۆتۈرۈپ، پۈتۈن تەشۋىقات مەزمۇنىنى پىلانلاپ ۋە بېسپ چىقىرىپ، ۋاشنگىتون كوچىلىرىدا ئۆتكەن-كەچكەنلەرنى توسۇپ توختىتىپ، ئۇلارغا بىر-بىرلەپ چۈشەندۈرۈپ، ئۇيغۇرنىڭ دەردىنى زېرىكمەي ئاڭلاتتى. بۇ سىزدە ئۇلار ھەققىدە قانداق ئويلارنى ئويلاندۇرۇشى مۈمكىن؟ ئۇلار زادى نىمىگە ئېرىشمەكچى؟ ئۇلارغا كىم ياردەم قىلىدۇ ؟ ئۇلارغا ھىچكىم ياردەم قىلمايدۇ، ئۇلار ئۆزىنى ئىنسان دەپ قارىغاچقا، ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىگە ياردەم قىلماقچى.
بۇ قېتىمقى يىغىندا ئاساسلىقى ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ۋەكىللەر، يەنى ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى، سودا مىنىستىرلىقى قاتارلىقلار يەر شارى مىقياسىدا سودا ساھەسىگە چېتىشلىق جازا ئىشلىرىنىڭ ئىجرا بولۇشى ھەمدە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىدۇ. ئەمما بۇ يىلقى يىغىننىڭ ئىككىنچى كۈنى، يەنى 3-ماي كۈنى چۈشتە «ئۇيغۇر يىغىلىشى» گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىن مەيدانى ئالدىدا نامايىش قىلىشى يىغىن ئەھلى زادىلا كۈتمىگەن بىر ھادىسە بولۇپ قالدى.
ئۇلارنىڭ گۇرۇپپىسى ئەتىگەن سائەت 11دىلا مېھمان ساراي ئالدىغا كېلىپ بولغان بولۇپ، مەخسۇس بۇيرۇتقان «ئۇيغۇرلار ئەركىنلىككە چىقسۇن!» دېگەن چوڭ پلاكاتنى ئاستى. بۇ قېتىمقى نامايىشتا مېھمانخانىنىڭ ئورنى ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن شوئار توۋلانمىدى.
بۇ ھەرىكەتنىڭ باش تەشكىللىگۈچىسى، نيۇيورك شەھرىدىكى يېشىۋا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى يوسېف مۇنداق دىدى:
«ھازىر ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى نۆۋەتتە ئاز دېگەندىمۇ 800 مىڭدىن ئىككى مىليونغىچە ئۇيغۇرنىڭ ناھەق ھالدا قاماققا ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بىر ئامېرىكا پۇقراسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش، بولۇپمۇ ئۇلارنى زۇلۇمغا قارشى تۇرۇشقا دەۋەت قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتتۇق. بۇ جەھەتتە ئامېرىكا قىلالايدىغان ئەڭ ياخشى ئۇسۇللارنىڭ بىرى ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم سېلىشتا غوللۇق رول ئويناۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا بېرىشتۇر. ئارقىمىزدىكى مۇشۇ مېھمانسارايدا ھازىر ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنياۋى ئىقتىسادىي مۇئامىلە ئىشلىرىدا ئىقتىسادىي جازا چارىسىنى قوللىنىش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنىۋاتىدۇ. بۇ يىغىنغا قاتناشقۇچىلار ئارىسىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇ خىلدىكى جازالىرىنى ئىجرا قىلىشقا مەسئۇل خېلى كۆپ ئەمەلدارلىرى بار. شۇڭا بىز ئۇلار بىلەن بىۋاسىتە ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش، بولۇپمۇ ئۇلارغا ‹ئامېرىكا خەلقى ئەركىنلىك ۋە ئادالەت ئۈچۈن مۇشۇ خىلدىكى نىشانلىق جازالاش ئۇسۇلى قوللىنىلىشىنى كېرەك ، دەپ قارايدۇ› دېگەن ئۇچۇرنى يەتكۈزمەكچىمىز.»
بۇ گۇرۇپپىنىڭ 20 ياشلىق ئەزاسى گوربى مۇنداق دىگەن:
«بىز ھەرقاچان تېخىمۇ كۆپ قوللاشلارنى قولغا كەلتۈرۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىۋاتىمىز. ئەمەلىيەتتە بولسا بۇ قانداقتۇر بىرەر شەخسنى ماقۇل كەلتۈرۈش بىلەنلا ھەل بولۇپ كېتىدىغان ئايرىم بىر ئىش ئەمەس. چۈنكى بۇ غايەت زور كۆلەمدىكى قوللاش ۋە ھەمكارلىقنى تەلەپ قىلىدۇ. نۆۋەتتە خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى، لاگېرلارغا مىليونلاپ ئادەمنى قامىۋېلىش دېگەندەك مەسىلىلەرگە قانچە كۆپ ئادەم كۆڭۈل بۆلسە، بىز شۇنچە ئادەمنى ئەتراپىمىزغا توپلاپ، كىشىلەرنى بۇ ئىشتا ئەمىلىي بىر ھەرىكەت قىلىشقا دەۋەت قىلىشقا تىرىشىۋاتىمىز. چۈنكى بۇ ئىشلار ھەققىدە ئاددىيلا سۆزلەپ قويۇش ياكى <ئىشقىلىپ بىرەرى بۇنىڭ چارىسىنى قىلىدىغۇ،> دەپ بىغەملىك قىلىشنىڭ ۋاقتى ئۆتتى. شۇڭا بىز مۇشۇ خىلدىكى پائالىيەتلەرنى كۆپلەپ ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق ‹بىز بۇنىڭ چارىسىنى قىلىۋاتىمىز، بىز بۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتىمىز› دېگەن ئۇچۇرنى كىشىلەرگە بىلدۈرۈۋاتىمىز. بۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ بۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلۈشىنى، جازالاش ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارلارنىڭ بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشىنى، سودا ساھەسىدىكى چولپانلارنىڭ بۇ مەسىلىنى كۆتۈرۈپ چىقىشىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ، دەپ قارايمىز. بىز ئۇلارغا ‹بىز بۇ ئىشلارنى قىلىۋاتىمىز. شۇڭا شۇنچە مۇھىم بولغان بۇ مەسىلىدە باشقىلارمۇ بىزگە ئوخشاش قولىدىن كەلگەن بىر ئىشلارنى قىلىشى لازىم› دېگەننى بىلدۈرمەكچى بولۇۋاتىمىز.» (بۇ جۈملە ئەركىن ئاسيا رادىئوسى خەۋىرىدىن ئېلىندى )
مۇشۇ قېتىملىق ھەرىكەت سەۋەبىدىن نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى باش ماقالە ئىلان قىلىپ، تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينى ئۇيغۇرلار سەۋەبلىك جازالاش ئېھتىمالى ھەققىدە مەخسۇس توختالدى، سۈرەتلىك خەۋەر يازدى، نامايىشقا قاتناشقۇچىلاردىن روشەن ئابباس، تاھىر ئىمىن قاتارلىقلارنى مەخسۇس زىيارەت قىلدى.
خوش، باشقا مىللەت بالىلىرىدىن تۆت يەھۇدى ئىتتىپاقلىشىپ، بىر تەشكىلات قۇرۇپ، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نيۇيورك، ۋاشنگىتونلاردا يىراقنى يىراق دېمەي ھەرىكەت قىلىپتۇ، قېنى بىزچۇ؟ بىز ئۆزىمىز ئۈچۈن، تۇققانلىرىمىز ئۈچۈن قانچىلىك قىلالىدۇق؟ نامايىشقا زۇبەيرە شەمسدىن، تاھىر ئىمىن، روشەن ئابباس، ئىرادە قەشقەرى، ئارافات ئەركىن قاتارلىق بەش ئۇيغۇردىن باشقا قانچە ئۇيغۇر قاتناشتى؟
بىزدە شەرەپ تۇيغۇسى ئۆلدىمۇ ؟