تىرامپ خىتاي ئىقتىسادىنى تېخىمۇ قاقشاتماقچى

پېرىزدىنت تىرامپ بىلەن قىلىشقان شەخسىي پاراڭنىڭ مەزمۇنىدىن خەۋەردار ئۈچ كىشىنىڭ ئىيىتىشىچە، پېرىزدىنتنىڭ خىتايغا قارىتا تاموژنا بىجىنى بوشىتىش نىيتى يوق ئىكەن. ئەكىسچە، تىرامپ تامۇژنا بىجى ئارقىلىق خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ جىنىنى قاقشاتماقچى بولۇپ، تاماژنا بىجىنىڭ ئۈنۈمى تولۇق كۆرۈلگىچە بىر ئاز ۋاقىت ئالىدۇ دەپ قارايدىكەن.

ئەسلى ئاپتۇر: جوناتېن سىۋان

تەرجىمان: ئوسمان قازى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچۈنچى تەرەپ ئاپتورلىقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

    پېرىزدىنت تىرامپ بىلەن قىلىشقان شەخسىي پاراڭنىڭ مەزمۇنىدىن خەۋەردار ئۈچ كىشىنىڭ ئىيىتىشىچە، پېرىزدىنتنىڭ خىتايغا قارىتا تاموژنا بىجىنى بوشىتىش نىيتى يوق ئىكەن. ئەكىسچە، تىرامپ تامۇژنا بىجى ئارقىلىق خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ جىنىنى قاقشاتماقچى بولۇپ، تاماژنا بىجىنىڭ ئۈنۈمى تولۇق كۆرۈلگىچە بىر ئاز ۋاقىت ئالىدۇ دەپ قارايدىكەن.

ئۇلارنىڭ ئىيتىشىچە، پېرىزدىنت تىرامپ خىتاينى 200مىليارد دوللارلىق تامۇژنا بىجى بىلەن تىخىمۇ قاقشاتقۇسى بار بولۇپ، تاموژنا بىجى ئۇزاق داۋاملاشقانسىرى، ئۆزىنىڭ يەنە بىر كوزىرىنىڭ كۆپىيدىغانلىقىغا ئىشىنىدىكەن. تىرامپنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا ئۇرىشى پەقەت “باشلىنىشنىڭ باشلىنىشى”بولۇپ، تىرامپنىڭ مەسلىھەتچىللىرى، تىرامپ بىلەن شى جىنپىڭنىڭ كىلەر ئايدا بوئىنىس ئايرىستا ئۆتكۈزىلىدىغان G20يىغىنىدا كۆرۈشسىمۇ ،ۋەزىيەتتە ياخشىلىنىش بولىشى ناتايىن دەپ قارايدىكەن.

تىرامپنىڭ ئىقتىساد مەسلىھەتچىللىرى ھازىرغىچە ئىككى تەرەپ ئۇچرىشىشى توغرىسىدا ئېنىق پىلان تۈزمىگەن بولۇپ، ئاساسلىق سەۋەبى تىرامپ-شى جىنپىڭ ئۇچرىشىشى پەقەت ئىككى رەھبەر ئارىسىدىكى يىرىكلىشىشنى يۇمشىتىپ، كۈچىيىۋاتقان سودا ئۇرىشىنى پەسەيتىش قەستىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئۇلاردىن بىرىنىڭ ئىيتىشىچە”بۇ پەقەت ئەلباشلىرىنىڭ ئۇچرىشىشى، سودا يىغىنى ئەمەس”. تىرامپ بۇ ئۇچرىشىشنى پەقەت شى بىلەن شەخسىي مۇناسىۋەتنى قايتا باغلاش دەپ ئويلاۋاتقانلىقى، ھەرگىزمۇ سودا ئۇرىشىنى پەسەيتىشكە ئائىت دەپ قارىمايدىغانلىقىنى ئىيىتقان. ئۇلارنىڭ ئىيتىشىچە، تىرامپنىڭ ھازىرچە خىتاي بىلەن مۇراسسەلەشكۈسى يوق بولۇپ،پەقەت كۆپرەك كوزورغا ئىگە بولۇشنى ئويلاۋىتىپتۇ.

تىرامپ شەخسىي پارىڭىدا چىگرا بىجىنىڭ خىتاي ئاكىسسىيە بازىرىنى خورىتىۋەتكەنلىكىدىن ماختانغان. مۇتەخەسىسلەرنىڭ ئىيتىشىچە، سودا ئۇرىشى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ بازار ھېسسىنى مەيۈسلەندۈرىۋەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئاكىسسىيە بازىرى ئارقىلىقلا خىتاي ئىقتىسادىي كۈچىگە باھا بەرگىلى بولمايدىكەن. ئامېرىكا دۆلەت خەزىنىسى (مالىيە مىنىستىرلىكى)ئەمەلدارلىرى خىتاي سۆھبەتلەشكۈچى، خىتاي مۇئاۋىن باش مىنىستىرى لىيۇ خې نىڭ قول ئاستىدىكىلەر بىلەن مۇلاقەتتە بولغان بولسىمۇ، ئىككى تەرەپ سۆھبەت نەتىجىسى چىقمىغان. ھازىرچە خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك سۆھبەتلەشكۈچىلىرى بىلەن بىۋاستە ئالاقىدە بولمىسىمۇ، سۆھبەتنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشىدا ئارتۇقچە ئۈمىد يوق ئىكەن.

ئامېرىكا دۆلەت خەزىنىسى باش كاتىۋى (مالىيە مىنىستىرى) سېتېۋىن مىيونىچىن مەسلىھەتچىلىرى خىتاي تەرەپكە ئەقلى مۈلۈك ھوقۇقى ئوغۇرلاش ۋە خىتاي بازىرىنى ئىچىش قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەرنى ھەل قىلماي تۇرۇپ، ئامېرىكىدىن ئىمپورت مىقدارىنى كۆپەيتىش تەكلىپىنى قايتا-قايتا ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ پايدىسى يوقلىقىنى ئىيىتقان. ئامېرىكىنىڭ خىتايدىن تەلەپ قىلغان شەرتلىرى يازدىكىسگە ئوخشاش بولۇپ، ھىچقايسىسى ئۆزگەرمىگەن. ھەممە ئىشارىلەر ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرشىنىڭ تىخى ئەمدە باشلانغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. تىرامپنىڭ تامۇژنا بىجى كارغا كەلمەي قىلىشىدىن ياكى خىتاينىڭ ئامېرىكا ئىستىمالچىللىرى ۋە شىركەتلىرىدىن ئۆچ ئىلىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقى سورالغاندا، تىرامپ شەخسىي پاراڭلىرى مەزمۇنىدىن خەۋەردار كىشىلەر ئۇ“تىرامپ”نىڭ ئەندىشىسى توغرىلىق ھىچكىمنىڭ بىرەر شەپە ئاڭلاپ باقمىغانلىقىنى ئىيىتقان.

مەنبە: https://www.axios.com/donald-trump-trade-war-china-tariffs-38e67c6b-8285-4019-a743-a426eda919a6.html

UT-Uyghur Reporter 9

Next Post

تەشۋىقاتىمىزدىكى بوشلۇقلار

دۈ ئۆكتەبىر 22 , 2018
2017- يىلدىن باشلانغان، يۇرت ئاسمىنىنى ھېچبىر چالا قويماي قاپلىغان قارا تۇمان[1]، چەتئەلدىكى ئۆزىنى ئۇيغۇر دەپ قارىغان بارىلىق كىشىلەرنى ئورنىدىن دەرس تۇرۇشقا مەجبۇرلىدى [2]

You May Like