تىك ياشاپ، تىك كېتىش
شۆھرەت ھوشۇر ئەپەندىنىڭ فەيسبۇك بېتىدىن ئېلىندى
ئەسكەرتىش: رەسىمنى مەرھۇمنىڭ سابىق خىزمەتدىشى، دوستى، ئۇنىڭ يۇقارقى سۈپەتلىرىنىڭ گۇۋاھچىسى- نۆۋەتتە گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان بەختىيار ناسىر ئەپەندى تەمىنلىگەن-ئاپتوردىن
( 5 -فېۋرال خاتىرە كۈنى مۇناسىۋتى بىلەن شېھىد پەرھات موللاخۇن ھەققىدە ئەسلىمە)
ئۇنىڭ نەزىرىدە ئۇيغۇرنىڭ بىرمۇ كەمچىللىكى يوق ئىدى، ئاسارەتكە چۈشۈپ قالغىنىدىن باشقا؛ خىتاي تەرەپنىڭ بىرمۇ ئارتۇقچىلىقى يوق ئىدى، ئىنسان سىياقىدا بولۇپ قالغىندىن باشقا. » مۇشۇ قارىشىم سەۋەپلىك ئەخمەق -نادان سانالسام قاخشىمايمەن، رادىكال سانالسام ئىپتىخارلىنىمەن، تاياق-توقماققا رازىمەن» دەيتتى ئۇ دوستلار ئارا سھبەتتە.
گېپى بولۇۋاتقان پەرھات موللاخۇن شىنجاڭ ئونۋېرسىتىنىڭ ماتىماتىكا پاكۇلتىتىنى پۈتتۈرگەن، پەلسەپە ۋە تارىخ ھېرىسمەنى ئىدى؛ ئۇ 1997 -يىلى تۇتقۇن قىلىنىشتىن ئاۋۋال، قورغاس ناھىيەلىك نەمۇنە ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئىدى.
» خىتايلار تۆت پۇتلۇقلاردىن ئورۇندۇق، قاناتلىقلاردىن ئايرىپلان، سۇدا ئۈزىدىغانلاردىن پاراخوتتىن باشقا ھەممىنى يەيدۇ». بۇ يۇمۇرىستىك مەسخىرىنى ئەسلىدە، شاھزادە فىلىپ مونتباتتەن ( Philip Mountbatten) ، 1986 -يىلى دۇنيا ياۋايى ھايۋانلار فوندى يىغىنىدا دېگەن ئىكەن. مەن ئۇيغۇر جەمىيىتىدە خېلى كەڭ تارقالغان بۇ ئوخشىتىشنى ئەڭ دەسلەپ پەرھات موللاخۇننىڭ ئېغىزىدىن ئاڭلىغان. » بۇ خەق، ھېس قىلالسا، تامىقىنى يىمىگەنلىكىمىزنىڭ ئۆزى بەك چوڭ ھاقارەت» دەيتتى ئۇ بۇ تىمىدا ۋە «قىسمىتىمىزنىڭ ئەڭ ئېچىنىشلىق تەرىپى ھاقارەتنى ھېس قىلمايدىغان بىر تائىپىنىڭ مۇستەملىكىسى بولۇپ قالغىنىمىز » دەيتتى يەنە ئۇھسىنىپ. ئەينى چاغدا، بۇ سۆزلەرنى رەھبىرىمىز ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ » قۇلنىڭ قۇلى» تەسۋىرىگە ئوخشۇتۇپلا ئۆتۈپ كەتكەن ئىكەنمىز. ئەسلىدە بۇ سۆزنىڭ » نومۇسنى بىلمەيدىغان، تەنقدىكە پەرۋا قىلمايدىغان» » دۇنيانىڭ كۆزى ئالدىدا قىرغىنچىلىق قىلىشتىن يانمايدىغان» دېگەن مەنىلەرگە ئىگە ئىكەنلىكى ئەمدىكى يىللاردا بەكرەك بىلىۋاتىمىز.
دۈشمىنىنى مەسخىرە قىلىپ كۈلۈش باشقا ، مەسخىرە قىلىپ ياشاش يەنە باشقا. كېيىنكىسى بىراز ئىزچىللىق، پرىنسىپچىلىق ۋە ئومۇرتقا تەلەپ قىلىدۇ.
1990 -يىلى قورغاس ناھىيىلىك ھۆكۈمەت تەشۋىقات بۆلۈمى بىر قىسىم ئوقۇتقۇچى- ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە يىغىن ئاچتى، يىغىننىڭ مەقسىتى، 1989 -يىلىدىكى 4 -ئىيۇن تيەنئەنمىن ئوقۇغچىلار ھەركىتىنى قارىلاش ئىدى، يىغىن لىكسىيەسىدە، شۇ قېتىملىق ۋەقەدە ئاممىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلمەي قالغانلىقى، بىر مەزگىل تېڭىرقاپ قالغانلىقى سۆزلەندى، دەل شۇ چاغدا، پەرھات سوئال سوراش ئۈچۈن قول كۆتۈردى، لېكتور پەرھاتنى ئاگاھلاندۇردى:
— پەرھات ، باشتىلا دېدىم، بۇ نازۇك تىمىلار، سوئال سوراشقا بولمايدۇ…
— شۇنداقمۇ؟ كەچۈرۈڭ، ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلمەي قاپتىمەن، بىر مەزگىل تېڭىرقاپ قاپتىمەن!!!!
زالدا پاراققىدە كۈلكە كۆتۈرلدى، كۈلكىگە لېكتور ئۆزىمۇ قېتىلدى، يىغىندا ئۇيغۇرلارلا بار ئىدۇق. ئىچىمىز بىراز بوشىغاندەك بولدى، ، چۈنكى بۇ يەردە كىچىك بىر كوللىكتىپ، چوڭ بىر دۆلەتنى مەسخىرە قىلىۋاتقتتۇق. ئەلۋەتتە بۇ خىتاينىڭ كەڭ قورساق، ئېسىل مەزگىللىرى ئەمەس، ئاجىز ۋاقىتلىرى ئىدى؛ بۈگۈنكىدەك بودالغان، تۈكلىرى پارقىرىغان، چىشلىىرى بىلەنگەن مەزگىللەر ئەمەس ئىدى.
پەرھات 1997 -يىلىدىكى غۇلجا ۋەقەسىنىڭ ئىشتىراكچىسى ئەمەس، ئەمما شۇ ۋەقەنىڭ ئىلھامى بىلەن ، شۇ يىلنىڭ ئوتتۇرا ئاخىرلىرى قورغاستا بولۇنغان بىر ھەركەتنىڭ، بىر تەشكىللىنىشنىڭ باشلامچىلىرىدىن ئىدى، ئۇ 1998 –يىلى ئابدۇشۈكۈر نۇرۇللام قاتارلىق بىر تۈركۈم دوستلىرىمىز بىلەن تۇتقۇن قىلىنىپ، 7 سەپدىشى بىلەن بىرلىكتە ئۆلۈمگە بۇيرۇلغان ، ئۇنىڭ جازاسى ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش بولغىنى ئۈچۈن ئامان قالغان. ئۇ 2013 -يىلى جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان ئۈرۈمچى 1 -ئۈرمىدە جان ئۈزدى.
خەۋەرلەردە دىيىلىشىچە، پەرھات شۇ كۈنى ئەمگەك مەيدانىغا كامىردىن ساق- سالامەت ئېلىپ كېتىلگەن ۋە نامەلۇم سەۋەپلەر بىلەن شۇ كۈنى تۈرمە دوختۇرخانىسىدا جان ئۈزگەن.
مەرھۇم «خىتاينى »خىتاي» دەپ تىللىغىمىمىز، باش ئەگمىگەنلىكىمىزنىڭ-تەسلىم بولمىغانلىقىمىزنىڭ كۆرگەزمىسى» دەيتتى ئىپتىخارلىنىپ.
مەلۇمكى ، مەسخىرە چاقنىغان بىر ئەقىلنىڭلا ئەمەس، سۇنمىغان بىر روھنىڭ ئىپادىسى. پەرھات بىر مائارىپچى بولۇش سۈپىتى بىلەن مەسخىرىنى ئۆزىگە ئايرىلماس بىر قورال قىلغان، بۇ قورالى بىلەن ئۆزى تىك ياشىغان ۋە ئەتراپتىكىلەرگە تىك ياشاشنى ئۆگەتكەن ئىدى.
يۇقارقى خەۋەردىن قارىغاندا، ئۇ ھاياتىنىڭ ئاخىرىقى كۈنىمۇ دۇنيا بىلەن تىك ۋىدالاشقان. دۇنيادا تىك ياشاپ، تىك ئۇزاش، بىر ئىقتىدار، بىر جاسارەت ، بىر بەدەل مەسىلىسى بولۇپ قالماي، مەلۇم نۇقتىدىن بەختنىڭ نەق ئۆزىدۇر. ئاللاھ مەرھۇمنى ئۇ دۇنيادىمۇ بەخىتلىك قىلغاي!