تېبەت سۈرگۈندە ھۆكۈمىتى: بىز مۇستەقىللىق ئەمەس، ھەقىقى ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىمىز

تېبەت سۈرگۈندە ھۆكۈمىتى: بىز مۇستەقىللىق ئەمەس، ھەقىقى ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىم

تېبەت سۈرگۈندە ھۆكۈمىتى:  بىز مۇستەقىللىق ئەمەس، ھەقىقى ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىمىز.

 

مەمەت تۇرسۇن، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى،26-ئ‍يۇن 

 

ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنگىلىزچە ئاخبارات ۋاستىسى ئۇيغۇر تايمىزنىڭ ئەنگىلىيە مۇھاپىزەتچى ۋە ئاۋسترالىيە ئا ب س خەۋەرلىرىگە ئاساسەن خەۋەر قىلىشچە، ئۆتكەن چارشەنبە كۈنى ئاۋسترالىيە دۆلەت ئاخبارات كۇلۇبىدا، پارلامىنىت ئەزالىرى ۋە ئاخباراتچىلارغا سۆز قىلغان تېبەت سۈرگۈندە ھۆكۈمەت رەئىسى (سېكيوڭ) پەنپا سەرىڭ مۇخبىرلارغا مۇنداق دىدى: ئارىمىزدا ئىككى چوڭ قۇتۇپ بار، بىر قۇتۇپ:بىزنىڭ تارىختىكى مۇستەقىللىق ئورنىمىز، يەنە بىرى تېبەتنىڭ ختاي خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ ئاستىدىكى نۆۋەتتىكى ئەھۋالى.بىز تېبەتلىكلەر ئۆزىنىڭ تارىخى، تىلى،مەدەنىيتى ۋە دىنى ، مۇھىتىنى قوغداپ قالالايدىغان ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىمىز.بۇ ھوقۇقلار ئەركىن دۇنيادىكى ئادەتتىكى ھوقۇقلار بولۇپ، تېبەتلىكلەردە مەۋجۇت ئەمەس.بىز شۇلارنى تەلەپ قىلىمىز، مۇستەقىللىق ئەمەس، ئەگەر بۇ ھوقۇقلار بىرىلسە، تېبەت خەلقى ختاي خەلق جۇمھۇرىيتى ئاساسى قانۇنى رامكىسدا خوشاللىق بىلەن ياشايدۇ.كىمنىڭ باشقۇرۇشى مۇھىم ئەمەس،باشقۇرۇش سۈپىتى مۇھىم.بۇ ھەزرىتى دالاي لاما تېبەت مەسلىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغان ئ‍وتتۇرا يول پىرىنسپىدۇر

 

UT-Uyghur Reporter 4

Next Post

«ئۇيغۇر دىگەن نىمە؟»-2024-يىللىق ئامېرىكا پىرەزدىنتلىق نامزاتى ئۇيغۇرلارنى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن قاتتىق تەنقىدكە دۇچ كەلدى.

سە ئىيۇن 27 , 2023
«ئۇيغۇر دىگەن نىمە؟»-2024-يىللىق ئامېرىكا پىرەزدىنتلىق نامزاتى ئۇيغۇرلارنى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن قاتتىق تەنقىدكە دۇچ كەلدى.