تەرجىمە:نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى: ياۋروپا شىركەتلىرى خىتاينىڭ «ئۈستى ئوچۇق تۈرمىسى » ئارقىلىق باي بولىۋاتىدۇ

بېرلىن – دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ غەربىدىكى شىنجاڭدا (ش ت) بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەردىن بولغان مۇسۇلمانلارنى قانۇنسىز تۇتۇپ تەربىيىلەش مەركەزلىرىگە قامىغانلىقىنى بىلدى.

نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى خىتايچە تورى

خىتايچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: سايئوغلى

كوررېكتور: سەبرى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-08-24

 

بېرلىن – دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ غەربىدىكى شىنجاڭدا (ش ت) بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەردىن بولغان مۇسۇلمانلارنى قانۇنسىز تۇتۇپ تەربىيىلەش مەركەزلىرىگە قامىغانلىقىنى بىلدى. بۇنى مۇنداق چۈشىنىشكە بولىدۇ: شىنجاڭ (ش ت) بەك يىراق، يەنە كېلىپ خىتاي بۇ قىلمىشىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ناھايىتى كۈچ سەرپ قىلىۋاتىدۇ. چەتئەل مۇخبىرلىرىغا توسالغۇلۇق قىلىش، پائالىيەتچى شەخسلەرنى قاماشتىن تارتىپ چېگرا ئىچى ئۇچۇرلارنى كۆزىتىپ تەكشۈرۈشكە قەدەر ھەر تۈرلۈك ۋاسىتىلەرنى قوللىنىۋاتىدۇ.

ئەمما، ۋولكىسۋاگېن ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ باش لىدىرى خېربېرت.دىس (Herbert.Diess) نىڭ ھېچقانداق باھانىسى بولماسلىقى كېرەك.

ۋولكىسۋاگېن ئاپتوموبىل شىركىتى 2013-يىلى شىنجاڭدا (ش ت)  بىر زاۋۇت قۇردى ۋە شۇ يەردىن 700 ئەتراپىدا ئىشچى ياللاپ ئىشلەتتى. بۇ زاۋۇت ھەر يىلى ئەڭ كۆپ بولغاندا 50 مىڭ دانە ئاپتوموبىل ئىشلەپ چىقىرالايدۇ. بۇ يىل 4- ئايدا دىس ئەنگلىيە رادىئو-تېلېۋىزىيە شىركىتى BBC نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۇنىڭ شىركىتى بىلەن تۆت يەردىكى قايتا تەربىيىلەش جازا لاگېرى بىلەن بولغان ئارىلىقنىڭ پەقەت 90 كىلومېتىر كىلىدىغان بولىشىغا قارىماي، ئۆزىنىڭ شىنجاڭدا (ش ت ) قايتا تەربىيىلەش جازا لاگېرىنىڭ بارلىقىنى، ياكى ئاز سانلىق مۇسۇلمان مىللەتلەرگە قارتا چوڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش قىلمىشىنىڭ بارلىقىنى ھىچ ئاڭلىمىغانلىقىنى ئېيتتى. (ئەمما ۋولكىسۋاگېن شىركىتى كىيىن بىر پارچە بايانات ئېلان قىلىپ، شىركەتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق مۇئامىلىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى).

مەن ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ 150 شىركەت ۋە كارخانىنىڭ تەخمىنەن يېرىمىنىڭ خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى تەرىپىدىن «ئۈستى ئوچۇق تۈرمە» دەپ سۈپەتلەنگەن شىنجاڭدا (ش ت) دا ئوخشىمىغان شەكىلدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى بايقىدىم. بۇ شىركەتلەرنىڭ مەبلەغ سېلىشى كۈزىتىش ئورگانلىرى ۋە كەڭ خەلق ئاممىسى تەرىپىدىن قاتتىق تەكشۈرلىشى كېرەك. ياۋرۇپا ھەرقايسى دۆلەتلىرىمۇ ھەم بۇ شىركەتلەرنىڭ شىنجاڭدا (ش ت) تىجارەت قىلىشىغا مەلۇم تۈزۈم بېكىتىپ بېرىشى كېرەك.

تەلتۆكۈس تەكشۈرلۈش تىزىملىكىگە بىرىنچى بولۇپ سيېمېنس (Siemens) شىركىتى تىزىلىشى كېرەك. بۇ گېرمانىيىنىڭ چوڭ تىپتىكى كارخانا گۇرۇھى خىتاينىڭ ئېلېكترون تېخنىكا گۇرۇھى شىركىتى بىلەن ئاپتوماتلىشىش، رەقەملىشىش ۋە خىمىيە قاتارلىق تەرەققىي قىلغان تۈرلەر ئۈستىدە ھەمكارلىقى بار. خىتاي ئېلېكترون تېخنىكا گۇرۇھى شىركىتى بولسا دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ھەربىي ئىشلارنى ھۆددىگە ئېلىش شىركىتىدۇر. بۇ شىركەت شىنجاڭدا (ش ت) ئىشلىتىلىدىغان جامائەت خەۋپسىزلىكى ئەپ دىتالىنى ياساپ تارقاتقان. بۇ ئەپ بەزى كىشىلەرنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش لاگىرلىرىغا قامىلىشىغا سەۋەبچى بولغان.

ئىسپانىيەنىڭ تېلېگراف شىركىتى بىلەن خىتاينىڭ بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتى ھەمكارلىشىپ، ئىز قوغلايدىغان بىر پروگرامما ياساپ تارقاتقان، گەرچە شىركەت بۇ ئەپ دىتالىنى كىشىلەرنىڭ شەخسى ئۇچۇرىنى ئىگەللىمەيدۇ، پەقەت ئابونىت بارغان جايلاردىكى پايدىلىق دەپ قارالغان ئېلانلارنى كۆرسىتىپ بېرىش ئالاھىدىلىكى بار دېسىمۇ، بىراق بەزى ئەمىلىيەتلەرگە ئاساسەن، خىتاينىڭ بۇ ئەپ دىتالى ئارقىلىق شىنجاڭدىكى (ش ت)  ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئىز قوغلاپ كۆزىتىپ تۇرۇشنى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

خىتاي ئۇزۇندىن بىرى غەربنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۆپ كۈچ چىقىرىۋاتىدۇ. بۇ بىر تەرەپتىن خىتاينىڭ باشقا شەھەرلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن غەربنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق، ئاممىنى دىندىن يىراقلاشتۇرۇش ۋە ئەركىنلىككە بولغان ئىنتىلىشىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ئۈچۈندۇر. مەلۇم شەرتلەر ئاستىدا، خىتاي ياۋرۇپا شىركەتلىرىنىڭ شىنجاڭدا (ش ت) تارماق شىركەتلىرىنى ئېچىشنى، خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىدە شىركەت ئېچىپ تەرەققىي قىلىشىنىڭ شەرتى قىلىپ قويغان. فرانسىيەنىڭ زەنجىرسىمان تاللا بازىرى كەررېفور (Carrefour) بۇنىڭ بىر مىسالى بولالايدۇ.

خىتاينىڭ مەبلەغ سېلىنىشقا بولغان ئىنتىلىشى، شىنجاڭ (ش ت) بىلەن ئالاقىسى بولغان چەتئەل كارخانىلىرى ۋە ياۋروپانىڭ ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىگە ھەقىقىي قوللىنىشچان ھوقوقلارنى بەردى. ھازىر، بۇ دۆلەتلەر بۇ ھوقۇقىنى ئىشلىتىشى كېرەك.

ياۋروپا ئىتتىپاقى قانۇن تۇرغۇزۇش ئارقىلىق، شىنجاڭدا (ش ت) سودىسى بار بولغان كارخانىلارغا قارتا ئۆلچەم بەلگىلەپ بېرىشى كېرەك. ياۋرۇپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەر بىردەك قاراشقا كېلىشى كېرەك. ئۇنداق بولمىسا ئىتتىپاق دۆلەتلەرنىڭ پارلامىنتى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. بولۇپمۇ گىرمانىيەدەك شىنجاڭ (ش ت) بىلەن ئالاقىسى بولغان دۆلەتلەر ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

تۈرلۈك سەۋەپلەر تۈپەيلى جۇڭگۇ رەئىسى شى جىنپىڭ ياۋرۇپا ئىتتىپاقىدەك كۈچلۈك سودا شېرىكىنىڭ چىشىغا تېگەلمەيدۇ. شۇڭا ياۋرۇپا خىتايغا بېسىم چۈشۈرۈشى، شىنجاڭدىكى (ش تر) خەلقنى ئېزىشكە ياردەم بېرىدىغان تېخنىكا بىلەن خىتاينى تەمىنلىمەسلىكى كېرەك. ھازىرقى دۇنيادا يۈز بىرىۋاتقان كىشلىك ھوقۇققا قارشى ھەرىكەتنى توختىتىشقا تىرىشىشى كېرەك، يالغاندىن بىلمەسكە سېلىۋېلىش چارە ئەمەس.

ئاپتور: بېنجامىن خاس (Benjamin Haas)، بېرلىنغا جايلاشقان مېركاتور خىتاي تەتقىقات ئېنىستىتوتىدا (Mercator Institute for China Studies) زىيارەتچى ئالىم.

 

مەنبە:

https://cn.nytimes.com/opinion/20190822/xinjiang-business/

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇشتا ۋاشىنگتون مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلارنى قىلالامدۇ؟(1)

يە ئاۋغۇست 25 , 2019
ئەپسۇس ئامېرىكانىڭ ئادالەتسىزلىكنى يوقىتىشقا بولغان ئۈمۈدى بىزنىڭ ئۇنى قىلىش ئىقتىدارىمىزدىنمۇ ھالقىپ كەتتى.

You May Like