تەرجىمە: تالىبان ئاياللارنى سۆزلەشتىن چەكلىدى ب ب سى خەۋىرى

شابانانىڭ كۈندىلىك ئېنگلىز تىلى دەرسلىرى ئۇنىڭ كۈنىنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسمى. كابۇلدا ئاپتوبۇس بىلەن دوستلىرى بىلەن خۇسۇسىي كۇرسقا بېرىش، ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىش ۋە كۈلۈش، ھەر كۈنى بىر سائەت يېڭى نەرسە ئۆگىنىش – بۇ تالىبان ئافغانىستاننى ئىگىلىۋالغاندىن بۇيان ئۇنىڭ ھاياتىنى قاپلىغان بوشلۇقتىن قىسقا مۇددەتلىك ئارام ئېلىشتۇر.
باشقا بىر دۆلەتتە بولسا، شابانا* كېلەر يىلى ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، تىجارەت كەسپىدە ئوقۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇراتتى. ئافغانىستاندا، ئۇ ۋە بارلىق ئۆسمۈر قىزلار ئۈچ يىلدىن بۇيان رەسمىي مائارىپتىن چەكلەندى.
ھازىر ھاياتنىڭ يەنىلا ياشىغۇدەك كىچىككىنە خۇشاللىقلارمۇ يېڭى بىر قانۇننىڭ ئېلان قىلىنىشى بىلەن قورقۇنچقا ئايلاندى. بۇ قانۇندا ئەگەر ئايال كىشى ئۆيدىن سىرتتا بولسا، ھەتتا ئۇنىڭ ئاۋازىمۇ ئاڭلانماسلىقى كېرەك دېيىلگەن.
«بىز سىرتقا چىققاندا قورقىمىز. ئاپتوبۇستا بولغاندا قورقىمىز. ماسكىلىرىمىزنى سېلىۋېتىشقا پېتىنالمايمىز. ھەتتا ئۆز ئارا سۆزلىشىشتىنمۇ ساقلىنىمىز، چۈنكى بىرەر تالىبان سۆزىمىزنى ئاڭلاپ توختىتىپ سوراق قىلىشى مۇمكىن دەپ ئويلايمىز» دەيدۇ ئۇ.
BBC ئافغانىستانغا كىلىپ، بۇ يېڭى قانۇنغا ئىنكاس قايتۇرۇۋاتقان بۇ دۆلەتنىڭ ئايال-قىزلىرى – شۇنداقلا تالىبان باياناتچىلىرى بىلەن كەم ئۇچرايدىغان ئالاقە ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتى. بۇ قانۇن تالىباننىڭ ئالىي رەھبىرى ھەيبەتۇللا ئاخۇندزادا تەرىپىدىن يولغا قويۇلغان.
بۇ قانۇن ياخشىلىقنى تەرغىب قىلىش ۋە يامانلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش مىنىستىرلىكىگە – يەنى تالىباننىڭ ئەخلاق ساقچىسىغا – ئافغان پۇقرالىرى ئۈچۈن قاتتىق قول تۇرمۇش قائىدىسىنى يولغا قويۇش ئۈچۈن كەڭ دائىرىلىك ھوقۇق بەرگەن.
ئاللىقاچان ئەركىنلىكلىرى توختاۋسىز پەرمانلار بىلەن ئاستا-ئاستا يوقىتىلغان ئايال-قىزلار ئۈچۈن، بۇ يەنە بىر زەربە بولدى.
«ئەگەر سۆزلىيەلمىسەك، نېمە ئۈچۈن ياشايمىز؟ بىز خۇددى ھەرىكەتلىنىۋاتقان ئۆلۈك تەنلەرگە ئوخشاپ قالدۇق» دەيدۇ شابانا.

كۆپ قېتىم ئاياللار ئىلىپ بارغان نامايىشلار تالىبان كۈچلىرى تەرىپىدىن زوراۋانلىق بىلەن باستۇرۇلدى، ئاخىرى پۈتۈنلەي توختاپ قالدى.
نەۋشىن ئۆتكەن يىلى تۇتقۇن قىلىنغان. «تالىبانلار مېنى ماشىنىغا سۆرەپ كىرگۈزۈپ ‹نېمىشقا بىزگە قارشى ھەرىكەت قىلىسەن؟ بۇ ئىسلامىي تۈزۈم› دېدى. ئۇلار مېنى قاراڭغۇ، قورقۇنچلۇق بىر يەرگە ئېلىپ بېرىپ تۇتقۇن قىلدى، ماڭا ناچار تىل بىلەن مۇئامىلە قىلدى. ئۇلار يەنە مېنى ئۇردى» دەيدۇ ئۇ يىغلاپ تۇرۇپ.
«بىز قاماقتىن قويۇپ بېرىلگەندە، بىز ئىلگىرىكىدەك ئادەم ئەمەس ئىدۇق، شۇڭا نامايىش قىلىشنى توختاتتۇق» دەپ قوشۇمچە قىلدى ئۇ. «مەن ئايال بولغانلىقىم ئۈچۈن يەنە خارلانغۇم يوق. مۇشۇنداق ياشىغاندىن كۆرە ئۆلگەن ياخشى.»
ھازىر ئافغان ئاياللىرى ئۆزلىرىنىڭ يۈزىنى يېپىپ، ئەركىنلىك ھەققىدىكى ناخشىلارنى ئېيتقان سىنلارنى تور بېتىگە چىقىرىش ئارقىلىق نارازىلىقىنى بىلدۈرمەكتە. «بىر ئاۋاز بولايلى، قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە مېڭىپ بۇ زۇلۇمدىن ئازاد بولايلى» دېگەنلەر شۇ ناخشلارنىڭ بىر مىسرالىرى.

شىرىن -چەكلىمىلەرگە قارشى تىنچ ئىسيان كۆتۈرۈپ مەخپىي مەكتەپلەرنى باشقۇرۇۋاتقان ئافغان ئاياللىرى تورىنىڭ بىر قىسمى. ئاللىقاچان ناھايىتى چوڭ خەتەر ئاستىدا پائالىيەت قىلىۋاتقان، بىخەتەرلىك ئۈچۈن مەكتەپنىڭ ئورنىنى كۆپ قېتىم يۆتكەشكە مەجبۇر بولغان بۇ ئاياللارنىڭ قورقۇنچىسى يېڭى قانۇن بىلەن تېخىمۇ كۈچەيدى.

بايقىلىپ قېلىش خەۋپى شۇنچىلىك چوڭكى، ئۇ بىز بىلەن ئۆيدە سۆزلىشەلمەيدۇ، ئۇنىڭ ئورنىغا يوشۇرۇن بىر جاينى تاللايدۇ.

«ھەر ئەتىگەندە ئويغانغىنىمدا، ئاللاھتىن بۇ كۈننىڭ ساق-سالامەت ئۆتۈشىنى تىلەيمەن. يېڭى قانۇن چىققاندا، مەن ئۇنىڭ بارلىق قائىدىلىرىنى ئوقۇغۇچىلىرىمغا چۈشەندۈرۈپ، ئىشلارنىڭ تېخىمۇ قىيىنلىشىدىغانلىقىنى ئېيتتىم. ئەمما مەن بۇلارنىڭ ھەممىسىدىن شۇنچىلىك چارچىدىمكى، بەزىدە پەقەت ۋارقىراپ كەتكۈم كېلىدۇ» دەيدۇ ئۇ. «ئۇلار ئاياللارنى ئىنسان دەپ قارىمايدۇ، پەقەت ئۆي ئىچىدىلا بولۇشقا تېگىشلىك قورال دەپ قارايدۇ.»

مەخپىي مەكتەپلەر تورى بىلەن مەسلىھەتلىشىدىغان پىسخولوگ كارىنا ئىلگىرى بىزگە ئافغان ئاياللىرى ئۆزلىرىگە قارىتىلغان چەكلىمىلەر تۈپەيلىدىن ‹ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خىياللىرىنىڭ ۋابا كېسىلى›دىن ئازابلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

يېڭى قانۇن ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ياردەم سوراپ تېلېفون قىلغانلارنىڭ سانى كەسكىن كۆپەيگەنلىكىنى ئېيتتى. «بىر دوستۇم ماڭا ئۇچۇر يوللاپ، بۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئاخىرقى ئۇچۇرى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى ئويلاۋاتاتتى. ئۇلار بارلىق ئۈمىدنىڭ يوقالغانلىقىنى ۋە ياشاشنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى قالمىغانلىقىنى ھېس قىلىشىدۇ» دېدى ئۇ. «ئۇلارغا مەسلىھەت بېرىش بارغانسېرى قىيىنلىشىۋاتىدۇ.»

مەن ھەمدۇللاھ فىتراتتىن تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپتىن چەكلەنگەنلىكى سەۋەبىدىن چۈشكۈنلۈككە چۈشۈپ، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خىياللىرىغا مۇپتىلا بولۇۋاتقان ئۆز دۆلىتىدىكى ئايال-قىزلارغا بولغان مەسئۇلىيىتى ھەققىدە سورىدىم.
«ھەمشرىلىرىمىزنىڭ مائارىپى مۇھىم مەسىلە. بىز نۇرغۇن ھەمشىرىلىرىمىزنىڭ تەلىپى بولغان بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا تىرىشىۋاتىمىز» دېدى بۇ باياناتچى.
ئەمما ئۈچ يىلدىن كېيىن، ئۇلار راستىنلا كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىگە ئىشىنىشىنى كۈتەمدۇ؟
«بىز رەھبەرلىرىمىزنىڭ قارارىنى كۈتۈۋاتىمىز. قارار چىققاندا، ھەممىمىزگە ئۇقتۇرۇلىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى ئۇ.
ئىلگىرىكى تالىبان ئەمەلدارلىرى بىلەن بولغان ئۇچرىشىشلاردىن، تالىبان ھۆكۈمىتى ئىچىدە ئاياللارنىڭ مائارىپى مەسىلىسىدە بۆلۈنۈش بارلىقى، بەزىلەرنىڭ ئۇنى قايتا باشلاشنى خالايدىغانلىقى بىر مەزگىلدىن بۇيان ئايدىڭ بولۇپ كەلگەن. ئەمما قەندىھاردىكى رەھبەرلىك ئۆز پوزىتسىيەسىدە چىڭ تۇرۇۋاتىدۇ ۋە ھازىرغىچە ئالىي رەھبەرنىڭ بۇيرۇقلىرىغا ئاشكارا قارشى چىقىش كۆرۈلۈپ باقمىغان.
بىز كۆز قاراشلاردىكى پەرقنىڭ بەزى دەلىللىرىنى كۆردۇق. كابۇلدىن ئانچە يىراق بولمىغان يەردە، بىزگە كۈتۈلمىگەن ھالدا تالىباننىڭ ساقلىقنى ساقلاش مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن مۇنتىزىم ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تۇغۇت ئانىسى تەربىيەلەش كۇرسىغا كىرىش پۇرسىتى بېرىلدى. بىز زىيارەت قىلغاندا كۇرس داۋاملىشىۋاتاتتى ۋە بىزنىڭ زىيارىتىمىز تۇيۇقسىز بولغاچقا، بۇنىڭ بىزگە كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرۇلمىغانلىقىنى بىلدۇق.
20 ياشلاردىكى ئون نەچچە ئايال ئالىي دەرىجىلىك بىر ئايال دوختۇر ئېلىپ بېرىۋاتقان كۇرسقا قاتنىشىۋاتاتتى. كۇرس نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت دەرسلىرىنىڭ بىرىكمىسى ئىدى.
ئوقۇغۇچىلار ئەركىن سۆزلىيەلمىدى، ئەمما كۆپىنچىسى بۇ خىزمەتنى قىلالىغانلىقىدىن خۇشال ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
«ئائىلەم مەندىن بەك پەخىرلىنىدۇ. مەن بالىلىرىمنى ئۆيدە قالدۇرۇپ بۇ يەرگە كەلدىم، ئەمما ئۇلار مېنىڭ دۆلەتكە خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىمنى بىلىدۇ. بۇ خىزمەت ماڭا ناھايىتى كۆپ ئىجابىي كۈچ بېرىدۇ» دېدى سافىيە.
نۇرغۇنلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىمتىيازىنى ئېتىراپ قىلدى، بەزىلىرى ھەتتا بۇنىڭمۇ ئاخىرى توختىتىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. تالىباننىڭ ساقلىقنى ساقلاش مىنىستىرلىكى ئەگەر قىزلار 6-سىنىپتىن كېيىن رەسمىي مائارىپقا كىرەلمسە، كەلگۈسىدە بۇ كۇرسنى ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنى قانداق تاپىدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بەرمىدى.
ئاممىۋى ساغلاملىق، بىخەتەرلىك، سەنئەت ۋە ھۈنەرۋەنچىلىك قاتارلىقلار دۆلەتنىڭ بەزى جايلىرىدا ئايال-قىزلارنىڭ ئىشلەشنى داۋاملاشتۇرالىغان بىر قانچە ساھەنىڭ بىرىدۇر. ئەمما بۇلارغا رەسمىي پەرمان ئارقىلىق رۇخسەت قىلىنغان ئەمەس. بۇ يەرلىك تالىبان ئەمەلدارلىرى، خەلقئارا تەشكىلاتلار ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى چۇشەنچە ئاساسدا يۈز بېرىۋاتىدۇ.
يېڭى قانۇن ھەتتا بۇ رەسمىي بولمىغان سىستېمىنىمۇ تالىباننىڭ ئەخلاق ساقچىسىنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئۇچرايدىغان ھالغا كەلتۈرۈپ قويدى.

خەلقئارالىق ياردەم تەشكىلاتلىرىدىكى مەنبەلەر بىزگە ئۇلارنىڭ بۇ قانۇننى قانداق چۈشىنىش كېرەكلىكىنى بىلىشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئۇنىڭ خىزمەتلەرنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
بۇ قانۇن تالىباننىڭ تۇنجى قېتىم ب د ت رەھبەرلىكىدىكى ئافغانىستان بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىش توغرىسىدىكى سۆھبەتكە قاتناشقىنىدىن ئىككى ئايدىن ئازراق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئېلان قىلىندى – بۇ يىغىندىن ئافغان پۇقرالار جەمئىيىتى ۋەكىللىرى ۋە ئايال ھوقۇقى پائالىيەتچىلىرى تالىباننىڭ چىڭ تۇرۇشى بىلەن چەتلىتىلگەن ئىدى.
بۇ خەلقئارا جەمئىيەتتىكى كۆپ كىشىلەرنىڭ يىغىن ئۈچۈن تالىباننىڭ شەرتلىرىنى قوبۇل قىلىشنىڭ ئەرزىيدىغان-ئەرزىمەيدىغانلىقى ۋە ئۇلار بىلەن كەلگۈسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ھەققىدە گۇمان قىلىشىغا سەۋەب بولدى.
يېڭى قانۇنغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇ چەكلىمىلەرنى ‹سىستېمىلىق ۋە ئومۇميۈزلۈك خورلاش… بۇ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت بولۇپ ھېسابلىنىدىغان جىنسىي زىيانكەشلىك دەرىجىسىگە يېتىشى مۇمكىن› دەپ تەسۋىرلىگەن كەسكىن سۆزلۈك باياناتنى ئېلان قىلدى. ئۇ يەنە بۇ پەرماننىڭ ‹خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن نورمال مۇناسىۋەت ئورنىتىش ۋە ئېتىراپ قىلىنىشقا يەنە بىر ئۆزى پەيدا قىلغان توسالغۇ› ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
«بۇ قانۇندا بايان قىلىنغان قىممەت قاراشلار ئافغان جەمئىيىتىدە قوبۇل قىلىنغان. ھېچقانداق مەسىلە يوق. بىز خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ، بولۇپمۇ ب د ت ۋە باشقىلارنىڭ ئىسلامىي قانۇنلارغا، ئەنئەنىلەرگە ۋە مۇسۇلمان جەمئىيەتلىرىنىڭ قىممەت قاراشلىرىغا ھۆرمەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى تالىبان مۇئاۋىن باياناتچىسى ھەمدۇللاھ فىترات.

تالىباننىڭ ياخشىلىقنى تەرغىب قىلىش ۋە يامانلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش مىنىستىرلىكى ئىككى ھەپتىدىن ئازراق ۋاقىت ئىلگىرى، بۇ قانۇنغا بولغان تەنقىدى سەۋەبىدىن ب د ت نىڭ ئافغانىستاندىكى ۋەزىپىسى بىلەن ھەمكارلاشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
بۇ ئىككى ئاي ئىلگىرى ئىلگىرىلەۋاتقاندەك كۆرۈنگەن مۇناسىۋەتلەرنىڭ ھازىر مۇھىم بىر توسالغۇغا دۇچ كەلگەنلىكىنىڭ ئىسپاتىدۇر.
«مېنىڭچە ياردەم مەسىلىسىگە كەلگەندە، دۇنيا ئافغانىستانغا ياردەم قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك. ئەمما تالىبان بىلەن سۆزلىشىشكە كەلگەندە، ھەر بىر مۇزاكىرىدە ئايال-قىزلارنىڭ بولۇشى كېرەكلىكى توغرىسىدا بىر قائىدە بولۇشى كېرەك. ئەگەر بۇنداق بولالمىسا، ئۇلار [خەلقئارا جەمئىيەت] ئۇلار بىلەن سۆزلىشىشنى توختىتىشى كېرەك» دېدى پىسخولوگ كارىنا.
«دۇنيا ئافغان ئايال-قىزلىرىنىڭ بېشىغا كەلگەنلەرگە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك، چۈنكى ئەگەر ئۇنداق قىلمىسا، بۇ مەنتىقە ئاسانلا ئۇلارغا، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىگە تارقىلىپ كېتىشى مۇمكىن.»
بۇ ماقالىدا زىيارەت قىلىنغان بارلىق ئاياللارنىڭ ئىسمى ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئۆزگەرتىلدى
قوشۇمچە خەۋەر: ئىموگېن ئاندېرسون ۋە سانجاي گانگۇلى
بۇ ماقالە ئەسلىدە 10-سېنتەبىردە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، تېخنىكىلىق خاتالىق سەۋەبىدىن قايتا ئېلان قىلىندى.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

You May Like