تاھىر ئىمىن: « ئۇيغۇرلار تاكى تولۇق قويۇپ بىرىلمىگۇچە،داۋاملىق خەتەر ئىچىدە.»
تايلاند مىللىتى تور بېكىتى بۈگۈن ئىلان قىلغان خەۋەردە مۇنداق دىيىلگەن: دۆلەت مۇداپىئە منستىرى ۋە مۇئاۋىن باش منستىرى پۇمتام ۋىچاياچى (Phumtham Wechayachai) ئۆكتىچى پارتىيە ئادالەت پارتىيسى پارلامىنت ئەزاسنىڭ سۆزىگە جاۋاپ قايتۇرۇپ: «تايلاند ھۆكۈمىتى تېخى بۇ ئۇيغۇرلارنى ختايغا دەرھال ئۆتكۈزۈپ بىرىشنى قارار قىلغىنى يوق.»دىگەن.
خەۋەردە، مەزكۇر 48 ئۇيغۇرنىڭ مەسلىسنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇھاجىرلار ئالى كومېىتىتى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كىين، دۆلەت تايلاند دۆلەت بېخەتەرلىك كېڭىشىدا مۇزاكىرىگە قويۇلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
مەزكۇر دۆلەت بېخەتەرلىك كېڭىشى يېغىنىدا، مۇنداق قارار قىلىنغان:« بۇ ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئىلىنغان ھەر قانداق قارار-تايلاند قانۇنىغا ئاساسەن بولۇشى كىرەك، تايلاند ۋە خەلقئارا جەمئىيەت ئاۋاچىلىقتىن ساقلىنىش كىرەك، شۇڭا بۇ مەسلىنىڭ قانۇنى ئارقا كۆرۇنۇشنى مۇزاكىرە قىلىدىغان ئەمەلدارلار تەيىنلەندى»
ئەمما مۇخبىرلار تايلاند دۆلەتلىك باش تەپتىش ئەمەلدارىنىڭ ماشنىسنىڭ مەزكۇر دۆلەت بېخەتەرلىك كېڭىشى بىناسى ئالدىغا قويۇلغانلىقىنى بايقىغان بولۇپ، ئادەتتە باش تەپتىش ئەمەلدارى مەزكۇر يېغىنىغا قاتناشمايدۇ. بۇ باش تەپتىشنىڭ ئۇيغۇرلار مەسلىسنى تايلاند دۆلىتى ۋە خەلقئارا قانۇن بويىچە ئۆزىگە پايدىلىق ئاساس ئىزدەۋاتقانلىقىدىن دىرەك بىرىدۇ.
بۇ ھەقتە ئۇيغۇر زىيالىسى ۋە پائالىيەتچى تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان مۇنداق دىگەن:
مەزكۇر ۋەقە-تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا بېسم سەۋەبلىك ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار قارارى ھەققىدە قايتا ئويلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۇرىدۇ.«ئەمما ئۇيغۇرلار تاكى قويۇپ بىرىلمىگۇچە ئۇلار داۋاملىق خەتەر ئىچىدە»