تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىيان
ھەر قېتىم مۇسىبەتلىك ۋەقەلەر يۈز بەرسە، بىر ھەپتە ۋاقىراپ، ئۆزىمىزنى تىللاپ، ئارقىدىن ھېچ ئىش بولمىغاندەك توختاپ قالدىغان ئەمەس، مەسىلىنىڭ قايتا يۈز بېرىش ئېھتىمالىنى ئازايتىش ئۈچۈن سىستېمىلىق تەدبىر ۋە ئۈنۈملۈك ھەرىكەت قوللىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى بىلىدىغان بىر تۈركۈم كىشىلەر بولۇشى لازىم.
تايلاند ختايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئۇيغۇرلار- بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز، ئۇلار دۇچ كېلىۋاتقان ۋە كېلىدىغان بارلىق ئازاپلار بىزگە مەلۇم. تايلاند ئۇلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپلا قالماي، ئەمدى ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن، خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلىدىغان تەشۋىقاتلارنى ئوچۇق باشلىدى.
ئەگەر ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ قوللىغۇچى دۆلەتلىرى تايلاندقا قارشى ھېچقانداق ھەرىكەت قوللانمىسا:
*بۇ – خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ داۋاملىق ئەڭ ئاز ئىقتىسادىي مەنپەئەت ۋە كېلىشىم، ھەتتا تەھدىت ئارقىلىق كىچىك دۆلەتلەرنى ئۇيغۇرلارنى تۇتۇش، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ھەرىكەتلىرىنى چەكلەش، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى كىرگۈزمەسلىك ياكى قوغلاپ چىقىرىشقا كەڭ يول ئاچىدۇ.
*دىكتاتۇر، ئاچكۆز دۆلەتلەرگە خىتايغا يېقىنلىشىپ، ئۆز دۆلىتىدىكى ئۇيغۇرلارنى تۇتۇش، قوغلاپ چىقىرىش ۋە خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن يېشىل چىراق يېقىلىدۇ. بارلىق دۆلەتلەرگە: «ئۇيغۇرلار قەتئىي ئىلاجسىز ۋە ھەرىكەتسىز، ئۇلارغا قارشى ھەر قانداق بوزەك قىلىشنى قوللانسا بولۇۋېرىدۇ» دېگەن ئاشكارا تەشۋىقات بولىدۇ.
*تاماشا كۆرگۈچى دۆلەتلەرگە: «دېمەك، ئۇيغۇرلارنى قوللىغۇچى دۆلەتلەرنىڭ خىتاي ۋە خىتاينىڭ شېرىكلىرىگە قارشى ھېچقانداق ھەرىكەت قوللانمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان پۇرسەت بولىدۇ» ۋە داۋاملىق خىتاينىڭ دۇنيادىكى تەسىر-كۈچىنى ئاشۇرىدۇ، ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش ئىمكانىيەتلىرىنى چوڭايىتىدۇ.
*ئۇيغۇرلارنىڭ تايلاندقا قارشى قولىدىن نۇرغۇن قانۇنلۇق ۋە يوللۇق ئۇسۇللار بار. بۇلار ھەققىدە ئايرىم توختىلىش لازىم.
ئەمما ئاۋال تايلاندنىڭ جىنايىتىنى بوش قويۇۋەتمەيدىغان يۈزلىگەن ۋىجدانلىق ئۇيغۇر پەرزەنتى بولۇشى لازىم.
26-مارت
ئۇيغۇر تايمىزنىڭ كۆپ تىللىق ئاخبارات خىزمىتىنى قوللاڭ!
https://www.gofundme.com/f/support-uyghur-times-a-voice-for-the-voiceless