تاساددىپىي ئۆلۈم ۋەقەسى بىلەن ئۇزۇن يىل سۈكۈتتە تۇرغان بىر سىرلىق قوشۇن ئۆزىنى كۆرسەتتى

ۋاشىنگتون: ھېندىستاننىڭ ئانچە بىلىنمىگەن بىر سىرلىق تىبەت قوشۇنى 58 يىل «سۈكۈتتە» تۇرغاندىن كېيىن، بىر قېتىملىق تاسادىپىي ۋەقە سەۋەبىدىن كىشىلەر ئالدىدا پەيدا بولدى. ھېندىستاندىكى بىر تىبەت پائالىيەتچى ئاساسلىقى تىبەتلەردىن تەركىب تاپقان بۇ خىل قوشۇننىڭ كۈنلەرنىڭ بىرىدە سۈرگۈندىكى تىبەتلىكلەرنىڭ تىبەتكە قايتىشى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىنى ئۈمىت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئاۋازى، 2020-09-19
تەرجىمە قىلغۇچى: بىلمەسجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2020-09-19

 

ۋاشىنگتون: ھېندىستاننىڭ ئانچە بىلىنمىگەن بىر سىرلىق تىبەت قوشۇنى 58 يىل «سۈكۈتتە» تۇرغاندىن كېيىن، بىر قېتىملىق تاسادىپىي ۋەقە سەۋەبىدىن كىشىلەر ئالدىدا پەيدا بولدى. ھېندىستاندىكى بىر تىبەت پائالىيەتچى ئاساسلىقى تىبەتلەردىن تەركىب تاپقان بۇ خىل قوشۇننىڭ كۈنلەرنىڭ بىرىدە سۈرگۈندىكى تىبەتلىكلەرنىڭ تىبەتكە قايتىشى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىنى ئۈمىت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 

29- ئاۋغۇست كېچىدە، بىر ھەربىي قوشۇن ھېندىستان كونترول قىلىپ تۇرغان كەشمىرنىڭ جەنۇبىدىكى لاداخ (Ladakh) رايونىدا، پاڭگوڭ كۆلى (The Panggong lake) نىڭ جەنۇبى قىرغىقىدا چارلاش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقان ئىدى. قوشۇن يۈرۈش جەريانىدا، روتا كوماندىرى تېنزىن نيىما (Tenzin Nyima) پارتىلاشتا ئۆلۈپ كېتىدۇ، يەنە بىر زەربىدار ئەترەت ئەزاسى تېنزىن لودېن (Tenzin Loden) ئېغىر يارىلىنىپ، جىددىي قۇتقۇزۇش ئۈچۈن دوختۇرخانىغا ئەۋەتىلىدۇ. پارتىلاشنى ھېندىستان ھەربىي قوشۇنى 1962- يىلى كۆمۈپ قويغان مىنا كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى.

 

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دېيىشىچە، ئەگەر بۇ قوشۇننىڭ ھەربىيلىرى ھېندىلاردىن تەركىب تاپقان بولسا، بۇ قېتىمقى تاسادىپىي ئۆلۈم-يېتىم ۋەقەسى تاشقى دۇنيانىڭ دىققىتى ئۇنچىلىك تارتمىغان بولار ئىدى. لېكىن، بۇ ئالاھىدە چىگرا قوشۇنى (Special Frontier Force, SFF) يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلداردىن باشقا زور كۆپچىلىكى ھېندىستاندا تۇرىۋاتقان سۈرگۈندىكى تىبەتلەردىن تەركىب تاپقاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋەقە يۈز بېرىشتىن بۇرۇن ئانچە بىلىنمىگەن بولغاچقا، تاشقى دۇنيانىڭ ناھايىتى قىزىقىشىنى قوزغىدى.

 

تەپسىلىي مەزمۇنىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ:
https://www.voachinese.com/a/tibetan-led-indian-special-frontier-force-20200917/5587327.html

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

تەخمىنەن 8 مىليۇن ئۇيغۇر لاگېرغا قامالغان بولۇشى مۇمكىن

شە سېنتەبىر 19 , 2020
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ رەئىسى تەد يوخو ئۆزىنىڭ تۋىتتېر ھېسابىدا مۇنداق دەپ يازدى:

You May Like