ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپىيو (ئۇيغۇرچە ئىسمى مەمەت پولات) 23- دېكابىر ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىسترلىكى خەلقئارا ئادالەت بۆلۈمى، ئاسيا – خىتاي بۆلۈمى، ئىنسان ھەقلىرى بۆلۈمى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىلىنگەن پاكىتلارنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، خىتاينىڭ قىلمىشلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ياكى ئەمەسلىكى ھەققىدە قانۇنىي، ئىلمىي ئاساستا يەكۈن چىقىرىشقا بۇيرۇغان. بۇ دېلو تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ھۆكۈمەت نامىدىن بىجىرىدىغان ئەڭ مۇھىم كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈلگەن.

ئامېرىكا ئاۋازى (美国之音) ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مېنىستىرى پومپىيو 10-نويابىر دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇخپىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىغا قاتناشتى .

ئامېرىكا 22- نويابىر «ھاۋا بوشلۇقىنى ئېچىۋىتىش كېلىشىمى» (Open Skies Treaty) دىن رەسمىي چېكىنىپ چىققان بولۇپ، ترامپنىڭ تەختتىن چۈشۈش ئالدىدىكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى.

رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جۈمە كۈنى ئامېرىكا جورجىيە شىتاتىنىڭ شىتات كاتىپى براد رافېنسپېرگېر (Brad Raffensperger) جورجىيە شىتاتىدا بايدىننىڭ غەلىبە قىلغانلىقى ئېلان قىلغان. ئۇ مۇنداق دېدى: «جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ باشقا ئەزالىرىغا ئوخشاش، مەنمۇ بەك ئۈمىدسىزلەندىم، چۈنكى بىزنىڭ پرېزىدېنت نامزاتىمىز جورجىيە شىتاتىدا غەلىبە قىلالمىدى. مېنىڭ دەستۇرىم شۇكى، سانلار يالغان ئېيتمايدۇ. شىتات كاتىپى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن بۈگۈن بىز ئېلان قىلغان سانلارنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن.»

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايىك پومپىيو بۈگۈنكى مۇخبىرلارنى كۈتىۋىلىش يىغىنىدا سۇئاللارغا جاۋاب بېرىپ: «ئىككىنچى نۆۋەتلىك ترامپ ھۆكۈمىتىگە ئوڭۇشلۇق ئۆتىمىز. ھەربىر قانۇنلۇق بىلەت سانالغاندا، ئىككىنچى قېتىملىق ترامپ ھۆكۈمىتىگە ئۇلۇشىمىز. مېنىڭ بۇنىڭغا قاتتىق ئىشەنچىم بار.» دېدى.

پرېزىدېنت ترامپ بۈگۈن (9- نويابىر) تىۋىتتىردا مۇنداق دېدى: مەن دۆلەت تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش مەركىزىنىڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر دىرېكتورى (كېڭەش پالاتاسى تەرىپىدىن بىردەك مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن) كرىستوفىر مىللېر (Christopher C. Miller) نىڭ ھازىردىن باشلاپ مۇۋەققەت دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىمدىن خۇشالمەن.

پرېزىدېنت ترامپ كەلگۈسى بىر نەچچە كۈندە كۆپ قېتىم قانۇنىي ھەرىكەت قوللىنىپ ، سايلامنىڭ نەتىجىسىگە جەڭ ئېلان قىلىشى مۇمكىن. ئەمما بۇ دەۋالار بايدىننىڭ غەلىبىسىنى ئۆزگەرتەلمەسلىكى مۇمكىن دەپ قارالماقتا.

ئامېرىكا سايلىمىغا يەنە بىر ئاي بار، پرېزىدېنت ترامپ ئۆزىنىڭ خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ، دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغانلىقىنى ئېلان قىلىشى، بۇ قېتىملىق پەۋقۇلئاددە مەزگىلدىكى سايلامنى تېخىمۇ نامەلۇم ئەھۋالغا ئېلىپ كىردى.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى 30-سىنتەبىر بېلەت تاشلاپ، 253 بېلەتنىڭ قوللىشى، 163 بېلەتنىڭ قارشى تۇرۇشى، 15 بېلەتنىڭ ۋاز كېچىشى بىلەن «2020- يىلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ئەھۋالىنى ئاشكارىلاش قانۇنى» (Uyghur Forced Labor Disclosure Act of 2020) نى ماقۇللىدى.

ئامېرىكانىڭ گوللاندىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى پىتىر خۇكىستىرا ئەپەندى گوللاندىيە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق فوندى ۋە ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، گوللاندىيە ئالكمار شەھرىدىكى گۈزەل مەنزىرەلىك بىر دالىدا گوللاندىيەدىكى ئ‍ۇيغۇرلار بىلەن كۆرۈشكىلى زىيارەتكە كەلدى. بۇ ئامېرىكا باش ئەلچىسىنىڭ تۇنجى قېتىم گوللاندىيە ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن ئوپچە مۇلاقەتتە بولۇشى ھېسابلىنىدۇ.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ( تاشقى ئىشلار منسترلىكى) نىڭ ئورگان تېۋتتىر، ئىنستگرام ھساباتلىرىدا مايىك پومپيونىڭ «بىز دىنى ئەركىنلىكنى قوغدايمىز

ئامېرىكا سىملىق تېلىۋزىيەسى سى ئەن ئەن نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسنىڭ ۋەيران قىلغۇچ بومبا توشىغۇچى ماسسىن بەلگىلىك ئۇرۇش پاراخوتى خىتاي ئىگىلىك ھوقۇق دەۋاسى قىلىۋاتقان پاراسىل ئارىلىغا بۆسۈپ كىرگەن بولۇپ

«فوكس خەۋەرلىرى » تور بېتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، ئامېرىكا پرىزدېنتى دونالد ترامپ ئامېرىكا تارىخىدا تۇنجى قېتىم 50 شىتاتنىڭ ھەممىسىدە «چوڭ ئاپەت »ئېلان قىلدى .

ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ دۈشەنبە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، خىتاي «ۋال كوچىسى گېزىتى» (Wall Street Journal) نىڭ ئۈچ نەپەر مۇخبىرىنى قوغلاپ چىقارغانلىقى سەۋەبلىك، ترامپ ھۆكۈمىتى خىتاي مۇخبىرلىرى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق مېدىيا ئورگانلىرى، ھەمدە خىتاي ئىستىخبارات ئورگانلىرىنى جازالاشنى ئويلىشىۋاتماقتا ئىكەن.

2019- يىلى 4- دىكابىر، ئامرىكا شەرقىي ۋاقتى 3-دىكابىردا، ئامرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لاھىيەسىنى ، دىموكراتچىلار پارتىيەسى 221 بىلەت، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى 185 بىلەت ۋە باشقىلار 1 بىلەن بىلەن قوللاپ ، جەمئىي 407 بىلەتكە ئىرىشىپ، زور غەلبە قازاندى! بۇ تارىخ بىتىگە يىزىلغۇدەك ئالتۇن مىنۇتلار بولۇپ قالغۇسى!

2019-10-09
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايىك پومپېيو سەيشەنبە كۈنى (10-ئاينىڭ 8-كۈنى) شىنجاڭدىكى (ش ت) ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنى باستۇرغان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا چەكلىمىسى قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىكى دۈشەنبە كۈنى خىتاينىڭ 28 ج خ ئورگىنى ۋە تېخنىكا شىركەتلىرىنى سودا قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزدى. بۇ ئورگان ۋە شىركەتلەر شەرقى تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرگە قارىتىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بىلەن چېتىشلىق دەپ قارىلىپ قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن.