سياسى ئانالىز: نىمە ئۈچۈن زىلىنسكى تۇيۇقسز  ئ‍ۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە منسترلىقىغا بىر مۇسۇلمان تاتارنى تەيىنلەيدۇ؟ رۇستەم ئۆمەروۋ كىم؟

تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان

نىمە ئ‍ش يۈز بەردى؟

بۈگۈن روسيەنىڭ تاجاۋزۇچىلىقىغا قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئۇكرائىنانىڭ يۇقىرى قاتلامدا زور ئۆزگىرىش بولدى:

پىرەزدىنت زىلنىسكى نۇتۇق سۆزلەپ،2021-يىلى نويابىردىن باشلاپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان، ئۇرۇش باشلانغاندىن بىرى ئىزچىل ۋەزىپسدە چىڭ تۇرىۋاتقان دۆلەت مۇداپىئە منستىرى ئولەكسى رەزنىكوۋ ( Oleksii Reznikov)نى ئالماشتۇرۇپ، ئورنىغا قېرىم تاتارلىرىدىن بولغان 41 ياشلىق مۇسۇلمان  تاتار، ئۇكرائىنا ئەمەلدارى رۇستەم ئۆمەروۋنى ۋەزىپىگە تەيىنلەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

رەزنىكوۋ ئۇرۇش باشلانغاندىن ھازىرغىچە ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىنى كۆپرەك قورال ياردىمى قىلىشقا قايىل قىلغان ئاساسلىق ئەمەلدار ھسابلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەت مۇداپىئە مىنسترلىرى بىلەن مۇناسۋىتى ياخشى ئىدى.ئۇ ئ‍ستىپانامە تاپشۇرۇپ: مەن ئۇكرائىنا ئارمىيسدىن پەخىرلىنىمەن -دىدى.

رۇستەم ئۆمەروۋ كىم؟

رۇستەم ئۆمەروۋ، ئەر، تاتار، بۇ يىل 41 ياش، ئۆزبەكستاندا تۇغۇلغان. ئەسلى يۇرتى روسيە تەرىپىدىن بېسۋىلىنغان قىرىم تاتار ئارىلىدىن. منسترلىككە تەيىنلىنىشتىن بۇرۇنقى ۋەزىپىسى-ئۇكرائىنا دۆلەت مال-مۈلۈك فوندى ئىدارىسى باشلىقى (  State Property Fund)، ئۇ ئىلگىرى -روسيە بىلەن ئەسر ئالماشتۇرۇش كىلىشمىدە مۇھىم رول ئوينىغان.2019-يىلى ئ‍سلاھاتچى سياسى پارتىيە خولوس پارتىيسى نامىدىن پارلامىنت سايلىمىغا قاتنىشپ، غەلبە قىلىپ، پارلامىنىت ئەزاسى بولغان. ئىلگىرى تىلگىراف ۋە ئالاقە خۇسۇسى شركەتلىرىدە ئ‍شلىگەن. 2013-يىلى ئۇكرائىنالىقلارنى ستانفورد ئۇنۋېرستىتىدا ئوقۇتۇشنى مەقسەت قىلغان بىر فوندى قۇرغان. ئۇ گەرچە ئالاھىدە مەشھۇر شەخس بولمىسمۇ، پارلامنىتا ۋەزىپە ئۆتىگەنلىكى، ھىچقانداق چىرىكلىك بىلەن ئەيىپلەنمىگەنلىكى سەمىمىيتى .ۋەتەنپەرۋەرلىكى بىلەن تونۇلغان.ئۇ كۈچلۈك تاتار مىللەتچىسى بولۇپ، تاتارلارنىڭ ئىتنك كىملىكى ۋە مەدەنىيتىنى ساقلاش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. روسلارنىڭ قىرىم ئارىلىنى قايتۇرۋالغانلىقىغا قارشى پائالىيتى بىلەن ئۇكرائ‍ىن ۋە تاتارلارنىڭ ھۈرمىتىگە سازاۋەر بولغان.

ئۇنداقتا ئۇرۇش داۋاملىشۋاتقاندا نىمە ئۈچۈن يۇقىرى قاتلامدا بۇنداق چوڭ ئ‍ۆزگىرىش پەيدا بولىدۇ؟

1-سەۋەب: چىرىكلىككە قارشى زەربە:

ئالدى بىلەن بۇ زىلنسكىنىڭ پىرەزدىنىت بولۇشتا مۇھىم رول ئوينىغان سايلام شۇئارى بىلەن ئالاقىدار.ئۇكرائىنا شەرقى ياۋروپادىكى چىرىكلىك ئەڭ ئىغىر دۆلەتلەردىن بىرى بولۇپ، زىلنىسكى پىرەزدىنت بولۇشتا « مەن چىرىكلىكنى چوقۇم تازىلايمەن» دەپ ۋەدە بەرگەن. ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كىين بىر قاتار ئ‍سلاھاتلارنى ئىلىپ بارغان. ئۇرۇش باشلانغاندىن كيىن ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرى ئۇكرائىناغا نەچچە ئون مىليارد دوللارلىق ماددى ئەشيا ۋە قورال ياردىمى تەمىنلىدى. بۇ جەرياندا، ئۇكرائىنا مىديالىرى ئۇكرائىنا ئارمىيسدىكى چىرىكلىكنى ئىزچىل تەنقىد قىلىپ كەلدى. دۆلەت مۇداپىئە مستىرى رەزنىكوۋنى «ئارمىيە ئىچىدىكى چىرىكلىكنى ھەل قىلالمىدى »دىدى، ھەربى كىيم-كىچەكلەرنى تىكتۈرۈشتە، باھاسى قىممەت ئەمما سۈپىتى تۆۋەن  زاۇۋتلار جۈملىدىن تۈركىيەدىكى بىر قسم سۈپەتسز زاۇۋتلار بىلەن ھەمكارلاشقانلىقى ئاشكارىلاندى. ئەسكەر قوبۇل قىلىدىغان ئەمەلدارلارنىڭ پارا ئالغانلىقى ئاشكارىلاندى.

بۇ ئارمىيەنىڭ ئۇكرائىنا جەمئيتىدىكى ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۈردى. ئالدىنقى سەپتە جان پىدالىق بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئەسكەرلەرنىڭ كەيپىپاتىغا زەربە بولدى. گەرچە پىرەزدىنىت زىلنسكى بۇ قېتىم رەزنىكوۋنى ھىچقانداق خاتالىق ياكى جىنايەت بىلەن ئەيىپلىمىسمۇ، ئەمما (نۆۋەتتىكى ئۇرۇش ۋەزىيتىدە «يېڭى تەدبىر» قوللىنىشمىز كىرەك)-دىدى.پىرەزدىنت زىلنىسكى رەزنىكوۋنى ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق چىرىكلىككە تېخىمۇ زەربە بىرىدىغانلىقىنىڭ سگنالىنى بەردى.چېرىكلىكنى تازىلاش-ئۇكرائىنانىڭ ياۋروپا ئېتتپاقىغا ئەزا بولۇش مۇھىم شەرتلىرىدىن بىرى،ئەگەر زىلنىسكى چىرىكلىكنى تازىلاشتا غەلبە قازانسا، بۇ خۇددى ئۇرۇشتا غەلبە قازانغاندىن قالسا ئەڭ چوڭ  تۆھپىسى ھسابلىنىشى مۇمكىن.

2-سەۋەب: قېرىم تاتار ئارىلىنى قايتۇرۋىلىش ئىرادىسى:

رۇستەم ئۆمەروۋ قىرىملىق تاتار، قېرىمنى قايتۇرۋىلىش ئىرادىسى كۈچلۈك شەخس،  قىرىمنىڭ مەۋجۇتلۇقى-تاتارلارنىڭ مەۋجۇتلىقىغا باغلىنىدۇ دەپ قارايدىغان بىر شەخس.ئۇنىڭ دۆلەت مۇداپىئە منستىرى ۋەزىپسىگە تەيىنلىنىشى -پەقەت ئۇكرائىنا خەلقى ۋە روسيەگىلا ئەمەس بەلكى پۈتۈن دۇنياغا بىر سىگنال: بىز چوقۇم قىرىم ئارىلىنى قايتۇرۋالىمىز.

3-سەۋەب: ئەسكەرلەرنىڭ روھى ھالىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش؛

رۇستەم ياش، چىرىكلەشمىگەن. ئالدىنقى سەپتىكى ئەسكەرلەر نەچچە ۋاقىتتىن بىرىقى زور ئىلگىرىلەش بولماسلىقىنى ئارمىيەنىڭ يۇقىرى قاتلامدىكى چىرىكلىك بىلەن باغلاپ، غەزەپلەنگەن ئۇمۇتسزلەنگەن ۋە چىشنى چىشلەپ ئۇرۇشنى داۋام قىلغان بولسا، ئەمدى ئارمىيەگە يېڭى ۋە ساپ قان قوماندانلىق قىلىدۇ.

4-رۇستەم ۋە رەزنىكوۋنىڭ ھەربى تەجرىبىسى :

نۆۋەتتە ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپئە منستىرلىكى ئالدىنقى سەپتىكى ئۇرۇش تاكتىكىسىنى بەلگىلەيدىغان ئورگان ئەمەس، بەلكى ئۇكرائىنا بىلەن ئېتتپاقداشلىرى ئوتتۇرسدا ستىراتىگىيەلىك ۋە دىپلوماتىك سۆھبەت ئىلىپ بارىدىغان ئورگان.ئۇرۇش تاكتكسنى ئالدىنقى سەپتە قوماندانلىق قىلىۋاتقان گىنراللار بەلگىلەيدۇ، دۆلەت مۇداپئ‍ە منستىرى يوقنى ھەل قىلىدۇ: ئوق-دورا، ئەسكەر، خەلقئارالىق قوللاش، يىمەك-ئىچمەك قاتارلىقلار.بۇ جەھەتتە رەزنىكوۋنىڭ بولماسلىقى-ئۇرۇشنڭ چېكىنىشدىن دىرەك بەرمەيدۇ.

5-دۇنيانىڭ ۋە تۈركى مىللەتلەرنىڭ قوللىشغا ئىرىشش:

روسيە ئۇكرائىناغا ئۇرۇش قىلىش سەۋەبىنى ئۇكرائىنا«فاشسىت، ناتسس؛» بولغانلىقى ئۈچۈن دەپ ئەيىپلىدى.ئەمما ئۇكرائىنانىڭ ئەڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى ئىككى شەخس ئۇكرائىن ئىتنىك ئەمەس: پىرەزدىنت زىلنىسكى يەھۇدى، دۆلەت مۇداپىئە مسنتىرى رۇستەم تاتار بولسا-مۇسۇلمان تاتار تۈركى.بۇ دۇنياغا ۋە مەزكۇر ئۇرۇشنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقان تۈرك دۇنياسغا سىگنال: بىز كۆپ خىللىقنى قوغدايدىغان دۆلەت.بىز روسيە دىگەندەك فاشست ئەمەس، بىزنى قوللاڭلار!

خۇلاسە قىلغاندا، زىلنىسكى دۆلەت مۇداپىئە منستىرىدەك ئەڭ كۈچلۈك ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارنى ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئۇكرائىنا سياستىدىكى ئەڭ كەسكىن كۈچىنى نامايىش قىلالايدۇ.شۇنداقلا، بىر چالمىدا بىر نەچچە پاختەك ئاتالايدۇ.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ب د ت غا قاراشلىق «خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتى» ئۈرۈمچىنى جىمجتلا زىيارەت قىلىپ، ماشڭرۈي بىلەن كۆرۈشكەن.دولقۇن ئەيسا تەنقىد قىلدى.

دۈ سېنتەبىر 4 , 2023
تۇرسۇنجان،4-سىنتەبىر، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى ياپونىيە نىككى ئاسيانىڭ خەۋەر قىلىشچە،ب د ت غا قاراشلىق «خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتى» ئۆتكەن ھەپتە جىمجىتلا ختاي كومپارتىيسى مۇستەملىكىسى ۋە قىرغىنچىلىقى ئ‍استىدىكى ئۇيغۇر ۋەتىنى پايتەختى ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلغان.زىيارەتتە مەزكۇر تەشكىلات ۋەكىللىرى ئاتالمىش شنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكوم باش كاتىۋى (سكرىتارى) ماشڭرۈي بىلەن سۆزلەشكەن.ماشڭرۈي مۇنداق دىگەن:ئامېرىكا ۋە غەرپ دۆلەتلىرىدىكى […]
ب د ت ئەمگەك تەشكىلاتى

You May Like