ئسپات بىرىش ئۇسۇلى ھەققىدە

ئسپات بىرىش ئۇسۇلى ھەققىدە

تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان

<<ئۇيغۇر-ختتاي ئاخبارات ئۇرۇشى >>يۈرۈشلۈك 33-يازما

ئسپات بىرىش،گۇۋاھلىق بىرش – ئۆزىمىزنىڭ بىۋاستە ھىكايىمىز ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەرنى خەلقئارا مەتبۇئاتلارغا بىلدۇرۇش ،بۇ ئارقىلىق دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى تارتىش،ختتاينىڭ قىرغىنچىلىقنى توختىششقا ھەرىكەت قىلىش مەقسەت قىلىنغان.

بىز دۇنياغا زادى نىمە دىمەكچى:

دۇنياغا بىلدۇرۇشتە چوڭ جەھەتتە ئىككى نەرسە بىلدۇرۇلىدۇ:بىرى :تىچلىقپەرۋەر،مەدەنىيەتلىك ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەقەت ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ختتاي بېسۋالغان بىر باي ۋە بۇيۇك تىرىتورىيەنىڭ ئەسلى ھەقلىق ئىگىسى بولغانلىقى ئۇچۇن،<< ختتايدىن ھەممە جەھەتتە پەرقلىق ئۇيغۇر بولغانلىقى >>ئۈچۈن ختتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچراۋاتقانلىقى ،ئۇيغۇرلارنى يوقاتماقچى بولغانلىقى بىلدۇرۇلىدۇ.

ئىككىنچىسى :ختتاينىڭ قانداق زۇلۇملارنى ئشلىتىپ ئۇيغۇر مىللىتىنى پۈتۈنلەي يوق قىلماقچى بولغانلىقى .يەنى ختتاي كومپارتىيسنىڭ قانچىلىك ۋەھشى ۋە رەھىمسز ئىكەنلىكىنى بىلدۇرۇلىدۇ.

بىز دۇنيادىن نىمە كۇتىمىز :

دۇنيا نۆۋەتتە بىزگە مۇستەقىللىقىمىزنى ئىلىپ بىرەلمەيدۇ،ئەمما بىز ھەر تۈرلۈك ھەرىكەتلەر،ئاخبارات ئۇرۇشى،مۇخبىرلارغا سۆزلەش،ئسپات بىرىش،تەشۋىقات ئارقىلىق ختتايغا قارشى خىزمەتنى سۇپەتلىك ياخشى قىلالىساق، خەلقئارا جامائەت، دۆلەتلەر، تەشكىلاتلار ،تاراتقۇلار ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كۇن-سائەت،مىنۇت قوغلىشپ دۇچ كىلىۋاتقان قىرغىنچىلىقىنى توختتىش ختتايغا بېسم ئىلىپ كىلەلەيدۇ، ختتاينى يېتىم قالدۇرالايدۇ. قوللىغۇچىلارغا ئىرىشەلەيمىز،تەشكىلاتلىرىمىز كۇچلىنىدۇ،خەلقىمىز جانلىنىدۇ،ۋەتەنگە ئۆزگىرىش كىلىدۇ.

ئسپات ،پاكىت دىگەن نىمە؟

بۇ يەردە ئومۇملاشتۇرۇپ دىيىلگەن ئسپات سۆزى :<<گۇۋاھچى،ماددى پاكىت،يازما ئسپات،ئاۋازلىق ماتىريال،ۋىدىئو-فىلىم ،ھۇججەت،توختام،ھەتتا سزنىڭ روھى ھالىتىڭىز>>مۇ ئسپات بولالايدۇ.قسقىسى بۇلار ۋەتەندىكى زۇلۇمنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى پەقەت ناتونوش ئادەمگە بىلدۇرىدىغان بىر پاكىت ،بەلگە ،سمول بولسا بولىدۇ.

ئاساسلىق شەكىللىرى:

بۇ شەكىللەر داۋاملىق يېڭىلىنىدۇ :

1-ئەرز-شكايەت  يېزىش (كۆپ خىل تىلدا )

2-يالغۇز ھالدا ۋىدىئو ئشلەش (بۇنى ئىجتىمائى تاراتقۇلاردا تارقىتىش ياكى مۇخبىرلارغا ئەۋەتىش ياكى ئۆزىمىز تۇرىۋاتقان شتات،ھۆكۈمەت باشلىقلىرىغا ئەۋتىش )

3-مۇخبىرلارنى چاقىرىپ نەق مەيداندا كوللىكتىپ قولىمىزغا ئۇرۇق-تۇققانلارنىڭ رەسملىرىنى كۆتۇرۇپ ،ئولتۇرۇپ،ۋاكالىتەن بىر كىشى ئومۇمى ئەھۋالنى تونۇشتۇرۇش ۋە بىر-بىرلەپ ئىككى مىنۇتتىن سۆز قىلىش

4-يالغۇز زىيارەت قىلىش (نامسز ،ناملىق يوسۇندا ئاخبارات ۋاستىلىرىغا بىلىدىغانلىرىنى سۇرەتلىك،ئاۋازلىق،يېزىق شەكىلدە يەتكۇزۇش )

5-ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسۋەتلىك ئورۇنلىرىغا بىرىپ ،ئسپات بىرىش

6-نامايىش مەيدانىدا يەككە ياكى كوللىكتىپ ھالدا رەسملىك ۋە ئسپاتلىق سۆزلەش

مۇخبىرلارغا جاۋاپ بەرگەندە :

ئەگەر مۇخبىر سزدىن سۇئال سورىغان بولسا،سۇئالنى ئىككى دائىرىدە  سورايدۇ:بىرى سز ۋە باشقىلار دۇچ كەلگەن ،سز بىلىدىغان ئەھۋاللار،يەنە بىرى بولغان ئشلارنىڭ سزگە تەسىرى ۋە سزنىڭ كۆز-قارشىڭىز.چوڭ ئاخبارات ۋاستلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى سز دەپ بەرگەن سۆزنىڭ ھەممىسنى ئشلەتمەيدۇ.بەلكىم باشقىلارغا ئوخشىمىغان كەچۇرمىش،پاكت ياكى كۆز -قاراش بولسا قوشۇپ قويىدۇ.لىكىن سزنىڭ مۇخبىرغا سۆزلىگىنىڭىز،گۇۋاھلىق بەرگىنىڭىز ئالدى بىلەن شۇ مۇخبىرنى ئشەندۇرەلىشى كىرەك،ئاندىن ئۇ مۇخبىر دۇنيانى ئشەندۇرىدۇ.

سۆزىمىز ئىخچام ۋە ئەينەن بولۇشى كىرەك،ئەگەر ۋەقەنى جانلىق ،سەمىمى ھسياتىڭىز بىلەن تەسۋىرلەپ بەرسڭىز تېخىمۇ ياخشى.

ئەگەر ئۆزىڭىز ۋىدىئو ئشلىگەن بولسڭىز :

مەقسەت ئىنىق بولۇشى كىرەك،مەن كىشلەرگە زادى نىمە دەيمەن،نىمىنى بىلدۇرمەكچى ؟

بۇ ئسپاتنى قايسى ئاڭلىغۇچىغا،كۆرۈرمەن ياكى ئوقۇرمەنگە بىرىمەن؟  كىملەر قايسى ئۇسۇل ئارقىلىق ،نەدە بۇ ئسپاتنى كۆرىدۇ؟قاتارلىقلارنى بىلىش كىرەك. بەزى ئسپات،ۋەقە تېمىسنى، ئسمىنى ئۆزگىچە قويسڭىزمۇ جەزبىدار بولۇشى مۇمكىن.

1-ئۆزىمىزنىڭ كىم ،ھازىرقى قسقىچە شەخسى ئەھۋالىمىز

(مەسلەن،ياش،ھازىرقى ئورنى،ئۇيغۇرلۇقى چوقۇم تىلغا ئىلىنىشى كىرەك)

2-ئۆزىمىزنىڭ ختتاينىڭ زۇلۇمى ھەققىدە بىلىدىغان نەق ئشلىرى

(مەسلەن:تۇتۇلغان ئۇرۇق-تۇققانلار ياكى دوسلار،تۇرمىدىكى ئەھۋاللار،ئۇيغۇرلارنىڭ مال-مۈلكىنىڭ مۇسادىرە قىلىنىشى،دىنى -ئېتىقادى ۋە تىل -يېزىقنىڭ بىكار قىلىنىشى …)

ئۇرۇق-تۇققانلار بىلەن ئالاقە ئۇزۇلۇپ قىلىشى ،ئۇلار دۇچ كەلگەن تەھدىت،سزگە ختتايدىن كەلگەن تەھدىت.

3-بۇ ئشلارنىڭ نۆۋەتتە سزگە كۆرسەتكەن تەسىرى:روھى ھالىتىڭىز،كەيپىياتىڭىز،قورقۇنچ

4-سزنىڭ بۇ ئسپات ،زىيارەت ئارقىلىق كۇتىدىغان ئۇمىد ۋە تىلىكىڭىز :

باشقا تىللاردا ئسپات بىرىشنىمۇ سناپ بېقىش كىرەك

ئسپات پەقەت ئۇيغۇرنىڭ دەردىنى ئۇيغۇر ئاڭلايدىغان ئۇسۇل بولۇپ قالسا،تەسرى ئاز بولىدۇ.

شۇنىڭ ئۇچۇن ئىمكانقەدەر باشقا تىللاردا بىرىشكە تىرىشپ باقساق ياخشى،باشقا تىلنى مۇكەممەل بىلشىمىزنىڭ ياكى تەلەپپۇزىمىزنىڭ ئۆلچەملىك بولۇشىنىڭ ھاجىتى يوق.پەقەت سۆزىمىز ئىنىق،راسچىل بولسلا،كىشلەر چۇشىنىدۇ ۋە تەسر قىلىدۇ.

ئسپاتلارنى كىم كۆرىدۇ؟

مەيلى ئاخبارات ۋاستىسى تارقاتسۇن ياكى ئۆزىڭىز ئىجتىمائى تاراتقۇدا تارقىتىڭ، ئەڭ ئاخىرىدا كۆرىدىغان كىشلەر سياسىئونلار،قارار چىقارغۇچىلار،خەلقئارا تەشكىلاتلار،

ۋە خەلق ئاممىسى.بەلكىم سز مىنىڭ تارقاتقىنىمنى كىشلەر كۆرمەسلىكى مۇمكىن،ئەمما ئەگەر سز بەرگەن مەزمۇن ختتاينىڭ زۇلۇمنى ناھايتى ئەپچىللىك بىلەن يورۇتۇپ بەرگەن بولسا،مەزمۇن ياخشى بولسا كىشلەر چوقۇم تارقىتىدۇ،تېخىمۇ كۆپ كىشى بىلىدۇ.تەرجىمە قىلىنىدۇ،ئاخباراتقا ئ‍شلىتىلىدۇ،سەھنىلەردە مۇھاكىمە قىلىنىدىغان تېمىغا ئايلىنىدۇ.

ۋىدىئونى قانداق ئشلەيمەن:

قولىڭىزدا يانفۇنلا بولسا ۋىدىئو سۇرەتكە تارتىپ ئشلەپ تارقىتالايسز،ۋىدىئو تەھرىرلەش ھەقسز دىتاللىرى ناھايتى كۆپ،ئۇنىڭغا رەسم،ئاۋاز ۋە باشقا مەزمۇنلارنى قوشۇپ تەھرىرلىگىلىمۇ بولىدۇ.باشقىلار تارتىپ قويسمۇ،ئۆزىڭىز تارتسڭىزمۇ بولىدۇ،ئىنتايىن قولاي .

قايسى ئۇسۇللاردا تارقىتىمەن ؟

1-ئۆزىمىز ياكى دوسلار،تونۇلغان ۋاستلەر ئارقىلىق تارقىتىش ئۇسۇلى :

ئۆزىڭىز مەخپى ئۇسۇلدا فايس بۇكتا ھساب ئاچسڭىزمۇ بولىدۇ.

ئىجتىمائى تاراتقۇ (فايس بۇك،تىۋىتىرر،ۋاتىس ئاپ )،يوۋتۇپ،

2-ئاخبارات ۋاستىلىرىغا ئسپات بىرىش ئۇسۇلى

3-ئۇيغۇرلارنىڭ ئاخبارات تاراتقۇلىرى

4-يەرلىك تاراتقۇلار

5-خەلقئارا ئاخبارات ۋاستىلىرى

سز ئشلەپ تارقاتقان ۋىدىئولار بەزىدە خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتىشى مۇمكىن.

تاراتقۇلارنى قانداق ئىزدەيمىز ؟

دۇنيانىڭ ھەممە يىرىدە تور بار،توردىن سزگە لازىملىق بولغان ھەر قانداق ئاخبارات ۋاستسنىڭ ئالاقە نۇمۇرى،ئىمەيىل ئالاقىسى،ئشخانا ئادېرسنى تاپقىلى بولىدۇ.

يەرلىك شەھەر،مەھەللىلەرنىڭ گېزىت ،رادىئو،تىلىۋىزۇرلىرى بار،سز ئۇ يەرنىڭ بىر ئاھالىسى بولۇش سۇپىتىڭىز بىلەن سز ئۇچۇن ھايات-ماماتلىق مۇھىم بولغان ئش ،كۆپۈنچە ئەھۋاللاردا ئۇلار ئۇچۇنمۇ مۇھىم دەپ قارىلىدۇ.ئۇلار تارقاتسلا بۇ ئش راس بىر مەسلە سۈپىتىدە قارىلىىشى مۇمكىن.

ئۇلارغا ئەھۋالنى چۈشەندۇرۇش ئۇسۇلى:

ئۆزىمىز تۇرىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ،شەھەرلەرنىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىنى ئىزدەپ تېپىپ،ئۇلارغا ئۆز ئەھۋالىمىزنى چۇشەندۇرۇش كىرەك،ئاندىن ئۆزىمىزنىڭ بشىدىن ئۆتكەن ئشلارنى ئىيتىپ بەرمەكچى بولغانلىقىمىزنى ۋە سۆزىمىزنىڭ ئاساسى مەزمۇنىدىن خەۋەردار قىلىش مۇمكىن.ئاندىن ئۇلار بۆلۇم مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەتلىشپ قارار قىلىدۇ.ئەگەر قولىمىزدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىلان قىلىنغان ئاساسلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەرلەر توپلىمى بولسا تېخىمۇ ياخشى.بۇنى ئۇيغۇر ئاگىېنىتلىقى تور بېكىتىدىن چۇشۇرۋالغىلى بولىدۇ.

ئسپات بەرسەم قانداق خەتىرى بار:

ئالدى بىلەن بۇنى بىر ئاللا بىلىدۇ،ئسپات بەرسڭىز بىۋاستە سزگە خەتەر كىلىشى ناتايىن ئەمما سز بىر كىشلىك مەسئۇلىيتىڭىزنىڭ مىڭدىن بىرىنى ئادا قىلغان بولسز،ئۇيغۇر بولۇش،پەرزەنت بولۇش،ئنسان بولۇش بۇرچىڭىزنى ئادا قىلىشقا باشلىغان بولىسز.

ۋەتەندىكى تۇققانلىرىمىزنى ئاللاھقا تاپشۇرىمىز شۇنداقلا ئۇلار ئۇچۇن قولىمىزدىن كىلىدىغان ھەرىكەتنى قىلىمىز .

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى: خىتاي مىليۇن ئۇيغۇرلارنى مەخپى لاگىرلارغا قامىغان!

شە ئاۋغۇست 18 , 2018
جەنۋە(رويتىرس)- بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئنسانى ھوقوقنى قوغداش كومېتتېتى جۈمە كۈنى(10-ئاۋغۇست) ئۆزىنىڭ خىتاي دۆلىتىنىڭ مىليۇن ئۇيغۇرلارنى زور كۆلەمدىكى مەخپى جازا لاگىرلىرىغا قامىغانلىقىغا ئائىت ئىشەنچىلىك ئۇچۇرلارنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتى.

You May Like