سولومون ئارىلىدىكى نامايىش توقۇنۇشقا ئۆزگىرىپ خىتاي بازارلىرى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغان

سولومون ئارىلىدىكى نامايىش توقۇنۇشقا ئۆزگىرىپ خىتاي بازارلىرى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 26-نويابىر

تىنچ ئوكيانغا جايلاشقان سولومون تاقىم ئاراللىرى دۆلىتىنىڭ ئەڭ چوڭ ئۆلكىسى بولغان مالايتا Malaita ئارىلىدا24- نويابىر مەركىزى ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش باشلانغان. قىسقا ۋاقىت ئىچىدە نامايىشچى پۇقرالار بىلەن ھۆكۈمەت ساقچىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش توقۇنۇشقا ئۆزگىرىپ پايتەخت خونىيارا شەھىرىدە ھۆكۈمەت كونتروللۇقىنى يوقاتقان. توپىلاڭ جەريانىدا خىتاينىڭ مەزكۇر شەھەرگە جايلاشقان سودا شەھەرچىسى زور دەرىجىدە ئۇرۇپ چېقىلغاندىن سىرت، خىتاينىڭ سولوموندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىمۇ نامايىشچى ئاممىنىڭ قورشاۋىدا قالغان. يۈز بەرگەن توپىلاڭنى تىنچىتىشقا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى 25- نويابىر يۈزدىن ئارتۇق قوراللىق ساقچى ۋە ھەربىي قىسىملىرىنى سولومۇنغا ئەۋەتكەن.

سولومون تاقىم ئاراللىرىدا يۈز بەرگەن بۇ توقۇنۇشنىڭ ئاساسلىق ئوت پىلتىسى نېمە؟ خىتاي كونسۇلى ۋە خىتاي سودا شەھەرچىسى نېمە ئۈچۈن نامايىشچىلارنىڭ ئاساسلىق ھۇجۇم نىشانى بولغان؟

سولومون تاقىم ئاراللىرى دۆلىتى 1978-يىلى ئەنگلىيە مۇستەملىكىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىللىق ئېلان قىلغان بولۇپ، ئاۋسترالىيەنىڭ شەرقى شىمالىغا 1600كىلومېتىر كېلىدىغان تىنچ ئوكياننىڭ ئىچىگە جايلاشقان ئارال دۆلىتى. مەزكۇر دۆلەتنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 720 مىڭ بولۇپ، ئارانلا 800 گە يېقىن ساقچىسى بار، 2017-يىلى ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىپ جىددىي ئەھۋال ئاستىدا ئاۋسترالىيە ساقچى ۋە ھەربىي تەرەپنىڭ سولومۇنغا كىرىپ ۋەزىپە ئۆتۈشىگە رۇخسەت قىلىنغان.

ئاۋسترالىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە بۇ قېتىمقى توقۇنۇشنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب بولسا مەزكۇر دۆلەتتىكى ئەڭ چوڭ ئارال مالايتا ئارىلىدىكى يەرلىك خەلقلەر مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ 2019- ئىمزالىغان تەيۋەن بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزۈپ تاشلاپ خىتاي بىلەن مۇناسىۋەت تۈزگەنلىكى ئۈچۈن بولغان ئىكەن. خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، نۇرغۇنلىغان نامايىشچى ئامما مەخسۇس خىتايلارنىڭ دۇكان، رېستۇرانلىرىنى نىشان قىلىپ بۇزۇپ چاققان بولۇپ، شۇ يەردىكى سودا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرىگە نۇرغۇن ئىقتىسادى ۋە جىسمانىي زىيانلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بەزى خەۋەر مەنبەلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە يەرلىك خەلق خىتاي كونسۇل خانىسى ئالدىغىچە بېرىپ نامايىش قىلغان. توقۇنۇش يۈز بەرگەندىن كېيىن يەرلىك دائىرىلەر بۇيرۇق چۈشۈرۈپ 36 سائەتلىك سىرتقا چىقىش چەكلىمىسىنى چۈشۈرگەن، ئەمما 25- نويابىر نامايىشچىلار داۋاملىق ھالدا خىتاي سودا دۇكانلىرىغا بولغان ئۇرۇپ چېقىشلىرىنى توختاتمىغان.   

گېرمانىيە ئاۋازى تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، سولومون ئارىلىدا يۈز بەرگەن بۇ قېتىملىق توقۇنۇشنىڭ ئاساسلىق ئوت پىلتىسى يەنىلا خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، مەزكۇر دۆلەتنىڭ ھازىرقى ھۆكۈمىتى بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنى قوللايدىكەن، ئەمما بۇ دۆلەتتىكى ئەڭ چوڭ ئۆلكە بولغان مالايتا ئۆلكىسىنىڭ تەيۋەن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئىنتايىن قويۇق ئىكەن. 2019-يىلى سولومون مەركىزى ھۆكۈمىتى قارار چىقىرىپ تەيۋەن بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزۈپ بېيجىڭ بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندا مالايتا يەرلىك ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قارشى چىققان، شۇنداقلا ھازىرغىچە تەيۋەن بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ساقلاپ قالغان. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان سەۋەبلەر تۈپەيلى بۇ دۆلەتتە ياشاۋاتقان خەلق ھۆكۈمەتنىڭ تەيۋەن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈشىگە ئىزچىل ھالدا قارشى تۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقى بۇ نامايىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىدىن بىرى ئىكەن.

 

ئىگىلىنىشىچە، 2006-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى سولومون پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلگەندە ئۆكتىچىلەر سايلام نەتىجىسىنى ئېتىراپ قىلمىغان ۋە بۇنىڭ پەردە ئارقىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قولى بار دېگەن سەۋەب بىلەن زور كۆلەمدىكى نامايىش پارتلىغان. ئەينى ۋاقىتتا يۈز بەرگەن نامايىشتىمۇ شۇ جايدىكى خىتاي سودا -سارايلىرى، رېستۇرانلىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان. بۇ قېتىملىق نامايىش مەزكۇر دۆلەتتە يۈز بەرگەن ئىككىنچى قېتىملىق خىتايغا قارشى زور كۆلەمدىكى نامايىش بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

 

سۈرەت مەنبەسى: گېرمانىيە ئاۋازى رادىئوسى

تەييارلىغۇچى: ئارمان

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

شىۋېتسارىيەدە داڭلىق ژۇرنالىست ھارالد مائاس ئەپەندى شەرقى تۈركىستاندىكى ئىرقى قىرغىنچىلىقنى شىۋېتسارىيە خەلقىگە تونۇشتۇردى

شە نويابىر 27 , 2021
شىۋېتسارىيەدە داڭلىق ژۇرنالىست ھارالد مائاس ئەپەندى شەرقى تۈركىستاندىكى ئىرقى قىرغىنچىلىقنى شىۋېتسارىيە خەلقىگە تونۇشتۇردى

You May Like