ئۇيغۇر ۋاسكېتبولچى شرئەلىجان ختتاينىڭ نەنجىڭ توڭشى ۋاسكتبول كۇلۇبى تېرىنىرى بولدى!ئۇيغۇر تەنھەرىكەتچىلەر ۋەتەن سرتىگە چىقالمايدۇ.

ختتاي كومپارتىيەسنىڭ زۇۋانى بولغان خەلق تورىنىڭ خەۋەر قىلىشچە،نوپۇزلۇق ئۇيغۇر ۋاسكىتبولچى شرئەلىجان

  داڭلىق كۇلۇبى نەنجىڭ توڭشى ۋاسكېتبول كۇلۇبىنىڭ 5-ئاينىڭ 17-كۈنى ئېلان قىلىشىچە، شۇ كۈندىن باشلاپ شىرئەلىجان مۇختەر كۇلۇب بىرىنچى سەپ كوماندىسىنىڭ باش تىرېنېرى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قوشۇمچە توپچى سالاھىيىتىدە بولىدىكەن

ئۇيغۇر ۋاسكېتبولچى شرئەلىجان ختتاينىڭ نەنجىڭ توڭشى ۋاسكتبول كۇلۇبى تېرىنىرى بولدى!ئۇيغۇر تەنھەرىكەتچىلەر ۋەتەن سرتىگە چىقالمايدۇ.

 

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى،26-ئاۋغۇست، 2022-يىلى

 

ختتاي كومپارتىيەسنىڭ زۇۋانى بولغان خەلق تورىنىڭ خەۋەر قىلىشچە، نوپۇزلۇق ئۇيغۇر ۋاسكىتبولچى شرئەلىجان ختتاينىڭ

  داڭلىق كۇلۇبى نەنجىڭ توڭشى ۋاسكېتبول كۇلۇبى بىرىنچى سەپ كوماندىسىنىڭ باش تىرېنېرى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قوشۇمچە توپچى سالاھىيىتىدە بولىدىكەن

ختتاي يىللاردىن بىرى -ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىرقى قىرغىنچىلىق سياسىتى يول قويۇپ كەلگەن بولۇپ، ناھايتى ئاز ساندىكى ئۇيغۇرلارنى تاللاپ،ئ‍ۆزىگە يېقىنلاشتۇرۇپ،ئۇلاردىن تەشۋىقات جەھەتتە پايدىلانماقتا،شرئەلىجان، نىغمەت،دىلرابا، پەرھات قاتارلىقلار شۇلارنىڭ بىر قسمى.

  بۇ يىل 31 ياشقا كىرگەن شىرئەلىجان 2020-يىلى نەنجىڭ توڭشى كوماندىسىغا قوشۇلۇپ، كوماندا رەھبىرىگە ئايلاندى، 2020-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە بولغان مۇسابىقە پەسلىدە، ئۇ ئوتتۇرىچە ھەربىر مەيداندا 16.6 نومۇر ئېلىپ، 9.1 قېتىم ھۇجۇمغا ياردەم قىلىپ، تەخمىنەن «قوش ئىككى خانىلىق» نەتىجىگە ئېرىشتى، بۇنىڭ ئىچىدە مەيدان بويىچە ئوتتۇرىچە ياردەمچى ھۇجۇم ۋە ئۈچ نومۇرلۇق توپ كىرگۈزۈش سانى CBA دىكى يەرلىك توپچىلارنىڭ ئالدىدا تۇردى. 2021-2022 مۇسابىقە پەسلىدىكى ئادەتتىكى مۇسابىقىدە ئۇ يارىلانغانلىقتىن، پەقەت 20 مەيدانلا مۇسابىقىگە قاتناشتى، ھەربىر مەيداندا 17.2 نومۇر ئېلىپ، 8.9 قېتىم ياردەمچى ھۇجۇمغا ئۆتتى، ئوتتۇرىچە ھەربىر مەيداندا ياردەمچى ھۇجۇم ۋە ئۈچ نومۇرلۇق توپ كىرگۈزۈش سانى يەنىلا بىرلەشمە مۇسابىقىدىكى بارلىق توپچىلار ئىچىدە ئالدىنقى بەشنىڭ ئىچىدە تۇردى.

 

  تۇڭشى كۇلۇبى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىرئەلىجان قالتىس بولغان ۋاسكېتبول ئىدىيەسى، ئېھتىياتچان خىزمەت ئۇسلۇبىغا ئىگە، شۇنداقلا كوماندا ئەزالىرىنى رىغبەتلەندۈرۈش ۋە يېتىشتۈرۈشكە ماھىر، ئۇنىڭ كوماندىنى باشلاپ، يېڭى مۇسابىقە پەسلىدە پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز

 

بىر قسم ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر مۇنداق قارىماقتا: ئۇيغۇرلاردا ئۇنېۋرسال تەنتەرببيە تۈرلىرىدە ناھايتى يېتشكەن، ماھىر تەنھەرىكەتچىلەر بولۇپ،ختتاي ئۇلارنى خەلقئارا كۇلۇپلار بىلەن ئالاقىلىشش ۋە ھەمكارلىششقا يول قويمايدۇ.

ئىلگىرى تونۇلغان پۇتبۇل ماھىرلىرىنىڭ قاماققا ئىلىنىشى -خەلقئارادا تاراتقۇلاردا ئىلان قىلىنغانىدى.

  ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە توڭشىنىڭ نەتىجىسى ياخشى بولمىدى، 38 مەيدان ئادەتتىكى مۇسابىقىدە پەقەت ئىككى مەيدان ئۇتۇپ، 36 مەيدان ئۇتتۇرۇشتەك نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلدى، جۇغلانما نومۇردا ئەڭ تۆۋەندە تۇردى ھەمدە 27 قېتىم ئۇدا مەغلۇپ بولغان CBA ئۇدا مەغلۇپ بولۇش رېكورتىنى ياراتتى

 

UT-Uyghur Reporter 4

Next Post

ختتاي «يەكەن،چاقىلىق، كېرىيە، تۇمشۇق» قاتارلىق تۆت جايغا يېڭى ئايرۇدۇرۇم سالغان، مەقسەت ختتاي كۆچمەنلىرىنى تىز سۈرئەتتە كۆچۈرۈش!

جۈ ئاۋغۇست 26 , 2022
ختتاي دائىرلىرى شەرقى تۈركستان-ئۇيغۇرستاننىڭ تۆت ناھىيە شەھىرىگە يېڭى تۆت ئايرۇدۇرۇم سالغان بولۇپ، بۇلار ئايرىم -ئايرىم ھالدا، يەكەن، چاقىلىق،كېرىيە، تۇمشۇق قاتارلىق جايلار ئىكەن.

You May Like