شىېئر:ئۆيلەندىم

ئەجدادلىرىم كۆرمىگەن بىگانىغا ئۆيلەندىم،


 

تاھىر تالىپ

 

ئەجدادلىرىم  كۆرمىگەن  بىگانىغا  ئۆيلەندىم،

 

ۋەتىنى يوق – يۇرتى يوق سەرسانىغا ئۆيلەندىم.

 

ساۋاپ ئىزدەپ ئەمەس ھېچ، گۇناھىمنى تەن ئېلىپ،

 

نىكاھ  تىلەپ  كەلگەن  بىر  دىۋانىغا ئۆيلەندىم.

 

كەڭ جاھاننىڭ بۈرجىكى قوشنا ئۆيدۇر ئۇنىڭغا،

 

يەر  شارىنىڭ  ھەمراھى  شەيتانىغا  ئۆيلەندىم.

 

مىجەز-خۇلقى ئاجايىپ: كۈندە مىڭ رەت ئۆزگىرەر،

 

كۈندە  باشقا  چۈش   كۆرەر ئەپسانىغا ئۆيلەندىم.

 

بەكمۇ سۆزمەن، جاھاندا بىلمەيدىغان گېپى يوق،

 

بايمەن  شۇڭا،  ئەڭ كاتتا سۆز كانىغا ئۆيلەندىم.

 

پىلىمۇتتەك  ئاغزى  بار ،  ئۇپرىمايدۇ ،  تالمايدۇ،

 

راست گەپ دىگەن ئەسلا يوق، يالغانىغا ئۆيلەندىم.

 

يالماۋۇزدۇر  تەلەتى ،  زۇلمەت  ياغار  ئەپتىدىن،

 

خۇشاللىقتىن ئەسەر يوق زىندانىغا ئۆيلەندىم.

 

جاپا، خورلۇق، نۇمۇسلار ئۇنىڭ ئۈچۈن ھېچنىمە،

 

پۇل-مال ئۈچۈن جان بىرەر مەردانىغا ئۆيلەندىم.

 

پۇت-قوللىرى كالامپاي، گۈلزارىمنى چەيلىدى،

 

كىپىنىنى   يەيدىغان   ۋەيرانىغا   ئۆيلەندىم.

 

تاس قالىدۇ ھەتتاكى يەپ قويغىلى مېنى ھەم،

 

داخىر كولۋا-تويماسنىڭ خۇمدانىغا ئۆيلەندىم.

 

ۋەدىلىرى چىرايلىق، سانى قۇمدەك، يۇلتۇزدەك،

 

لېكىن  دىلى  قۇندۇزدەك ،  قاپقانىغا ئۆيلەندىم.

 

لېكىن ئەمىن بولۇڭلار، گۆركارىمەن جۈپتۈمنىڭ،

 

ئۆزۈم ئۆچمەس بىر يالقۇن ،  پەرۋانىغا ئۆيلەندىم.

 

2008- يىلى 23-24. فىۋرال. قەشقەر

 

 

UT-Uyghur Reporter 17

Next Post

ياش شائىر ئىمران سادائىنىڭ شېئىرلىرى تۈرك دۇنياسىدىكى شائىرلارنىڭ تارىخى ۋە شېئىرلىرىدىن تاللانما ناملىق توپلامغا كىرگۈزۈلدى

جۈ مارت 27 , 2020
تۈركىيەدە ياشاپ ئۇيغۇرچە ھەم تۈركچە ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان شائىر ئىمران سادائىنىڭ شېئىرلىرى تۈرك دۇنياسىدىكى شائىرلارنىڭ تارىخى ۋە شېئىرلىرىدىن تاللانما ناملىق توپلامغا كىرگۈزۈلدى. بۇ توپلامغا 13-قېتىملىق خەلقئارالىق شېئر پائالىيىتىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەردىن ئىشتىراك قىلغان شائىرلار تاللانغان.

You May Like