ئامىنە ۋايىت (سەدەف)
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2020-09-30
تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە ئۈچ كۈن داۋاملاشقان 12- نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى ۋە 3- نۆۋەتلىك مىللىي بىرلىك شۇراسى 28- سىنتەبىر غەلىبىلىك ئاياغلاشتى.
ئۈچ كۈنلۈك يىغىن جەريانىدا، يىغىنغا قاتناشقان ھەرقايسى تەشكىلات، جەمئىيەت رەھبەرلىرى ئۆز تەشكىلاتلىرىنىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەت پىلانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھەرقايسى ساھەدىكى ئاكادېمىكلەر، مۇتەخەسسىسلەر شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە مۇناسىۋەتلىك ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي تېمىلاردا مۇھىم لىكسىيەلەرنى سۆزلىدى ۋە مەخسۇس مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.
يىغىننىڭ 3- كۈنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ھەم شۇنداقلا تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھېدايەتۇللاھ ئوغۇزخان يېپىلىش نۇتقى سۆزلىدى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۆلىمالار بىرلىكى، ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتى قاتارلىق 28 تەشكىلات بىلەن بىرلىكتە تەييارلىغان ھەمكارلىق خىتاپنامىسىنى ئېلان قىلدى.
خىتاپنامىدا تەشكىلاتلار ئۆزئارا ھەمكارلىشىش، پىكىر ئوخشىماسلىقلارغا ھۆرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلىش، ئىچكى ۋە تاشقى دۈشمەنگە بىرلىكتە قارشى تۇرۇش، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان دېپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى تېخىمۇ كۈچەيتىش قاتارلىق نۇقتىلار تەكىتلەندى.
ئاخىرىدا، يىغىن قاتناشقۇچىلىرى يېڭىدىن پۈتكەن شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ئۆيى ۋە شەرقىي تۈركىستان داۋاسىدىكى مۇھىم تارىخىي شەخس مۇھەممەت ئىمىن بۇغرانىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلدى.