شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى خىتاي ئۈستىدىن سۇنۇلغان ئەرىزنامە كەڭ قوللاشقا ئىرىشمەكتە

بۇ يىل 7-ئايدا، غولام ئوسمان ئەپەندى پىرىزدىنتلىكىدىكى شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى ۋە سالىھ خۇدايار باشچىلىقىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئويغىنىش ھەرىكىتى گوللاندىيەد دەنھاخ شەھرىدىكى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىقا خىتاي ئۈستىدىن قىلىنغان ئەرىزنامە سۇنۇلغان ئىدى!

 

 

تارىم

 

2020-11-9

 

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

 

بۇ يىل 7-ئايدا،  غولام ئوسمان ئەپەندى پىرىزدىنتلىكىدىكى شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى ۋە سالىھ خۇدايار باشچىلىقىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئويغىنىش ھەرىكىتى گوللاندىيەد دەنھاخ شەھرىدىكى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىقا خىتاي ئۈستىدىن قىلىنغان ئەرىزنامە سۇنۇلغان ئىدى!

 

نۆۋەتتە، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى خەلقئارا پارلامېنت ئەزالىرى ئىتتىپاقى تەرىپىدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق شىكايەتلىرىنى قوبۇل قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

 

16 دۆلەتتىكى 60 دىن ئارتۇق پارلامېنت ئەزاسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. ئۇ ئەنگىلىيە كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىنىڭ سابىق رەھبىرى سىر ئىئىن دانكان سىمىس ، ئاۋىستىرالىيە ئەمگەكچىلەر پارتىيىسىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى كىمبېرلېي كىچىڭ ۋە گېرمانىيە يېشىل پارتىيىسىنىڭ مارگارېتې سەۋەبى قاتارلىق بىر قانچە دۆلەتتە پارتىيە ھالقىغان قوللاشقا ئېرىشكەن. بۇ ھەقتە مەخسۇس خىتايغا قارشى پارلامىنتلار ئارا ئىتتىپاق شەكىللەندۈرگەن.

 

ئىگەللىنىشچە، مەزكۇر ئىتتىپاقنى شەكىللەندۈرۈشتە ئۇيغۇر، تىبەت، خوڭكوڭ ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىمۇ مۇھىم رول ئوينىغان بولۇپ، يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى مەسلىھەتچىلەر گۇرۇپپىسىدا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى لوندون ئىشخانىسى مۇدىرى رەھىمە مەخمۇت خانىم مەزكۇر ئىتتىپاقنىڭ كاتىبات ئىشخانىسىدا خىزمەت قىلىدىكەن.

 

 ئەرزنامىدە:« خىتتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈرك خەلقلىرىگە قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى باشقا جىنايەتلەرنى سادىر قىلماقتا» دىيىلگەن.

 

خىتتاي خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە ئىمزا قويمىغان.  ئەمما دەۋادا دېيىلىشىچە ، سوت ئىلگىرى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى دۆلەت تەۋەلىكىدە باشلانغان جىنايەتلەرنىڭ، باشقۇرۇش تەۋەلىكىگە كىرىدىغانلىقى توغرىسىدا ھۆكۈم چىقارغان. بۇ ئۈلگە 2019-يىلى بېرمىدا روھىنگا مۇسۇلمانلىرىغا قارىتىلغان جىنايەتكە چېتىشلىق دېلودا قۇرۇلدى. خەتتە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ  نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ تاجىكىستان ۋە كامبودژادىن خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقى، بۇ دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە ئىمزا قويغان دۆلەتلەر ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

 

باش تەپتىش فاتۇ بېنسۇداغا ئەۋەتىلگەن بۇ تەلەپ جو بايدىن پرېزىدېنتلىققا سايلانغاندىن بۇيان كىشىلىك ھوقۇق ھاۋاسىنىڭ دەسلەپكى سىناق دېلوسى دەپ قارالدى.

 

بۇ دېلو دونالد ترامپنىڭ مەغلۇبىيىتى بىلەن قۇرۇلغان يېڭى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مۇھىتىدىكى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى ئۈچۈن دەسلەپكى سىناق.

 

خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى 2002-يىلى ب د ت شەرتنامىسى بىلەن تۈزۈلگەن بولۇپ ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ، ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتى ۋە ئۇرۇش جىنايىتىگە مەسئۇل كىشىلەرنى تەكشۈرۈپ ، سوتقا تارتىدۇ ، دۆلەت ئورگانلىرى ئەرز قىلالمىغان ياكى ئەرز قىلمىغان ۋاقىتتا ئارىلىشىدۇ.

 

 

 

مەنبە:

 

https://iuyghur.com/?p=111739

 

https://amp.theguardian.com/world/2020/nov/09/icc-uighur-genocide-complaint-parliamentarians-world-chinese-government?fbclid=IwAR2CIhjebvKniP8aYuJarj2Q6LIKXaWON1T0mtBUK9e0z48H3tA1cSs7dDo

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

ترامپ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئېسپېرنى ئىشتىن بوشاتتى

دۈ نويابىر 9 , 2020
پرېزىدېنت ترامپ بۈگۈن (9- نويابىر) تىۋىتتىردا مۇنداق دېدى: مەن دۆلەت تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش مەركىزىنىڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر دىرېكتورى (كېڭەش پالاتاسى تەرىپىدىن بىردەك مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن) كرىستوفىر مىللېر (Christopher C. Miller) نىڭ ھازىردىن باشلاپ مۇۋەققەت دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىمدىن خۇشالمەن.

You May Like