شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىس ۋەكىلى مەھمۇدجان داموللامنىڭ قاتار زىيارىتى داۋام قىلىۋاتىدۇ.
دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكىنىڭ قۇرغۇچى رەئىسى ئەللامە، ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي رەھىمەھۇللاھنىڭ جىنازىسىغا قاتنىشىش ئۈچۈن قاتارغا بارغان ئۇستاز مەھمۇدجان داموللامنىڭ قاتار زىيارىتى داۋام قىلىۋاتىدۇ.
مەھمۇدجان داموللام، ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي رەھىمەھۇللاھنىڭ جىنازە نامىزىدىن كېيىن، مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكىنىڭ مەركىزىگە تەزىيە ئۈچۈن يىغىلغان، مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكىنىڭ باش كاتىپى ئەللامە شەيخ ئەلى قەرەداغي، ئەللامە شەيخ مۇھەممەد ھەسەن ئەددەدو، شەيخ مۇھەممەد ئەسسەغىر ۋە شەيخ قەرداۋىينىڭ ئوغۇللىرى قاتارلىق كىشىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ تەزىيە بىلدۈردى.
تەزىيە ئۈچۈن يىغىلغان مېھمانلارغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن مەھمۇدجان داموللام، 2022-يىلى 09-ئاينىڭ 29 – كۈنى كەچتە، ئەلجەزىيرە قانىلى كەچلىك پروگراممىسىنىڭ مېھمىنى سۈپىتىدە قاتنىشىپ شەرقىي تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقان زۇلۇم ۋە ئىرقى قىرغىنچىلىقنى ئاڭلاتتى.